پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ |
([ئۇلار]: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ [ئۆتكەنكى] كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ [دەپ سورىدى]. |
يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى) |
ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ |
مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن! |
مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ. |
ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ. |
لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ |
كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. |
چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. |
ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ |
ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ |
مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ مېۋىسى بويىچە سىلەرگە يېقىنلىشىپ جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ۋە مەن ئۇنىڭ ئورمانلىقىدا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. |