داۋۇت ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن بارلىق سەرخىل ئادەملەرنى يىغىۋىدى، بۇلار ئوتتۇز مىڭ چىقتى. |
ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن يەھۇدادىكى بائالاھغا چىقتى؛ ساندۇق [مۇقەددەس] نام بىلەن، يەنى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىدى. |
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدە يېڭى بىر ھارۋىغا سېلىپ، ئۇنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززاھ بىلەن ئاھىيو ئۇ يېڭى ھارۋىنى ھەيدىدى. |
ئۇلار ھارۋىنى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن دۆڭدە ئولتۇرۇشلۇق ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقتى؛ ئاھىيو ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. |
داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەنتەنە قىلىپ كۈي ئوقۇپ چىلتار، تەمبۇر، داپ، داقا-دۇمباق ۋە چاڭلار چېلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. |
لېكىن ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە، كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇززاھ قولىنى سوزۇپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تۇتىۋالدى. |
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇززاھقا قوزغالدى؛ ئۇ خاتا قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇنى خۇدا شۇ يەردە ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا يىقىلىپ ئۆلدى. |
لېكىن داۋۇت بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. |
ئۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزۈمنىڭكىگە قايسى يول بىلەن ئەكېلەرمەن؟ ــ دېدى. |
شۇنىڭ ئۈچۈن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»گە، ئۆزىنىڭكىگە يۆتكەشنى خالىمىدى؛ داۋۇت ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە قالدۇردى. |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆيىدىكىلەرنى بەرىكەتلىدى. |
داۋۇت پادىشاھقا: ــ «پەرۋەردىگار ئۆز ئەھدە ساندۇقى ۋەجىدىن ئوبەد-ئېدوم ۋە ئۇنىڭ بارىنى بەرىكەتلىدى» دەپ ئېيتىلدى. شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، خۇشلۇق بىلەن داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. |
پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئالتە قەدەم مېڭىپ، شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر بۇقا بىلەن بىر بورداق موزاينى قۇربانلىق قىلدى. |
داۋۇت بولسا كاناپ ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇسسۇل ئوينايتتى؛ |
داۋۇت بىلەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتى تەنتەنە قىلىپ ۋارقىرىشىپ، كاناي چېلىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىۋاتاتتى. |
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇتنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كىرىلگىنىدە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال دېرىزىدىن قاراپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ سەكرەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز كۆڭلىدە مەنسىتمىدى. |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كىرىپ، داۋۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن تىكتۈرگەن چېدىرنىڭ ئوتتۇرسىدا قويدى. ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. |
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ بولۇپ، خالايىققا ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. |
ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن قوتۇرماچ، بىردىن خورما پوشكىلى ۋە بىردىن ئۈزۈم پوشكىلىنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئاندىن خەلقنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. |
داۋۇت ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يېنىپ كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىقال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆزىنى شۇنچە شەرەپلىك كۆرسەتتىمۇ، قانداق؟ ئۇ خۇددى پەس بىر ئادەمنىڭ نومۇسسىزلاچە ئۆزىنى يالىڭاچلىغىنىغا ئوخشاش، خىزمەتكارلىرىنىڭ دېدەكلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنى يالىڭاچلىدى! |
داۋۇت مىقالغا: ئۇنداق [شادلانغىنىم] پەرۋەردىگار ئالدىدا ئىدى. ئۇ ئاتاڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆرۈپ، مېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىل ئۈستىگە باشلامچى قىلىپ تىكلىدى. شۇڭا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئوينايمەن! |
ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەرزىمەس قىلىپ، ئۆز نەزىرىمدە ئۆزۈم تۆۋەن بولۇشقا رازىمەن. لېكىن سەن ئېيتقان ئۇ دېدەكلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمەن ــ دېدى. |
سائۇلنىڭ قىزى مىقال بولسا، ئۆلىدىغان كۈنىگىچە بالا تۇغمىدى. |