شۇ كۈنىدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا مۇنۇ ناخشا ئېيتىلىدۇ: ــ «مۇستەھكەم بىر شەھىرىمىز بار؛ ئۇ نىجاتلىقنى ئۇنىڭغا سېپىل ۋە تىرەكلەر قىلىپ بېكىتىپ قويىدۇ. |
ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار! |
كىم ئۆزىنىڭ ئەقىدە، ئوي-خىيالى ساڭا باغلىغان بولسا، سەن ئۇنى مۇتلەق خاتىرجەملىكتە ساقلايسەن؛ چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشەنچ-ئېتىقاد باغلىغاندۇر. |
مەڭگۈگە پەرۋەردىگارغا تايىنىڭلار؛ چۈنكى ياھ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئەبەدىلئەبەدلىك بىر قورام تاشتۇر. |
چۈنكى ئۇ يۇقىرىدا تۇرغانلارنى پەسكە چۈشۈرىدۇ؛ ئاشۇ ئالىي شەھەرنى، ئۇ پەس قىلىدۇ؛ ئۇنى يەرگە چۈشۈرۈپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. |
ئۇ پۇت بىلەن چەيلىنىدۇ؛ ئۇ مۆمىنلەرنىڭ پۇتلىرى، مىسكىنلەرنىڭ قەدەملىرى بىلەن چەيلىنىدۇ! |
ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن. |
ئى پەرۋەردىگار، بىز دەرھەقىقەت سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ يولىدا مېڭىپ، سېنى كۈتۈپ كەلدۇق؛ جېنىمىزنىڭ تەشنالىقى شۇدۇركى، نامىڭ ۋە شۆھرىتىڭ ئاشسۇن! |
ۋۇجۇدۇم بىلەن كېچىلەردە ساڭا تەشنا بولدۇممەن؛ بەرھەق، تاڭ سەھەرلەردىمۇ روھىم بىلەن ئىچ-ئىچىمدىن سېنى ئىزدىدىم؛ چۈنكى ھۆكۈملىرىڭ يەر يۈزىدە كۆرۈنگەن بولسا، يەر يۈزىدىكىلەر ھەققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. |
رەزىل ئادەمگە رەھىم كۆرسىتىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھەققانىيلىقنى ئۆگەنمەيدۇ؛ ھەتتا دۇرۇسلۇق تۇرغان زېمىندىمۇ ئۇ يەنىلا ئادىلسىزلىق قىلىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى كۆرمەيدۇ. |
ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن [تەييارلانغان] ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ. |
ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە خاتىرجەملىك نېسىپ قىلىسەن؛ چۈنكى بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ ۋۇجۇقا چىقارغانسەن. |
دەرۋەقە، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، ئىلگىرى سەندىن باشقا «رەبلەر» ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئەمدىلىكتە پەقەت ساڭا تايىنىپلا نامىڭنى ئەسلەپ تىلغا ئالىمىز. |
ئۇلار بولسا ئۆلدى، قايتىدىن ياشىمايدۇ؛ ئەرۋاھ بولۇپ كەتتى، قايتا تىرىلمەيدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ يوقاتتىڭ، ئۇلارنى ئادەملەرنىڭ ئېسىدىمۇ قىلچە قالدۇرمىدىڭ. |
سەن ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئەلنى ئۇلغايتقانسەن، ئۆزۈڭگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنسەن؛ زېمىننىڭ چېگرالىرىنى ھەرتەرەپكە ئۇزارتقانسەن. |
ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار دەرد-ئەلەم ئىچىدە قالغاندا، سېنى ئىزدىدى؛ تەربىيىلىك جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە، ئۇلار ئاھ ئۇرۇپ، پىچىرلاپ بىر دۇئانى قىلدى: ــ |
«بوشىنىش ئالدىدا تۇرغان، تولغىقى تۇتۇپ، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان بىر ھامىلىدار ئايالدەك، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنداق بولدۇق، ئى پەرۋەردىگار. |
بىز ئىككى قات بولۇپ، تولغاققا چۈشتۇق، بىراق پەقەت يەللا چىقاردۇق؛ يەر يۈزىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچ نىجات-قۇتقۇزۇشنى يەتكۈزمىدۇق؛ دۇنيادىكى ئادەملەر ھېچ تۇغۇلمىدى». |
«ساڭا تەۋە ئۆلگەن ئادەملەر ياشايدۇ؛ مېنىڭ جەسىتىمنىڭ [تىرىلىشى بىلەن تەڭ] ئۇلارمۇ تىرىلىدۇ. ئى توپا-چاڭدا ياتقانلار، ئويغىنىپ ناخشا ياڭرىتىڭلار! شەبنىمىڭ تاڭ سەھەرنىڭ شەبنىمىدەكتۇر؛ يەر-زېمىن ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ. |
ئى خەلقىم، كېلىڭلار، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ، كەينىڭلاردىن ئىشىكلەرنى ئېتىپ قويۇڭلار؛ مېنىڭ دەرغەزىپىم ئۆتكۈچە، ئۆزۈڭنى بىر دەملىك يوشۇرۇۋال. |
چۈنكى قارا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرماقچى؛ يەر بولسا ئۈستىگە تۆكۈلگەن قانلارنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھامان يېپىۋەرمەيدۇ. |