< 2 Reis 25 >

1 No nono ano de seu reinado, no décimo mês, no décimo dia do mês, veio Nabucodonosor, rei da Babilônia, ele e todo seu exército, contra Jerusalém, e se acamparam contra ela; e construíram fortes contra ela em torno dela.
ئاندىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ھەمدە ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى.
2 Assim a cidade foi sitiada até o décimo primeiro ano do rei Zedequias.
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى.
3 No nono dia do quarto mês, a fome era severa na cidade, de modo que não havia pão para o povo da terra.
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى.
4 Então foi feita uma brecha na cidade, e todos os homens de guerra fugiram à noite pelo caminho do portão entre os dois muros, que ficava junto ao jardim do rei (agora os caldeus estavam contra a cidade ao redor); e o rei foi pelo caminho do Arabah.
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەريېنىدا تۇراتتى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى.
5 Mas o exército caldeu perseguiu o rei e o alcançou nas planícies de Jericó; e todo o seu exército se dispersou dele.
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى.
6 Então capturaram o rei e o levaram até o rei da Babilônia para Ribla; e o julgaram.
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇلار شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردى.
7 Eles mataram os filhos de Zedequias diante de seus olhos, depois arrancaram os olhos de Zedequias, amarraram-no em grilhões e o levaram para Babilônia.
[بابىل پادىشاھى] زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ ئۇ ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.
8 Agora no quinto mês, no sétimo dia do mês, que era o décimo nono ano do rei Nabucodonosor, rei da Babilônia, Nebuzaradan, o capitão da guarda, servo do rei da Babilônia, veio a Jerusalém.
ۋە بەشىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمەتكارى، پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
9 Ele queimou a casa de Javé, a casa do rei, e todas as casas de Jerusalém. Ele queimou todas as grandes casas com fogo.
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى.
10 Todo o exército dos caldeus, que estava com o capitão da guarda, derrubou os muros ao redor de Jerusalém.
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى.
11 Nebuzaradan o capitão da guarda levou cativo o resto do povo que ficou na cidade e aqueles que tinham desertado para o rei da Babilônia - todo o resto da multidão.
پاسىبان بېگى نېبوزار-ئادان شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
12 Mas o capitão da guarda deixou alguns dos mais pobres da terra para trabalhar os vinhedos e os campos.
لېكىن پاسىبان بېگى زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.
13 Os caldeus quebraram os pilares de bronze que estavam na casa de Yahweh e as bases e o mar de bronze que estavam na casa de Yahweh, e levaram as peças de bronze para a Babilônia.
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
14 Eles tiraram as panelas, as pás, os rapé, as colheres e todos os vasos de bronze com os quais ministraram.
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛
15 O capitão da guarda tirou as panelas de fogo, as bacias, o que era de ouro, para o ouro, e o que era de prata, para a prata.
خۇشبۇيدانلار ۋە قاچىلارنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى.
16 Os dois pilares, o único mar, e as bases, que Salomão havia feito para a casa de Yahweh, o bronze de todas estas embarcações não foi pesado.
ۋە سۇلايمان [پادىشاھ] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»نى، شۇنداقلا داس تەگلىكلىرىنى ئېلىپ كەتتى؛ بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
17 A altura de um pilar era de dezoito côvados, e sobre ele havia um capital de bronze. A altura do capital era de três côvados, com rede e romãs na capital ao redor, tudo de bronze; e o segundo pilar com sua rede era como estes.
بىرىنچى تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى تاجى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسىدا بېزەلگەنىدى.
18 O capitão da guarda levou Seraías, o sacerdote chefe, Sofonias, o segundo sacerdote, e os três guardas do umbral;
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى.
19 e da cidade ele levou um oficial que foi colocado sobre os homens de guerra; e cinco homens daqueles que viram o rosto do rei, que foram encontrados na cidade; e o escriba, o capitão do exército, que reuniu o povo da terra, e sessenta homens do povo da terra, que foram encontrados na cidade.
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن بەشىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى.
20 Nebuzaradan o capitão da guarda os levou e os trouxe ao rei da Babilônia para Riblah.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى.
21 O rei da Babilônia os atacou e os matou em Riblah, na terra de Hamath. Então Judá foi levado cativo para fora de sua terra.
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى.
22 Quanto ao povo que ficou na terra de Judá, que Nabucodonosor, rei da Babilônia, havia deixado, até mesmo sobre eles fez de Gedalias o filho de Ahikam, o filho de Shaphan, governador.
يەھۇدا زېمىنىدا قالغان كىشىلەرنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار قالدۇرغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇ ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى تەيىنلىدى.
23 Agora quando todos os capitães das forças, eles e seus homens, ouviram que o rei da Babilônia havia feito Gedalias governador, vieram a Gedalias para Mizpá, até mesmo Ismael, filho de Netanias, Johananan, filho de Kareah, Seraías, filho de Tanhumeth, o netofatita, e Jaazanias, filho do maacatita, eles e seus homens.
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى؛ شۇنىڭ بىلەن [بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن] مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلار بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، نەتوفاتلىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە مائاكات جەمەتىدىن بىرسىنىڭ ئوغلى جائازانىيا ئىدى.
24 Gedaliah jurou a eles e a seus homens, e lhes disse: “Não tenham medo por causa dos servos dos caldeus. Habitem na terra e sirvam o rei da Babilônia, e estará bem com vocês”.
گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ» دەپ قەسەم قىلدى.
25 Mas no sétimo mês, veio Ismael, filho de Nethaniah, filho de Elishama, da descendência real, e dez homens com ele, e atingiu Gedaliah para que ele morresse, com os judeus e os caldeus que estavam com ele em Mizpah.
ئەمدى يەتتىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، شاھزادە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل ئون ئادەم ئېلىپ كېلىپ، گەدالىيانى ھەم مىزپاھدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان يەھۇدىيلار ۋە كالدىيلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
26 Todo o povo, tanto pequeno quanto grande, e os capitães das forças se levantaram e vieram ao Egito; pois tinham medo dos caldeus.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن، ۋە لەشكەر باشلىقلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ مىسىرغا كىردى؛ چۈنكى ئۇلار كالدىيلەردىن قورقاتتى.
27 No trigésimo sétimo ano do cativeiro de Joaquim, rei de Judá, no décimo segundo mês, no vigésimo sétimo dia do mês, Evilmerodach, rei da Babilônia, no ano em que começou a reinar, libertou Joaquim, rei de Judá, da prisão,
ۋە شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى مۇنۇ ئىش يۈز بەردى؛ ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛
28 e falou gentilmente com ele e colocou seu trono acima do trono dos reis que estavam com ele na Babilônia,
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆزى بىلەن بىرگە بابىلدا تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛
29 e mudou suas vestes de prisão. Jehoiachin comeu pão diante dele continuamente todos os dias de sua vida;
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
30 e para sua mesada, houve uma mesada contínua dada pelo rei, todos os dias uma porção, todos os dias de sua vida.
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، [بابىل] پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇنىڭغا ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان.

< 2 Reis 25 >