«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛ |
ئۇ پەرۋەردىگارغا قانداق قەسەم ئىچكەن، ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىگە قانداق ۋەدە قىلغان: ــ |
«پەرۋەردىگارغا تۇرار جاينى، ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك ئىگىسىگە ماكاننى تاپمىغۇچە، ئۆيۈمدىكى ھۇجرىغا كىرمەيمەن، كارىۋاتتىكى كۆرپەمگە چىقمايمەن، كۆزۈمگە ئۇيقۇنى، قاپاقلىرىمغا مۈگدەشنى بەرمەيمەن». |
مانا، بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق؛ ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق؛ |
ئۇنىڭ تۇرار جايلىرىغا بېرىپ كىرەيلى، ئۇنىڭ تەختىپەرى ئالدىدا سەجدە قىلايلى؛ |
ئورنۇڭدىن تۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، سەن قۇدرىتىڭنىڭ ئىپادىسى ئەھدە ساندۇقۇڭ بىلەن، ئۆز ئارامگاھىڭغا كىرگىن! |
كاھىنلىرىڭ ھەققانىيلىق بىلەن كىيىندۈرۈلسۇن، مۆمىن بەندىلىرىڭ تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭراتسۇن! |
قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ |
پەرۋەردىگار ئۆز ھەقىقىتى بىلەن داۋۇتقا شۇ قەسەمنى قىلدى، ئۇ ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايدۇ: ــ ئۇ: ــ «ئۆز پۇشتىڭدىن چىققان مېۋىدىن بىرسىنى تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىمەن؛ |
پەرزەنتلىرىڭ مېنىڭ ئەھدەمنى، ھەم مەن ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان ئاگاھ-گۇۋاھلىرىمنى تۇتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى مەڭگۈگە تەختىڭدە ئولتۇرىدۇ» ــ دېگەن. |
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى تاللىغان؛ ئۇ ئۆز ماكانى ئۈچۈن ئۇنى خالىغان. |
مانا ئۇ: ــ «بۇ مەڭگۈگە بولىدىغان ئارامگاھىمدۇر؛ مۇشۇ يەردە تۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇنى خالايمەن. |
مەن ئۇنىڭ رىزقىنى ئىنتايىن زور بەرىكەتلەيمەن؛ ئۇنىڭ يوقسۇللىرىنى نان بىلەن قاندۇرىمەن؛ |
ئۇنىڭ كاھىنلىرىغا نىجاتلىقنى كىيگۈزىمەن، ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شادلىقتىن تەنتەنىلىك ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ. |
مەن بۇ يەردە داۋۇتنىڭ مۈڭگۈزىنى بىخلاندۇرىمەن؛ ئۆزۈمنىڭ مەسىھ قىلغىنىم ئۈچۈن يورۇق بىر چىراغ بېكىتكەنمەن؛ |
ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىكنى كىيگۈزىمەن؛ ئەمما ئۇنىڭ كىيگەن تاجى بېشىدا روناق تاپىدۇ» ــ دېدى. |