ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! |
مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! |
مەن ئۆز دوستلىرىمغا مازاق ئوبيېكتى بولدۇم؛ مەندەك تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، دۇئاسى ئىجابەت بولغان كىشى، ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم مازاق قىلىندى! |
راھەتتە ئولتۇرغان كىشىلەر كۆڭلىدە ھەرقانداق كۈلپەتنى نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ ئۇلار: «كۈلپەتلەر پۇتلىرى تېيىلىش ئالدىدا تۇرغان كىشىگىلا تەييار تۇرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. |
قاراقچىلارنىڭ چېدىرلىرى ئاۋاتلىشىدۇ؛ تەڭرىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغانلار ئامان تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلاھىنى ئۆز ئالقىنىدا كۆتۈرىدۇ. |
ئەمدى ھايۋانلاردىنمۇ سوراپ باق، ئۇلار ساڭا ئۆگىتىدۇ، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ ساڭا دەيدۇ؛ |
ۋە ياكى يەر-زېمىنغا گەپ قىلساڭچۇ، ئۇمۇ ساڭا ئۆگىتىدۇ؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار ساڭا سۆز قىلىدۇ. |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىلغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ |
بارلىق جان ئىگىلىرى، بارلىق ئەت ئىگىلىرى، جۈملىدىن بارلىق ئىنساننىڭ نەپىسى ئۇنىڭ قولىدىدۇر. |
ئېغىزدا تائامنى تېتىغاندەك، قۇلاقمۇ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى سىناپ باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ |
ياشانغانلاردا دانالىق راست تېپىلامدۇ؟ كۈنلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن يورۇتۇلۇش كېلەمدۇ؟ |
ئۇنىڭدىلا دانالىق ھەم قۇدرەت بار؛ ئۇنىڭدىلا يوليورۇق ھەم يورۇتۇش باردۇر. |
مانا، ئۇ خاراب قىلسا، ھېچكىم قايتىدىن قۇرۇپ چىقالمايدۇ؛ ئۇ قاماپ قويغان ئادەمنى ھېچكىم قويۇۋېتەلمەيدۇ. |
مانا، ئۇ سۇلارنى توختىتىۋالسا، سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئۇلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇلار يەر-زېمىننى بېسىپ ۋەيران قىلىدۇ. |
ئۇنىڭدا كۈچ-قۇدرەت، چىن ھېكمەتمۇ بار؛ ئالدىغۇچى، ئالدانغۇچىمۇ ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. |
ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ. |
ئۇ پادىشاھلار [ئەل-ئەھلىگە] سالغان كىشەنلەرنى يېشىدۇ، ئاندىن شۇ پادىشاھلارنى يالىڭاچلاپ، چاتراقلىرىنى لاتا بىلەنلا قالدۇرۇپ [شەرمەندە قىلىدۇ]. |
ئۇ كاھىنلارنى يالىڭاياغ ماڭدۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇ كۈچ-ھوقۇقدارلارنى ئاغدۇرىدۇ. |
ئۇ ئىشەنچلىك قارالغان زاتلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ؛ ئاقساقاللارنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ. |
ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۈستىگە ھاقارەت تۆكىدۇ، ئۇ پالۋانلارنىڭ بەلۋېغىنى يېشىپ [ئۇلارنى كۈچسىز قىلىدۇ]. |
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى چوڭقۇر سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ سايىسىنى يورۇتىدۇ. |
ئۇ ئەل-يۇرتلارنى ئۇلۇغلاشتۇرىدۇ ھەم ئاندىن ئۇلارنى گۇمران قىلىدۇ؛ ئەل-يۇرتلارنى كېڭەيتىدۇ، ئۇلارنى تارقىتىدۇ. |
ئۇ زېمىندىكى ئەل-جامائەتنىڭ كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنى يولسىز دەشت-باياۋاندا سەرسان قىلىپ ئازدۇرىدۇ. |
ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ. |