كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛ |
ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان. |
مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر |
(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر). |
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. |
سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. |
مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر. |
رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. |
بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. |
سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. |
يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. |
رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك [سىڭلىم] پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. |
رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. |
ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. |
فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر. |
بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام! |
قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار. |
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ. |
سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. |
ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! |
خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام. |
(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن). |
ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق. |
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن! |
ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا [شان-شەرەپ بولغاي]! (aiōnios g166) |
سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛ (aiōnios g166) |