< Provérbios 23 >

1 Quando te assentares a comer com um governador, attenta bem para o que se te poz diante,
كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ، ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان.
2 E põe uma faca á tua garganta, se és homem de grande appetite.
ئىشتىيىڭ يامان بولسا، گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت.
3 Não cubices os seus manjares gostosos, porque são pão de mentiras.
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر.
4 Não te cances para enriqueceres; dá de mão á tua prudencia.
باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما.
5 Porventura fitarás os teus olhos n'aquillo que não é nada? porque certamente se fará azas e voará ao céu como a aguia
[بايلىقلارغا] كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
6 Não comas o pão d'aquelle que tem o olho maligno, nem cubices os seus manjares gostosos.
ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛
7 Porque, como imaginou na sua alma, te dirá: Come e bebe; porém o seu coração não estará comtigo.
چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق.
8 Vomitarias o bocado que comeste, e perderias as tuas suaves palavras.
يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ.
9 Não falles aos ouvidos do tolo, porque desprezará a sabedoria das tuas palavras.
ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس.
10 Não removas os limites antigos, nem entres nas herdades dos orphãos,
قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛
11 Porque o seu redemptor é o Forte, que pleiteará a sua causa contra ti.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار.
12 Applica á disciplina o teu coração, e os teus ouvidos ás palavras do conhecimento.
نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال.
13 Não retires a disciplina da creança, quando a fustigares com a vara; nem por isso morrerá.
بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛
14 Tu a fustigarás com a vara, e livrarás a sua alma do inferno. (Sheol h7585)
سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. (Sheol h7585)
15 Filho meu, se o teu coração fôr sabio, alegrar-se-ha o meu coração, sim, o meu proprio,
ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى!
16 E exultarão os meus rins, quando os teus labios fallarem coisas rectas.
ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن.
17 Não inveje aos peccadores o teu coração; antes sê no temor do Senhor todo o dia
گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛
18 Porque devéras ha um bom fim: não será cortada a tua expectação.
شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
19 Ouve tu, filho meu, e sê sabio, e dirige no caminho o teu coração.
ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى [خۇدانىڭ] يولىغا باشلىغىن.
20 Não estejas entre os beberrões de vinho, nem entre os comilões de carne.
مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛
21 Porque o beberrão e o comilão empobrecerão; e a somnolencia faz trazer os vestidos rotos.
چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر.
22 Ouve a teu pae, que te gerou, e não desprezes a tua mãe, quando vier a envelhecer.
سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما.
23 Compra a verdade, e não a vendas: a sabedoria, e a disciplina, e a prudencia.
ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.
24 Grandemente se regozijará o pae do justo, e o que gerar a um sabio se alegrará n'elle.
ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار.
25 Alegrem-se teu pae e tua mãe, e regozije-se a que te gerou.
ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل.
26 Dá-me, filho meu, o teu coração, e os teus olhos observem os meus caminhos.
ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن!
27 Porque cova profunda é a prostituta, e poço estreito a estranha.
چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛
28 Tambem ella, como um salteador, se põe a espreitar, e multiplica entre os homens os iniquos.
ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.
29 Para quem são os ais? para quem os pezares? para quem as pelejas? para quem as queixas? para quem as feridas sem causa? e para quem os olhos vermelhos?
كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟
30 Para os que se demoram perto do vinho, para os que andam buscando bebida misturada.
دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار!
31 Não olhes para o vinho quando se mostra vermelho, quando resplandece no copo e se escoa suavemente.
شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما!
32 No seu fim morderá como a cobra, e como o basilisco picará.
ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ.
33 Os teus olhos olharão para as mulheres estranhas, e o teu coração fallará perversidades.
كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ.
34 E serás como o que dorme no meio do mar, e como o que dorme no topo do mastro.
خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن.
35 E dirás: Espancaram-me, e não me doeu; maçaram-me, e não o senti; quando virei a despertar? ainda tornarei a buscal-a outra vez
سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن.

< Provérbios 23 >