شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ قەھرى تولغان يەتتە چىنىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. |
بىرىنچىسى بېرىپ چېنىدىكىنى يەر-زېمىنغا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلاردا بىرخىل يىرگىنچلىك ھەم ئازابلىق چاقا-جاھارەت پەيدا بولدى. |
ئىككىنچىسى چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى؛ دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. |
ئۈچىنچىسى چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىغا تۆكتى؛ ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. |
ئاندىن مەن سۇلارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «مۇشۇنداق ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىڭدا ئادىل بولغانسەن، ئى ھازىر بار بولغۇچى، بار بولغان مۇقەددەس بولغۇچى! |
مۇشۇ ئادەملەر مۇقەددەس بەندىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ۋەجىدىن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار شۇنىڭغا لايىقتۇر». |
ئاندىن قۇربانگاھنىڭ جاۋابەن: ــ «شۇنداق، ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» ــ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. |
تۆتىنچىسى چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ ئۈستىگە تۆكتى؛ بۇنىڭ بىلەن قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوت بىلەن ئۆرتىگىلى قۇدرەت بېرىلدى. |
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار دەھشەتلىك قىزىقتا ئۆرتەلدى؛ بىراق ئۇلار ھېچ توۋا قىلمىدى ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانى ئۇلۇغلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نامىنى قارغاشتى. |
بەشىنچىسى چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى؛ دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى، كىشىلەر ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى |
ۋە ئاغرىق-ئازابى ۋە چاقا-جاراھەتلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغىشىپ، قىلمىشلىرىغا ھېچ توۋا قىلىشمىدى. |
ئالتىنچىسى چىنىدىكىنى ئۇلۇغ ئەفرات دەرياسىغا تۆكتى؛ شۇ ھامان كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولىنى ھازىرلاشقا دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. |
ئاندىن مەن ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ ناپاك روھنى كۆردۈم. |
بۇلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ دەھشەتلىك كۈنىدىكى جەڭگە جەم قىلىشقا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى |
(«مانا، مەن ئوغرىدەك كېلىمەن! يالىڭاچ ماڭماسلىق، نومۇسى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن، كىيىملىرىنى چىڭ ساقلاپ، سەگەك تۇرغانلار بەختلىكتۇر!»). |
ئەمدى [ناپاك روھلار] [پادىشاھلارنى] ئىبرانىيچە «ھارماگېددون» دېيىلىدىغان يەرگە جەم قىلدى. |
يەتتىنچىسى چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى؛ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن، تەختتىن يۇقىرى بىر ئاۋاز كۆتۈرۈلۈپ: «ئىش تامام بولدى!» دېيىلدى. |
شۇئان چاقماقلار چېقىلدى، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلاندى ۋە دەھشەتلىك بىر يەر تەۋرەش يۈز بەردى؛ ئىنسانلار يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇنچىلىك دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ھېچ بولۇپ باقمىغانىدى. |
كاتتا شەھەر ئۈچكە بۆلۈندى؛ ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ غۇلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن كاتتا شەھەر بابىل خۇدانىڭ يادىغا كېچىپ ئۇنىڭ ئەشەددىي قەھرلىك شارابى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. |
بارلىق ئاراللار ئۆزىنى قاچۇرۇپ غايىب بولدى، تاغلارمۇ يوق بولدى؛ |
ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى بىر تالانت ئېغىرلىقتا كېلىدىغان مۆلدۈر ئاسماندىن ياغدى. مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق دەھشەتلىك بولدىكى، ئادەملەر ئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى كۇپۇرلۇق قىلىپ قارغاشتى. |