این است پیامی که خداوند در دوران سلطنت یوشیا (پسر آمون)، پادشاه یهودا، به صفنیا داد. (صفنیا پسر کوشی، کوشی پسر جدلیا، جدلیا پسر امریا، و امریا پسر حِزِقیای پادشاه بود.) | 1 |
ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ |
خداوند میفرماید: «همه چیز را از روی زمین محو و نابود خواهم کرد. | 2 |
مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ |
انسانها و حیوانات، پرندگان آسمان و ماهیان دریا را از بین خواهم برد. شریران را با همهٔ بتهایی که میپرستند ریشهکن خواهم کرد. | 3 |
ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«یهودا و اورشلیم را مجازات میکنم. آثار و بقایای پرستش بعل را از بین میبرم به طوری که دیگر اسمی از کاهنان بت بعل باقی نماند. | 4 |
ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ |
آنانی را که بر بامها، آفتاب و ماه و ستارگان را پرستش میکنند و نیز کسانی را که مرا میپرستند و به من سوگند وفاداری یاد میکنند ولی در همان حال بت مولک را نیز میپرستند، هلاک خواهم کرد. | 5 |
شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى، |
آنانی را که از پیروی من برگشتهاند و دیگر مرا نمیجویند و از من راهنمایی نمیخواهند از بین خواهم برد.» | 6 |
پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن. |
در حضور خداوند یهوه خاموش باشید، زیرا روز داوری او فرا رسیده است. خداوند قوم خود را برای کشته شدن آماده میسازد. او دشمنان آنها را دعوت کرده تا سرزمین یهودا را غارت کنند. | 7 |
رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛ |
خداوند میفرماید: «در آن روز داوری، رهبران و شاهزادگان یهودا و تمام کسانی را که از رسوم بتپرستان پیروی میکنند مجازات خواهم کرد. | 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ |
آری، آنانی را که در پرستش خود، روشهای کافران را به کار میبرند و نیز کسانی را که کشتار و غارت میکنند تا معابد خدایان خود را پر سازند، مجازات خواهم کرد. | 9 |
شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن. |
در آن روز صدای ناله و فریاد از دروازههای اورشلیم به گوش خواهد رسید و صدای نعرهٔ دشمن از تپهها شنیده خواهد شد. | 10 |
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. |
«ای ساکنان محلۀ بازار اورشلیم، از غم و اندوه شیون کنید، زیرا تمام تاجران حریص شما نابود خواهند شد. | 11 |
«ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!» |
«در آن روز، با چراغ در اورشلیم خواهم گشت و کسانی را که با خیال راحت گناه میورزند و گمان میکنند که من کاری به کارشان ندارم، پیدا کرده مجازات خواهم نمود. | 12 |
ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن، ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن. |
اموالشان را به دست دشمن خواهم داد و خانههایشان را با خاک یکسان خواهم کرد. خانهها خواهند ساخت، ولی نخواهند توانست در آنها ساکن شوند. تاکستانها غرس خواهند کرد، ولی هرگز شراب آنها را نخواهند نوشید.» | 13 |
ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ. |
آن روز هولناک خداوند نزدیک است و به سرعت فرا میرسد. در آن روز حتی مردان قدرتمند به تلخی خواهند گریست. | 14 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ. |
آن روز، روزی است که غضب خداوند افروخته میشود. روز سختی و اضطراب است، روز خرابی و ویرانی، روز تاریکی و ظلمت، روز ابرها و سیاهیها! | 15 |
شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن، |
شیپور به صدا در میآید، جنگ شروع میشود، شهرهای حصاردار و برجهای بلند واژگون میگردند. | 16 |
ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ. |
خداوند میفرماید: «شما را مثل آدم کوری که به دنبال راه میگردد، درمانده خواهم نمود، چون نسبت به من گناه ورزیدهاید. بنابراین، خون شما بر خاک ریخته خواهد شد و بدنهایتان همان جا روی زمین خواهد گندید.» | 17 |
مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛ |
در آن روزِ غضبِ خدا، طلا و نقرهٔ شما نخواهد توانست جان شما را از مرگ برهاند، زیرا تمام زمین از آتش غیرت او گداخته خواهد شد. او به سرعت زمین را از وجود ساکنان آن پاک خواهد ساخت. | 18 |
پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ. |