< زکریا 13 >

«در آن زمان برای خاندان داوود و مردم اورشلیم چشمه‌ای جاری خواهد شد، چشمه‌ای که ایشان را از همهٔ گناهان و ناپاکی‌هایشان پاک خواهد ساخت.» 1
شۇ كۈنى داۋۇت جەمەتى ھەم يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن گۇناھنى ۋە پاسكىنىلىقنى يۇيىدىغان بىر بۇلاق ئېچىلىدۇ.
خداوند لشکرهای آسمان می‌فرماید: «در آن روز هرگونه بت‌پرستی را در سراسر سرزمین اسرائیل برمی‌اندازم، به طوری که اثری از آن باقی نماند و نام بتها فراموش شود. سرزمین را به کلی از وجود انبیای دروغین و روح پلید پاک می‌کنم، 2
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن مەبۇدلارنىڭ ناملىرىنى زېمىندىن يوقىتىمەنكى، ئۇلار يەنە ھېچ ئەسلەنمەيدۇ؛ ۋە مەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە پاسكىنا روھنىمۇ زېمىندىن چىقىرىپ يۆتكىۋېتىمەن.
و اگر کسی باز به دروغ نبوّت کند، به دست پدر و مادر خودش کشته خواهد شد! به او خواهند گفت:”تو باید کشته شوی، چون به نام خداوند کاذبانه نبوّت می‌کنی.“ 3
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىرەيلەن يەنىلا پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرەي دېسە، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «سەن ھايات قالمايسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن» دەيدۇ؛ ئاندىن ئۆزىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسى ئۇنى بېشارەت بېرىۋاتقىنىدىلا سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ.
«در آن روز انبیای دروغین از نبوّتهایشان خجالت خواهند کشید و دیگر برای فریب دادن مردم لباس انبیا را بر تن نخواهند کرد. 4
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى بېشارەت بېرىۋاتقاندا كۆرگەن كۆرۈنۈشتىن خىجىل بولىدۇ؛ ئۇلار خەقنى ئالداش ئۈچۈن ئىككىنچى چۇپۇرلۇق چاپاننى كىيمەيدۇ؛
هر یک از آنها خواهند گفت:”من نبی نیستم، من یک کشاورزم و شغلم از جوانی کشاورزی بوده است.“ 5
ئۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەمەس، مەن پەقەت تېرىقچىمەن؛ چۈنكى ياشلىقىمدىن تارتىپ تۇپراق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن» ــ دەيدۇ.
و اگر کسی بپرسد:”پس این زخمها روی بدن تو چیست؟“جواب می‌دهد:”در نزاع با دوستان زخمی شده‌ام.“» 6
ئەمدى بىرسى ئۇنىڭدىن: «ھەي، ئەمدى سېنىڭ مەيدەڭدىكى بۇ زەخمەتلەر نېمە؟» ــ دېسە، ئۇ: «دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە يارىلىنىپ قالدىم» ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
خداوند لشکرهای آسمان می‌فرماید: «ای شمشیر بر ضد شبان من، آن مردی که همدوش و همکار من است، برخیز! شبان را بزن تا گوسفندان پراکنده شوند. من قوم خود را خواهم زد 7
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.
و دو سوم آنها از بین خواهند رفت. 8
زېمىندا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ ئۆلىدۇ؛ بىراق ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇنىڭدا تىرىك قالىدۇ.
یک سوم باقیمانده را از میان آتش می‌گذرانم و آنها را پاک می‌کنم، درست مثل طلا و نقره که به‌وسیلۀ آتش، خالص می‌شوند. ایشان نام مرا خواهند خواند و من آنها را اجابت خواهم نمود. من خواهم گفت:”اینها قوم من هستند.“و ایشان خواهند گفت:”یهوه خدای ماست.“» 9
ئاندىن مەن ئۈچىنچى قىسمىنى ئوتقا كىرگۈزىمەن، ئۇلارنى كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن، ئالتۇن سىنالغاندەك ئۇلارنى سىنايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىپ نىدا قىلىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن؛ مەن: «بۇ مېنىڭ خەلقىم» دەيمەن؛ ئۇلار: «پەرۋەردىگار مېنىڭ خۇدايىم» ــ دەيدۇ.

< زکریا 13 >