< غزل غزلها 3 >

شب هنگام در بستر خویش او را که جانم دوستش دارد به خواب دیدم: به دنبال او می‌گشتم، اما او را نمی‌یافتم. 1
«ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛
پس به خود گفتم: «برمی‌خیزم و در کوچه‌ها و میدانهای شهر محبوب جانم را جستجو خواهم کرد.» پس همه جا را گشتم اما او را نیافتم! 2
مەن ھازىر تۇرۇپ، شەھەرنى ئايلىناي؛ كوچىلاردا، مەيدانلاردا، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەيمەن» ــ دېدىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛
شبگردهای شهر مرا دیدند و من از آنان پرسیدم: «آیا او را که جانم دوستش دارد دیده‌اید؟» 3
شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
هنوز از ایشان چندان دور نشده بودم که محبوبم را یافتم. او را گرفتم و رها نکردم تا به خانهٔ مادرم آوردم. 4
ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم».
ای دختران اورشلیم، شما را به غزالها و آهوان صحرا قسم می‌دهم که مزاحم عشق ما نشوید. 5
«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار».
این کیست که مثل ستون دود از بیابان پیداست و بوی خوش مُر و کندر و عطرهایی که تاجران می‌فروشند به اطراف می‌افشاند؟ 6
«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»
نگاه کنید! این تخت روان سلیمان است که شصت نفر از نیرومندترین سپاهیان اسرائیل آن را همراهی می‌کنند. 7
«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر.
همهٔ آنان شمشیر زنانی ماهر و جنگاورانی کارآزموده‌اند. هر یک شمشیری بر کمر بسته‌اند تا در برابر حمله‌های شبانه از پادشاه دفاع کنند. 8
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ».
تخت روان سلیمان پادشاه از چوب لبنان ساخته شده است. 9
«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان.
ستونهایش از نقره و سایبانش از طلاست. پشتی آن از پارچهٔ ارغوان است که به دست دختران اورشلیم، به نشانهٔ محبتشان دوخته شده است. 10
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن.
ای دختران اورشلیم، بیرون بیایید و سلیمان پادشاه را ببینید، او را با تاجی که مادرش در روز شاد عروسی‌اش بر سر وی نهاد، تماشا کنید. 11
چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھقا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!»

< غزل غزلها 3 >