غزل غزلهای سلیمان. | 1 |
«كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى. |
مرا با لبانت ببوس، زیرا عشق تو دلپذیرتر از شراب است. | 2 |
«ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر. |
تو خوشبو هستی و نامت رایحهٔ عطرهای دلانگیز را به خاطر میآورد؛ عجیب نیست که دختران شیفتهٔ تو میشوند. | 3 |
خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!» |
مرا با خود بِبَر، بیا تا از اینجا دور شویم. پادشاه مرا به حجلۀ خود ببرد. دوستان تو مایۀ شادی و سرور ما هستی؛ عشق تو را بیش از شراب میستاییم. محبوبه شایسته است که تو را تحسین کنند. | 4 |
«بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز». |
ای دختران اورشلیم، من سیاه اما زیبا هستم، همچون چادرهای قیدار و خیمههای سلیمان. | 5 |
«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن. |
به من که سیاه هستم اینچنین خیره مشوید، زیرا آفتاب مرا سوزانیده است. برادرانم بر من خشمگین شده مرا فرستادند تا در زیر آفتاب سوزان از تاکستانها نگاهبانی کنم، و من نتوانستم از تاکستان خود مراقبت نمایم. | 6 |
ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، چۈنكى قارىدۇرمەن، چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن». |
ای محبوب من، به من بگو امروز گلهات را کجا میچرانی؟ هنگام ظهر گوسفندانت را کجا میخوابانی؟ چرا برای یافت تو، در میان گلههای دوستانت سرگردان شوم؟ | 7 |
«ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە، پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟ ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟ ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟» |
ای زیباترین زن دنیا، اگر نمیدانی، رد گلهها را بگیر و به سوی خیمههای چوپانان بیا و در آنجا بزغالههایت را بچران. | 8 |
«ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ، پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ، پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن». |
ای محبوبهٔ من، تو همچون مادیان ارابهٔ فرعون، زیبا هستی. | 9 |
«ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛ |
گونههایت با گوشوارههایت چه زیباست، گردنت با جواهراتش چه دلرباست. | 10 |
سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر. |
ما برایت گوشوارههای طلا با آویزههای نقره خواهیم ساخت. | 11 |
بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز». |
آنگاه که پادشاه بر سفرۀ خویش نشسته بود، اتاق از رایحۀ عطر من پر شد. | 12 |
«پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛ |
محبوب من که در سینههایم آرمیده، رایحهای چون مُر خوشبو دارد. | 13 |
مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛ |
محبوب من مانند شکوفههای حنا است که در باغهای عِین جِدی میرویند. | 14 |
مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر». |
تو چه زیبایی، ای محبوبهٔ من! چشمانت به زیبایی و لطافت کبوتران است. | 15 |
«مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!» |
ای محبوب من، تو چه جذاب و دوست داشتنی هستی! سبزهزارها بستر ما هستند | 16 |
«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛ |
و درختان سرو و صنوبر بر ما سایه میافکنند. | 17 |
ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن، ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر. |