در زمانی که داوران بر قوم اسرائیل حکومت میکردند، سرزمین اسرائیل دچار خشکسالی شد. مردی از اهالی افراته به نام الیملک که در بیتلحم یهودا زندگی میکرد، در اثر این خشکسالی از وطن خود به سرزمین موآب کوچ کرد. زن او نعومی و دو پسرش مَحلون و کِلیون نیز همراه او بودند. | 1 |
[باتۇر] ھاكىملار ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە شۇنداق بولدىكى، زېمىندا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيت-لەھەمدىن چىقىپ، موئابنىڭ سەھرالىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىشكە باردى. |
2 |
ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئەلىمەلەك، ئايالىنىڭ ئىسمى نائومى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسمى ماھلون بىلەن كىليون ئىدى. ئۇلار بەيت-لەھەمدە ئولتۇرۇقلۇق، ئەفرات جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلار موئابنىڭ سەھراسىغا كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. |
در طی اقامتشان در موآب، الیملک درگذشت و نعومی با دو پسرش تنها ماند. | 3 |
كېيىن نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەك ئۆلدى؛ ئايالى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. |
پسران نعومی با دو دختر موآبی به نامهای عرفه و روت ازدواج کردند. ده سال بعد محلون و کلیون نیز مردند. بدین ترتیب نعومی، هم شوهر و هم پسرانش را از دست داد و تنها ماند. | 4 |
ئۇلار موئاب قىزلىرىدىن ئۆزلىرىگە خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئېتى ئورپاھ، يەنە بىرىنىڭ ئېتى رۇت ئىدى. ئۇلار شۇ يەردە ئون يىلدەك تۇردى. |
5 |
ماھلون بىلەن كىليون ھەر ئىككىسى ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئېرى ھەم ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالدى. |
او تصمیم گرفت با دو عروسش به زادگاه خود یعنی سرزمین یهودا بازگردد، زیرا شنیده بود که خداوند به قوم خود برکت داده و محصول زمین دوباره فراوان شده است. اما وقتی به راه افتادند، تصمیم نعومی عوض شد | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئىككى كېلىنى بىلەن قوپۇپ موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەتمەكچى بولدى؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئاشلىق بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى موئابنىڭ سەھراسىدا تۇرۇپ ئاڭلىغانىدى. |
7 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە تۇرغان يېرىدىن چىقىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا يولغا چىقتى. |
و به عروسهایش گفت: «شما همراه من نیایید. به خانهٔ پدری خود بازگردید. خداوند به شما برکت بدهد همانگونه که شما به من و پسرانم خوبی کردید. | 8 |
نائومى ئىككى كېلىنىگە: ــ ھەر ئىككىڭلار قايتىپ ئۆز ئاناڭلارنىڭ ئۆيىگە بېرىڭلار. سىلەرنىڭ مەرھۇملارغا ۋە ماڭا مېھرىبانلىق كۆرسەتكىنىڭلاردەك پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتكەي! |
امیدوارم به لطف خداوند بتوانید بار دیگر شوهر کنید و خوشبخت شوید.» سپس نعومی آنها را بوسید و آنها گریستند | 9 |
پەرۋەردىگار سىلەر ئىككىڭلارنى ئۆز ئېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئارام تاپقۇزغاي! ــ دەپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى. ئۇلار ھۆركىرەپ يىغلىشىپ |
و به نعومی گفتند: «ما میخواهیم همراه تو نزد قوم تو بیاییم.» | 10 |
ئۇنىڭغا: ــ ياق، بىز چوقۇم سېنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز خەلقىڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز، ــ دېيىشتى. |
ولی نعومی در جواب آنها گفت: «ای دخترانم بهتر است برگردید. چرا میخواهید همراه من بیایید؟ مگر من میتوانم صاحب پسران دیگری شوم که برای شما شوهر باشند؟ | 11 |
لېكىن نائومى: ــ يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! نېمىشقا مېنىڭ بىلەن بارماقچىسىلەر؟قورسىقىمدا سىلەرگە ئەر بولغۇدەك ئوغۇللار بارمۇ؟ |
ای دخترانم، نزد قوم خود بازگردید، زیرا از من گذشته است که بار دیگر شوهر کنم. حتی اگر همین امشب شوهر کنم و صاحب پسرانی شوم، | 12 |
يېنىپ كېتىڭلار، ئەي قىزلىرىم! چۈنكى مەن قېرىپ كەتكەچكە، ئەرگە تېگىشكە يارىمايمەن. دەرھەقىقەتەن بۈگۈن كېچە بىر ئەرلىك بولۇشقا، شۇنداقلا ئوغۇللۇق بولۇشقا ئۈمىد بار دېگەندىمۇ، |
آیا تا بزرگ شدن آنها صبر خواهید کرد و با کس دیگری ازدواج نخواهید نمود؟ نه، دخترانم! وضع من بسیار تلختر از وضع شماست، زیرا خداوند خودش دستش را بر من بلند کرده است.» | 13 |
ئۇلار يىگىت بولغۇچە سەۋر قىلىپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ئۇلارنى دەپ باشقا ئەرگە تەگمەي ساقلاپ تۇراتتىڭلارمۇ؟ ياق، بولمايدۇ، قىزلىرىم! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى ماڭا قارشى بولۇپ مېنى ئازابلايدىغىنى ئۈچۈن، مەن تارتىدىغان دەرد-ئەلەم سىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى. |
آنها بار دیگر با صدای بلند گریستند. عرفه مادرشوهرش را بوسید و از او خداحافظی کرد و به خانه بازگشت. اما روت از او جدا نشد. | 14 |
ئۇلار يەنە ھۆركىرەپ يىغلاشتى. ئورپاھ قېينئانىسىنى سۆيۈپ خوشلاشتى، لېكىن رۇت ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. |
نعومی به روت گفت: «ببین دخترم، زن برادر شوهرت نزد قوم و خدایان خود بازگشت. تو هم همین کار را بکن.» | 15 |
نائومى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقى بىلەن ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا يېنىپ كەتتى! سەنمۇ كېلىن سىڭلىڭنىڭ كەينىدىن يېنىپ كەتكىن! ــ دېدى. |
اما روت به او گفت: «مرا مجبور نکن که تو را ترک کنم، چون هر جا بروی با تو خواهم آمد و هر جا بمانی با تو خواهم ماند. قوم تو، قوم من و خدای تو، خدای من خواهد بود. | 16 |
لېكىن رۇت جاۋابەن: ــ مېنىڭ سېنىڭ يېنىڭدىن كېتىشىمنى ۋە ساڭا ئەگىشىش نىيىتىمدىن يېنىشنى ئۆتۈنمە؛ چۈنكى سەن نەگە بارساڭ مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن؛ سەن نەدە قونساڭ مەنمۇ شۇ يەردە قونىمەن؛ سېنىڭ خەلقىڭ مېنىڭمۇ خەلقىمدۇر ۋە سېنىڭ خۇدايىڭ مېنىڭمۇ خۇدايىمدۇر. |
میخواهم جایی که تو میمیری بمیرم و در کنار تو دفن شوم. خداوند بدترین بلا را بر سر من بیاورد، اگر بگذارم چیزی جز مرگ مرا از تو جدا کند.» | 17 |
سەن نەدە ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەردە ياتىمەن؛ ئۆلۈمدىن باشقىسى مېنى سەندىن ئايرىۋەتسە پەرۋەردىگار مېنى ئۇرسۇن ھەم ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ جازالىسۇن! ــ دېدى. |
نعومی چون دید تصمیم روت قطعی است و به هیچ وجه نمیشود او را منصرف کرد، دیگر اصرار ننمود. | 18 |
نائومى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ بېرىشقا قەتئىي نىيەت قىلغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېغىز ئاچمىدى. |
پس هر دو روانهٔ بیتلحم شدند. وقتی به آنجا رسیدند تمام اهالی به هیجان آمدند و زنها از همدیگر میپرسیدند: «آیا این خود نعومی است؟» | 19 |
ئىككىسى مېڭىپ بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلدى. شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمگە يېتىپ كەلگىنىدە پۈتكۈل شەھەردىكىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ زىلزىلىگە كەلدى. ئاياللار بولسا: ــ بۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
نعومی به ایشان گفت: «مرا نعومی (یعنی”خوشحال“) نخوانید. مرا ماره (یعنی”تلخ“) صدا کنید؛ زیرا خدای قادر مطلق زندگی مرا تلخ کرده است. | 20 |
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى نائومى دېمەي، بەلكى «مارا» دەڭلار؛ چۈنكى ھەممىدىن قادىر ماڭا زەرداب يۇتقۇزدى. |
دست پُر رفتم و خداوند مرا دست خالی بازگردانید. برای چه مرا نعومی میخوانید، حال آنکه خداوند قادر مطلق روی خود را از من برگردانیده و این مصیبت بزرگ را بر من وارد آورده است؟» | 21 |
توققۇزۇم تەل ھالەتتە بۇ يەردىن چىقتىم؛ لېكىن پەرۋەردىگار مېنى قۇرۇق قايتقۇزدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەردى، ھەممىدىن قادىر مېنى خارلىغانىكەن، نېمىشقا مېنى نائومى دەيسىلەر؟ ــ دېدى. |
(وقتی نعومی و روت از موآب به بیتلحم رسیدند، هنگام درو جو بود.) | 22 |
شۇنداق قىلىپ نائومى بىلەن كېلىنى موئاب قىزى رۇت موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى؛ ئۇلار ئىككىسى بەيت-لەھەمگە يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئارپا ئورمىسى باشلانغانىدى. |