مزمور آساف. براستی، خدا برای اسرائیل نیکوست یعنی برای آنانی که پاکدل هستند. | 1 |
ئاساف يازغان كۈي: ــ دەرۋەقە خۇدا ئىسرائىلغا، قەلبى ساپ بولغانلارغا مېھرىباندۇر؛ |
اما من نزدیک بود ایمانم را از دست بدهم و از راه راست گمراه شوم. | 2 |
لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛ |
زیرا بر کامیابی بدکاران و شریران حسد بردم. | 3 |
چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛ |
دیدم که در زندگی درد نمیکشند و بدنی قوی و سالم دارند. | 4 |
چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ. |
مانند سایرین در زحمت نمیافتند و هیچ گرفتاری ندارند؛ | 5 |
ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ. |
در نتیجه با تکبر راه میروند و به مردم ظلم میکنند. | 6 |
شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق-زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ. |
قلبشان مملو از خباثت است و از فکرشان شرارت تراوش میکند. | 7 |
ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. |
مردم را مسخره میکنند و حرفهای کثیف بر زبان میرانند. با غرور سخن میگویند و نقشههای شوم میکشند. | 8 |
باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ. |
به خدایی که در آسمان است کفر میگویند و به انسانی که بر زمین است فحاشی میکنند. | 9 |
ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ. |
پس مردم گول زندگی پرناز و نعمت آنها را میخورند | 10 |
شۇڭا [خۇدانىڭ] خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ |
و میگویند: «خدای چگونه بداند؟ آیا آن متعال میداند بر این زمین چه میگذرد؟» | 11 |
«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ. |
به این مردم شرور نگاه کنید! ببینید چه زندگی راحتی دارند و چگونه به ثروت خود میافزایند. | 12 |
مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ. |
پس آیا من بیهوده خود را پاک نگه داشتهام و نگذاشتهام دستهایم به گناه آلوده شوند؟ | 13 |
«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن-بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛ |
نتیجهای که هر روز از این کار عایدم میشود رنج و زحمت است. | 14 |
بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە [ۋىجداننىڭ] ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». |
ولی اگر این فکرهایم را بر زبان میآوردم، جزو مردم خداشناس محسوب نمیشدم. | 15 |
بىراق مەن: ــ «بۇنداق [دېسەم]، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم. |
هر چه فکر کردم نتوانستم بفهمم که چرا بدکاران در زندگی کامیاب هستند؛ | 16 |
ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى. |
تا اینکه به خانهٔ خدا رفتم و در آنجا به عاقبت کار آنها پی بردم. | 17 |
تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا [يامانلارنىڭ] ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم. |
ای خدا، تو بدکاران را بر پرتگاههای لغزنده گذاشتهای تا بیفتند و نابود شوند. | 18 |
دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن. |
آری، آنها ناگهان غافلگیر شده، از ترس قالب تهی خواهند کرد. | 19 |
ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ! |
آنها مانند خوابی هستند که وقتی انسان بیدار میشود از ذهنش محو شده است؛ همچنین وقتی تو ای خداوند، برخیزی آنها محو و نابود خواهند شد! | 20 |
سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن. |
وقتی من به این حقیقت پی بردم، از خود شرمنده شدم! | 21 |
يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا، |
من احمق و نادان بودم و نزد تو ای خدا، مانند حیوان بیشعور رفتار کردم! | 22 |
ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم. |
با این حال، تو هنوز هم مرا دوست داری و دست مرا در دست خود گرفتهای! | 23 |
ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛ |
تو با رهنمودهایت مرا در زندگی هدایت خواهی کرد و در آخر مرا به حضور پرجلالت خواهی پذیرفت. | 24 |
ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان-شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن. |
ای خدا، من تو را در آسمان دارم؛ این برای من کافی است و هیچ چیز دیگر بر زمین نمیخواهم. | 25 |
ئەرشتە سەندىن باشقا مېنىڭ كىمىم بار؟ يەر يۈزىدە بولسا سەندىن باشقا ھېچكىمگە ئىنتىزار ئەمەسمەن. |
اگرچه فکر و بدنم ناتوان شوند، اما تو ای خدا، قوت و تکیهگاه همیشگی من هستی! | 26 |
ئەتلىرىم ھەم قەلبىم زەئىپلىشىدۇ، لېكىن خۇدا قەلبىمدىكى قورام تاش ھەم مەڭگۈلۈك نېسىۋەمدۇر! |
خدا کسانی را که از او دور شوند و به او خیانت کنند، نابود خواهد کرد. | 27 |
چۈنكى مانا، سەندىن يىراق تۇرغانلار ھالاك بولىدۇ؛ ۋاپاسىزلىق قىلغان پاھىشە ئايالدەك سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەربىرىنى يوقىتىسەن. |
اما من از اینکه نزدیک تو هستم لذت میبرم! ای خداوند، من به تو توکل نمودهام و تمام کارهایت را میستایم! | 28 |
بىراق مەن ئۈچۈن، خۇداغا يېقىنلىشىش ئەۋزەلدۇر! ئۇنىڭ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن، رەب پەرۋەردىگارنى تايانچىم قىلدىم. |