کسی میتواند دانا شود که تأدیب را دوست داشته باشد. هر که از اصلاح شدن نفرت داشته باشد نادان است. | 1 |
كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر. |
خداوند از اشخاص نیک خشنود است، اما کسانی را که نقشههای پلید میکشند محکوم میکند. | 2 |
ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر. |
انسان با کارهای بد نمیتواند برای خود امنیت به وجود آورد، اما اشخاص درستکار پا برجا خواهند ماند. | 3 |
ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس. |
زن نجیب، تاج سر شوهرش است، ولی زن بیحیا مانند خوره جان او را میخورد. | 4 |
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر. |
انسان نیک فکرش پر از درستکاری است، اما فکر آدم بدکار انباشته از دروغ و نیرنگ است. | 5 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر. |
سخنان بدکاران مردم را به دام هلاکت میکشاند، اما سخنان نیکان مردم را رهایی میبخشد. | 6 |
يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار. |
بدکاران نابود میشوند، اما نیکان پایدار میمانند. | 7 |
يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار. |
آدم عاقل را همه میستایند، اما شخص کوتهفکر را حقیر میشمارند. | 8 |
ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس. |
بهتر است انسان شخص مهمی به حساب نیاید اما دستش به دهانش برسد تا اینکه خود را آدم بزرگی نشان دهد ولی محتاج نان باشد. | 9 |
پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر. |
شخص خداشناس حتی به فکر آسایش چارپایان خود نیز هست، اما رحم و مروت خدانشناسان چیزی بهجز ستمگری نیست. | 10 |
ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر. |
هر که در زمین خود زراعت کند نان کافی خواهد داشت، اما کسی که وقت خود را به بیهودگی بگذراند آدم احمقی است. | 11 |
تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر. |
اشخاص خدانشناس چشم طمع به اموالی که بدکاران غارت کردهاند دارند، اما اعمال خداشناسان، میوۀ خود را میدهد. | 12 |
يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار. |
دروغ انسان را در دام گرفتار میکند، ولی شخص درستکار از تنگنا خلاصی مییابد. | 13 |
يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار. |
پاداش تو بستگی به گفتار و رفتار تو دارد. هر چه بکاری همان را درو خواهی کرد. | 14 |
ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار. |
آدم نادان فکر میکند هر کاری میکند درست است و احتیاج به نصیحت ندارد، اما شخص دانا به نصایح دیگران گوش میدهد. | 15 |
ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر. |
آدم نادان در مقابل توهین دیگران زود خشمگین میشود، ولی شخص دانا خونسردی خود را حفظ میکند. | 16 |
ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس. |
وقتی که حقیقت را میگویی عدالت اجرا میگردد، اما دروغ به بیعدالتی منجر میشود. | 17 |
ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر. |
هستند کسانی که با سخنان نسنجیدهٔ خود زخم زبان میزنند، ولی سخنان مرد دانا تسکین دهنده و شفابخش است. | 18 |
بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر. |
عمر دروغ کوتاه است، اما حقیقت تا ابد پایدار میماند. | 19 |
راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر. |
افکار توطئهگران پر از نیرنگ است، اما دلهای آنانی که خیراندیش هستند آکنده از شادی میباشد. | 20 |
يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر. |
هیچ بدی به خداشناسان نمیرسد، اما بدکاران همیشه گرفتار بلا میشوند. | 21 |
ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر. |
خدا کسانی را که به قول خود وفا میکنند دوست دارد، ولی از اشخاص بدقول بیزار است. | 22 |
يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار. |
آدم عاقل علم و دانش خود را به نمایش نمیگذارد، ولی شخص نادان حماقت خود را آشکار میسازد. | 23 |
پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار. |
کار و کوشش، انسان را به قدرت میرساند؛ اما تنبلی، او را نوکر دیگران میسازد. | 24 |
تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار. |
غم و غصه انسان را گرانبار میکند، اما سخن دلگرم کننده او را سبکبار و شاد میسازد. | 25 |
كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار. |
شخص درستکار مردم را به راه راست هدایت میکند، اما آدم بدکار آنها را منحرف میسازد. | 26 |
ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار. |
آدم تنبل حتی دنبال شکار خود نیز نمیرود. تلاش و کوشش، گنج گرانبهای انسان است. | 27 |
ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر. |
راهی که خداشناسان در آن گام برمیدارند به حیات منتهی میشود و در آن مرگ نیست. | 28 |
ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛ شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر. |