خداوند، آیندهٔ سرزمین ادوم را در رؤیایی به عوبدیا نشان داد. از جانب خداوند خبر رسیده که قاصدی با این پیام نزد قومها فرستاده شده است: «آماده شوید تا به جنگ ادوم برویم.» | 1 |
ئوبادىيا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش: ــ رەب پەرۋەردىگار ئېدوم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (بىز پەرۋەردىگاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق) ــ «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلدى؛ ئۇ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇرايلى!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. |
خداوند میفرماید: «ای ادوم، تو را در میان قومها خوار و ضعیف میسازم. | 2 |
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلدىم؛ سەن [ئەللەر ئارىسىدا] قاتتىق كەمسىتىلگەن خەلق بولىسەن! |
از اینکه بر صخرههای بلند ساکن هستی به خود میبالی و با غرور میگویی:”کیست که دستش در این بلندیها به من برسد!“خود را گول نزن! | 3 |
ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى! |
اگر همچون عقاب به اوج آسمانها بروی و آشیانهٔ خود را بین ستارگان بر پا داری، تو را از آنجا به زمین میآورم.» این است آنچه خداوند میگوید. | 4 |
سەن بۈركۈتتەك ئۆزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭمۇ، چاڭگاڭنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا تىزساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«اگر دزدها شبانگاه آمده تو را غارت میکردند به مراتب برای تو بهتر میبود، زیرا همه چیز را نمیبردند! یا اگر انگورچینان به سراغ تو میآمدند پس از چیدن انگور خوشهای چند باقی میگذاشتند! | 5 |
بۇلاڭچىلار قېشىڭغا كەلسىمۇ، ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، (ھەي، شۇنچە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن!) ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا ئوغرىلايتتى ئەمەسمۇ؟ ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ |
اما اکنون ای ادوم، تو غارت خواهی شد و تمام ثروتت به یغما خواهد رفت. | 6 |
بىراق ئەساۋنىڭ تەئەللۇقاتى قانداق ئاختۇرۇلدى! ئۇنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرى قانداق تېپىپ چىقىلدى! |
«تمام همپیمانانت دشمن تو میشوند و دست به دست هم داده، تو را از سرزمینت بیرون میرانند. دوستان مورد اعتمادت، برای تو دام میگذارند و تو از آن آگاه نخواهی شد.» | 7 |
بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭ سېنى چېگرايىڭغىچە ھەيدىۋېتىدۇ؛ سەن بىلەن ئىناق ئۆتكەنلەر سېنى ئالداپ، ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ نېنىڭنى يېگەنلەر ساڭا قىلتاق قۇرىدۇ؛ [سەن] دەرۋەقە يورۇتۇلمىغاندۇرسەن! |
خداوند میفرماید: «در آن روز در سراسر ادوم حتی یک شخص دانا باقی نخواهد ماند! زیرا من همهٔ دانایان ادوم را نابود خواهم کرد. | 8 |
مەن شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى، ئەساۋدىن ئەقىل-پاراسەتنى يوقاتمامدىمەن؟ |
دلیرترین سربازان تیمان، هراسان خواهند گردید، و همه در کوهستان ادوم کشته خواهند شد. | 9 |
شۇنىڭ بىلەن پالۋانلىرىڭ پاراكەندە بولىدۇ، ئى تېمان، شۇنىڭ بىلەن ئەساۋنىڭ تېغىدىكى ھەربىر ئادەم قىرغىنچىلىقتا قەتل قىلىنىدۇ. |
«به سبب ظلمی که به برادر خود اسرائیل کردی رسوا و برای همیشه ریشهکن خواهی شد؛ | 10 |
ئۇكاڭ ياقۇپقا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ئىزا-ئاھانەت سېنى قاپلايدۇ؛ سەن مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن. |
زیرا اسرائیل را به هنگام سختی و احتیاجش ترک کردی. وقتی که مهاجمان، ثروت او را غارت میکردند و بر اورشلیم قرعه انداخته، آن را میان خود تقسیم مینمودند، تو کنار ایستاده، نخواستی هیچ کمکی به او بکنی و مانند یکی از دشمنانش عمل نمودی. | 11 |
سەن بىر چەتتە [پەرۋاسىز] قاراپ تۇرغان كۈنى، يەنى ياقا يۇرتتىكىلەر [بۇرادىرىڭنىڭ] مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن كۈنى، تائىپىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈنى، سەن ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بولغانسەن. |
«تو نباید این کار را میکردی. وقتی که برادرانت را به سرزمینهای بیگانه میبردند، نمیبایست مینشستی و آنها را تماشا میکردی. در روز مصیبت مردم یهودا نمیبایست شادی میکردی و زمانی که در سختی بودند نمیبایست به آنها میخندیدی. | 12 |
بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ |
روزی که اسرائیل گرفتار این مصیبت و بلا شده بود، تو نیز به او بدی رساندی و رفته، غارتش کردی. | 13 |
ئۆز خەلقىمنى ئاپەت باسقان كۈنىدە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ ئۇلارنى ئاپەت باسقان كۈنىدە ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەمىگە ئېرەنسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، ئاپەت باسقان كۈنىدە قولۇڭنى مال-مۈلكىگە سوزماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ |
بر سر چهارراهها ایستادی و کسانی را که سعی میکردند فرار کنند کشتی. در آن زمان وحشت و پریشانی، بازماندگان اسرائیل را دستگیر نموده، تحویل دشمن دادی. | 14 |
سەن شەھەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاچا يولدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەت باسقان كۈنىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تاپشۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. |
«من، خداوند بهزودی از تمام قومها انتقام خواهم کشید. ای ادوم، همانطور که با اسرائیل رفتار کردی، با تو نیز به همانگونه رفتار خواهد شد. هر چه کردی بر سر خودت خواهد آمد. | 15 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈشكە يېقىن قالغاندۇر؛ سېنىڭ باشقىلارغا قىلغىنىڭدەك، ساڭىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ؛ ساڭا تېگىشلىك جازا ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ |
بر بالای کوه مقدّس من، جام مکافاتم را نوشیدی، قومهای دیگر نیز آن را خواهند نوشید. آری، آنها خواهند نوشید و از بین خواهند رفت و اثری از آنها باقی نخواهد ماند. | 16 |
چۈنكى سەن ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا [غەزىپىمنى] ئىچكىنىڭدەك، بارلىق ئەللەرمۇ شۇنداق توختاۋسىز ئىچىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئىچىدۇ، يۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھېچ مەۋجۇت ئەمەستەك يوقاپ كېتىدۇ. |
«ولی کوه مقدّس من در اورشلیم، پناهگاه و محل نجات خواهد شد. اسرائیل سرزمین خود را دوباره تصرف خواهد نمود | 17 |
بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ-قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛ |
و مانند آتش، ادوم را خواهد سوزاند به طوری که از ادوم کسی باقی نخواهد ماند.» این را خداوند میفرماید. | 18 |
ۋە ياقۇپ جەمەتى ئوت، يۈسۈپ جەمەتى يالقۇن، ئەساۋ جەمەتى ئۇلارغا پاخال بولىدۇ؛ [ئوت ۋە يالقۇن] ئەساۋ جەمەتى ئىچىدە يېقىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ؛ ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچبىرسى قالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان. |
اهالی جنوب یهودا، کوهستان ادوم را اشغال خواهند کرد و اهالی جلگههای یهودا، دشتهای فلسطین را تصرف نموده، دوباره مراتع افرایم و سامره را به چنگ خواهند آورد و قبیلهٔ بنیامین، جلعاد را خواهد گرفت. | 19 |
[يەھۇدانىڭ] جەنۇبىدىكىلەر ئەساۋنىڭ تېغىغا ئىگە بولىدۇ؛ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكىلەر فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئەفرائىمنىڭ دالاسى ھەم سامارىيەنىڭ دالاسىغا ئىگە بولىدۇ؛ بىنيامىن گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ؛ |
تبعیدشدگان اسرائیلی مراجعت نموده، فینیقیه را تا صرفه در شمال، اشغال خواهند کرد و آنانی که از اورشلیم به آسیای صغیر به اسارت رفته بودند، به وطن خود بازگشته، شهرهای جنوب یهودا را خواهند گرفت. | 20 |
سۈرگۈن بولغانلاردىن قېلىپ قالغان ئىسرائىللاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن قانائاندىكىلەرگە تەۋە بولغان زېمىنغا زارەفاتقىچە ئىگە بولىدۇ؛ سەفارادتا سۈرگۈندە تۇرغان يېرۇسالېمدىكىلەر بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. |
نجاتیافتگان از کوه صهیون در اورشلیم بالا خواهند رفت تا بر کوههای ادوم حکومت کنند و خودِ خداوند، پادشاه ایشان خواهد بود! | 21 |
ئاندىن زىئون تېغى ئۈستىگە قۇتقۇزغۇچىلار چىقىدۇ، ئۇلار ئەساۋ تېغى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا تەۋە بولىدۇ! |