خداوند به موسی فرمود: | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«این دستورها را به قوم اسرائیل بده: وقتی ساکن سرزمینی شدید که من به شما میدهم، | 2 |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا، |
قربانیهای مخصوص به خداوند تقدیم خواهید کرد تا هدایای خوشبو برای خداوند باشد. این هدایا میتوانند به شکل قربانی سوختنی، قربانی نذری، قربانی اختیاری و یا قربانی اعیاد باشند که از میان گلۀ گوسفند و بز یا رمۀ گاو تقدیم میشوند. | 3 |
ئەگەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي بولسۇن دەپ بىرەر ھەدىيە-قۇربانلىق قىلماقچى بولساڭلار، قۇربانلىق كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن بولسۇن. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، قەسەمنى ئادا قىلىش قۇربانلىقى بولسۇن، ئىختىيارىي قۇربانلىق ياكى سىلەرگە بېكىتىلگەن ھېيتلاردىكى زۆرۈر قۇربانلىق بولسۇن، |
هرگاه این هدایا را به خداوند تقدیم میکنید، باید هدیۀ آردی شامل یک دهم ایفه آرد مرغوب مخلوط با یک چهارم هین روغن نیز تقدیم کنید. | 4 |
قۇربانلىق سۇنغۇچى كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتىغىنىغا بىر ئاشلىق ھەدىيەسىنى قوشۇپ كەلتۈرسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قوزا بولسا، ئۇنداقتا ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى بولسۇن؛ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن. |
همچنین همراه قربانی سوختنی یا قربانی مخصوص، برای هر برّه یک چهارم هین شراب نیز به عنوان هدیهٔ نوشیدنی تقدیم شود. | 5 |
«اگر قربانی قوچ باشد، دو دهم ایفه آرد مرغوب، آمیخته با یک سوم هین روغن تقدیم شود، | 6 |
قۇربانلىقىڭ قوچقار بولسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئۈچتىن بىر ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى بولسۇن |
و نیز یک سوم هین شراب بهعنوان هدیۀ نوشیدنی. این را همچون هدیهای خوشبو به خداوند تقدیم کنید. | 7 |
ۋە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شارابنى قۇشۇپ سۇنسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. |
«هرگاه گوسالۀ نری به عنوان قربانی سوختنی یا قربانی نذری یا قربانی سلامتی به خداوند تقدیم میکنید، | 8 |
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ياكى قەسەم ئادا قىلىش قۇربانلىقى ياكى ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە تورپاق ئاتىغان بولساڭ، |
هدیهٔ آردی همراه آن باید شامل سه دهمِ ایفه آرد مرغوب، آمیخته با نیم هین روغن | 9 |
ئۇنداقتا تورپاققا ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىنى، |
و هدیهٔ نوشیدنی آن، نیم هین شراب باشد. این هدیه، هدیهای مخصوص و خوشبو برای خداوند خواهد بود. | 10 |
شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە يېرىم ھىن شارابنى قوشۇپ سۇنغىن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ ئوتتا سۇنۇلۇپ، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ كەلتۈرۈلسۇن. |
«پس برای قربانی هر گاو، قوچ یا برّه یا بزغاله چنین عمل کنید. | 11 |
ھەربىر سۇنۇلغان تورپاق، قوچقار، قوزا ياكى ئوغلاققا نىسبەتەن مۇشۇنداق قىلىنسۇن. |
برای هر قربانیای که تقدیم میکنید، این دستورها باید رعایت شود. | 12 |
سىلەر سۇنىدىغىنىڭلارنىڭ سانى بويىچە، ھەرخىل قۇربانلىقنىڭ سانىغا قاراپ شۇنداق قىلىسىلەر. |
هر اسرائیلی بومی که هدیۀ مخصوص به عنوان هدیۀ خوشبو به خداوند تقدیم میکند، باید این دستورها را رعایت کند. | 13 |
شۇ زېمىندا تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا ئەنە شۇنداق قىلسۇن. |
و اگر میهمان شما یا غریبی که در میان شما ساکن است بخواهد هدیۀ مخصوصی به عنوان هدیۀ خوشبو به خداوند تقدیم کند، باید همین دستورها را رعایت کند. | 14 |
شۇنىڭدەك سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلار بولسا، خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. |
اسرائیلی بومی و شخص غریب در پیشگاه خداوند یکسانند و تابع یک قانونند. این است قانونی ابدی برای همۀ نسلهای شما. | 15 |
پۈتكۈل جامائەتكە، مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھەممىڭلار ئۈچۈن ئوخشاش بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ئۈچۈن دەۋرمۇ-دەۋر ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەر قانداق بولساڭلار، مۇساپىرلارمۇ شۇنداقتۇر. |
برای شما و غریبی که در میان شما ساکن است یک حکم و یک قانون خواهد بود.» | 16 |
سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن. |
خداوند به موسی فرمود: | 17 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«این دستورها را به قوم اسرائیل بده: «وقتی به سرزمینی که میخواهم به شما بدهم وارد شدید، | 18 |
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا، |
هرگاه از محصول آن زمین بخورید باید قسمتی از آن را به عنوان هدیهٔ مخصوص به خداوند تقدیم کنید. | 19 |
شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار. |
قرص نانی از نخستین گندمی که آرد میکنید درست کنید و آن را بهعنوان هدیه مقدّس تقدیم کنید، همانگونه که در نخستین برداشت خرمن انجام میدهید. | 20 |
سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن. |
این هدیهای است سالیانه از نخستین خمیر نان شما که باید نسل اندر نسل به خداوند تقدیم شود. | 21 |
دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. |
«هرگاه شما ناخواسته در انجام این دستورهایی که خداوند بهوسیلهٔ موسی به شما داده است کوتاهی کنید، | 22 |
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، |
و نسلهای شما در آینده از انجام آنچه خداوند به موسی داده است کوتاهی کنند، | 23 |
يەنى پەرۋەردىگار بۇيرۇغان كۈندىن ئېتىبارەن بارلىق ئەۋلادلىرىڭلارغىچە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئىشلىرىغا ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار، |
اگر این کار، ناخواسته و بدون آگاهی جماعت انجام شده باشد، آنگاه تمامی جماعت باید یک گوسالۀ نر برای قربانی سوختنی به عنوان هدیۀ خوشبو برای خداوند تقدیم کنند. این قربانی باید طبق معمول با هدیهٔ آردی و هدیهٔ نوشیدنی و نیز یک بز نر برای قربانی گناه تقدیم گردد. | 24 |
جامائەت شۇنداق بىرەر گۇناھنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ ياش بىر تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قائىدە-نىزام بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنسۇن، ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تېكىنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. |
کاهن برای تمام قوم اسرائیل کفاره نماید و ایشان بخشیده خواهند شد، زیرا ندانسته مرتکب اشتباه شدهاند و برای این عمل خود، به حضور خداوند قربانی سوختنی و نیز قربانی گناه تقدیم نمودهاند. | 25 |
شۇ يول بىلەن كاھىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، بۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ چۈنكى بۇ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ۋە گۇناھ قۇربانلىقىنى بىرلىكتە پەرۋەردىگار ئالدىغا سۇنغان. |
تمام بنیاسرائیل و غریبانی که در میان ایشان ساکنند، آمرزیده میشوند، زیرا این اشتباه متوجه تمام جماعت میباشد. | 26 |
بۇ گۇناھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھەممىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ پۈتكۈل خەلق بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھتۇر. |
«اگر این اشتباه را فقط یک نفر مرتکب شود، در آن صورت باید یک بز مادهٔ یک ساله را به عنوان قربانی گناه تقدیم نماید | 27 |
ئەگەر بىر كىشى بىلمەستىن گۇناھ قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاقنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. |
و کاهن در حضور خداوند برایش کفاره کند و او بخشیده خواهد شد. | 28 |
كاھىن شۇ يول بىلەن بىلمەي گۇناھ قىلىپ قويغان ئادەم ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسە ئۇنىڭ پەرۋەردىگار ئالدىدا بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. |
این قانون شامل حال غریبانی که در میان شما ساکنند نیز میشود. | 29 |
بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. |
«ولی کسی که دانسته مرتکب چنین اشتباهی شود، خواه اسرائیلی باشد، خواه غریب، نسبت به خداوند، گناه کرده است و باید از میان قوم خود منقطع شود، | 30 |
لېكىن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئىش كۆرگەن كىشى، مەيلى ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن ياكى مۇساپىر بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھاقارەت كەلتۈرگەن بولىدۇ؛ ئۇ ھامان ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
زیرا او کلام خداوند را خوار شمرده و از حکم او سرپیچی کرده است. او بدون شک باید منقطع شود و تقصیرش بر گردنش خواهد بود.» | 31 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى مەنسىتمىگەنىكەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ گۇناھى ئۆزىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
یک روز که قوم اسرائیل در بیابان بودند، مردی به هنگام جمعآوری هیزم در روز شبّات، غافلگیر شد. | 32 |
ئىسرائىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى. |
پس او را گرفته، پیش موسی و هارون و سایر رهبران بردند. | 33 |
ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالغانلار ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. |
ایشان او را به زندان انداختند، زیرا روشن نبود که در این مورد چه باید کرد. | 34 |
ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى تېخى كۆرسىتىلمىگەچكە، ئۇلار ئۇنى قاماپ قويدى. |
خداوند به موسی فرمود: «این شخص باید کشته شود. تمام قوم اسرائیل او را در خارج از اردوگاه سنگسار کنند تا بمیرد.» | 35 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈلمىسە بولمايدۇ؛ پۈتۈن جامائەت ئۇنى بارگاھنىڭ تېشىغا ئەپچىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن، — دېدى. |
پس او را از اردوگاه بیرون برده، همانطور که خداوند امر فرموده بود وی را کشتند. | 36 |
ئاندىن پۈتۈن جامائەت ئۇ ئادەمنى بارگاھ سىرتىغا ئەپچىقىپ، خۇددى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. |
خداوند به موسی فرمود: | 37 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«به قوم اسرائیل بگو که برای لبۀ لباسهای خود منگولههایی درست کنند. این حکمی است که باید نسل اندر نسل رعایت شود. منگولهها را با نخ آبی به حاشیهٔ لباس خود وصل نمایند. | 38 |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛ |
هدف از این قانون آنست که هر وقت منگولهها را ببینید، احکام خداوند را به یاد آورده، آنها را اجرا کنید و به دنبال شهوتهای دل و چشم خود که شما را به هرزگی میکشند، نروید. | 39 |
بۇ خىل چۇچىلار سىلەرنىڭ ئۇنى تىكىپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەندە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەرگە بىر ئەسلەتمە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ھازىرقىدەك ئۆزۈڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلار ۋە كۆزۈڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ، قاتىراپ بۇزۇقلۇق قىلىپ كەتمەسلىكىڭلار، |
این قانون به شما یادآوری خواهد کرد که همۀ فرمانهای مرا به یاد آورده، آنها را اجرا کنید، و برای خدای خود مقدّس باشید. | 40 |
مېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئەستە تۇتۇشۇڭلار ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، خۇدايىڭلارغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بولسۇن. |
من یهوه، خدای شما هستم که شما را از مصر بیرون آوردم. من یهوه، خدای شما هستم!» | 41 |
مەن خۇدايىڭلار بولۇش ئۈچۈن سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن. |