در دوران سلطنت یوتام و آحاز و حِزِقیا، پادشاهان یهودا، خداوند این پیام را دربارهٔ اورشلیم و سامره، به صورت رؤیا به میکاه مورشتی داد. | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ــ يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان كۈنلەردە مورەشەتلىك مىكاھغا كەلگەن: ــ ــ ئۇ بۇلارنى سامارىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا كۆرگەن. |
ای تمام قومها بشنوید! ای همهٔ ساکنان زمین گوش دهید! خداوند از خانه مقدّس خود بر ضد شما شهادت میدهد. | 2 |
ئاڭلاڭلار، ئى خەلقلەر، ھەممىڭلار! قۇلاق سال، ئى يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا بولغان ھەممىڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، رەب مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن سىلەرنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن! |
اینک خداوند تخت فرمانروایی خود را در آسمان ترک کرده و از فراز کوهها به زمین میآید. | 3 |
چۈنكى مانا، پەرۋەردىگار ئۆز جايىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ چۈشۈپ، يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارنى چەيلەيدۇ؛ |
کوهها در زیر پاهایش مثل موم آب میشوند و مانند سیل از بلندیها به دره سرازیر میگردند. | 4 |
ئۇنىڭ ئاستىدا تاغلار ئېرىپ كېتىدۇ، جىلغىلار يېرىلىدۇ، خۇددى موم ئوتنىڭ ئالدىدا ئېرىگەندەك، سۇلار تىك ياردىن تۆكۈلگەندەك بولىدۇ. |
تمام اینها به سبب گناهان مردم اسرائیل و یهودا اتفاق میافتد. بتپرستی و عِصیان سامره و اورشلیم را که پایتختهای اسرائیل و یهودا هستند، پر ساخته است. | 5 |
بۇنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ؛ ياقۇپنىڭ ئىتائەتسىزلىكى نەدىن باشلانغان؟ ئۇ سامارىيەدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ يەھۇدادىكى «يۇقىرى جايلار»[نى ياساش] نەدىن باشلانغان؟ ئۇلار يېرۇسالېمدىن باشلانغان ئەمەسمۇ؟ |
خداوند میفرماید: «شهر سامره را به صورت تودهای از خاک درمیآورم؛ آن را چنان شخم میزنم که بتوان برای کشت انگور از آن استفاده کرد. حصار و قلعههای آن را خراب کرده، سنگهایش را به دره میریزم تا بنیادش نمایان شود. | 6 |
شۇڭا مەن سامارىيەنى ئېتىزدىكى تاش دۆۋىسىدەك، ئۈزۈم تاللىرى تىكىشكە لايىق جاي قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا دومىلىتىپ تاشلايمەن، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يالىڭاچلايمەن؛ |
تمام بتهایش خرد خواهند شد و همۀ هدایای معبدش در آتش خواهند سوخت. من همۀ تمثالهایش را نابود خواهم کرد. او هدایایش را از فاحشگی به دست آورده است، پس آنها را از دست خواهد داد و آنها به فاحشههای دیگر داده خواهند شد.» | 7 |
ئۇنىڭ بارلىق ئويما مەبۇدلىرى پارا-پارا چېقىۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ پاھىشىلىكتىن ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلىرى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيرانە قىلىمەن؛ چۈنكى ئۇ پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بىلەن بۇلارنى يىغىپ توپلىدى؛ ئۇلار يەنە پاھىشە ئايالنىڭ ھەققى بولۇپ قايتىپ كېتىدۇ. |
من گریه میکنم و ماتم میگیرم، مثل شغال زوزه میکشم و مانند جغد شیون میکنم. از غصه و سرافکندگی با پای برهنه و تن عریان راه میروم، | 8 |
بۇلار ئۈچۈن مەن ئاھ-زار كۆتۈرىمەن، مەن ھۇۋلايمەن؛ يالىڭاياق، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىمەن؛ مەن چىلبۆرىلەردەك ھۇۋلايمەن؛ ھۇۋقۇشلاردەك ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن. |
چون زخم قوم من عمیقتر از آن است که شفا یابد. زیرا ویرانی به یهودا و حتی به دروازههای اورشلیم نیز رسیده است. | 9 |
چۈنكى ئۇنىڭ يارىلىرى داۋالىغۇسىزدۇر، ئۇ ھەتتا يەھۇداغىچىمۇ يېتىپ، خەلقىمنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغىچە يامرىدى. |
این را به شهر جت نگویید و نگذارید اهالی آنجا گریهٔ شما را بشنوند! ای ساکنان بیتعفره از شدت درد و شرمندگی در خاک بغلتید! | 10 |
بۇ [ئاپەتنى] گات شەھىرىدە سۆزلىمەڭلار، قەتئىي يىغلىماڭلار؛ بەيت-لە-ئافراھ شەھىرىدە توپا-چاڭدا ئېغىناڭلار! |
مردم شافیر برهنه و سرافکنده به اسارت برده میشوند. اهالی صعنان جرأت نمیکنند از خانههایشان بیرون بیایند. وقتی صدای ماتم مردم بیتایصل را بشنوید، بدانید که در آنجا پناهگاهی نیست. | 11 |
ئى شافىردا تۇرۇۋاتقان قىز، يالىڭاچلىق ۋە شەرمەندىلىك ئىچىدە [ئەسىرلىككە] ئۆت؛ زائاناندا تۇرۇۋاتقان قىزلار تالاغا ھېچ چىققان ئەمەس؛ بەيت-ئېزەل ئاھ-زارلار كۆتۈرمەكتە؛ «[خۇدا] سەندىن مۇقىم جايىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ!» |
ساکنان ماروت از فرط انتظار بیمار شدهاند، چون بلا از جانب خداوند بر ضد اورشلیم نازل شده است. | 12 |
ماروتتا تۇرۇۋاتقان قىز ياخشىلىققا تەلمۈرۈپ تىت-تىت بولۇۋاتىدۇ؛ بىراق يامانلىق پەرۋەردىگاردىن يېرۇسالېم دەرۋازىسىغا چۈشتى. |
ای مردم لاکیش بشتابید! بر سریعترین ارابههای خود سوار شده، فرار کنید، چون شما اولین شهر یهودا بودید که گناه بتپرستی اسرائیل را دنبال کردید و برای سایر شهرها سرمشق شدید. | 13 |
تۇلپارنى جەڭ ھارۋىسىغا قات، ئى لاقىشتا تۇرۇۋاتقان قىز؛ (لاقىش بولسا، زىئون قىزىغا گۇناھنىڭ باشلانغان يېرى ئىدى!) چۈنكى سەندە ئىسرائىلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تېپىلىدۇ. |
ای مردم یهودا، هدایای خداحافظی به شهر مورِشِت جَت بفرستید، زیرا امیدی برای نجات آن نیست. شهر اکزیب پادشاهان اسرائیل را فریفته است. | 14 |
شۇڭا سەن خۇشلىشىش ھەدىيىلىرىنى مورەشەت-گات شەھىرىگە بېرىسەن؛ ئاقزىبنىڭ دۇكاندارلىرى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ |
ای مردم مریشه، دشمنانتان بر شما مسلط خواهند شد و بزرگان اسرائیل به غار عدولام پناه خواهند برد. | 15 |
مەن تېخى ساڭا بىر «مىراسخور» ئەپكېلىمەن، ئى مارەشاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان قىز؛ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپى ئادۇللامغىمۇ چۈشۈپ كېلىدۇ. |
برای فرزندان خود ماتم کنید، چون آنها را از آغوشتان خواهند ربود و دیگر هرگز آنها را نخواهید دید. سرهایتان را بتراشید و خود را مانند کرکس کچل سازید، زیرا فرزندان عزیزتان را به سرزمینهای دور دست به اسارت خواهند برد. | 16 |
ئۆزۈڭنى تاقىرباش قىل، زوقۇڭ بولغان بالىلار ئۈچۈن چېچىڭنى چۈشۈرۈۋەت؛ قورۇلتازدەك ئايدىڭباشلىقىڭنى كېڭەيت، چۈنكى ئۇلار سەندىن ئايرىلىپ سۈرگۈن بولۇشقا كەتتى. |