ای رهبران بنیاسرائیل، گوش کنید! شما کسانی هستید که باید مفهوم عدالت را بدانید، | 1 |
مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟ |
ولی در عوض از خوبی متنفرید و بدی را دوست میدارید. شما پوست قوم مرا میکنید و گوشتی بر بدنشان باقی نمیگذارید. | 2 |
ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر! |
آنها را میبلعید، پوست از تنشان جدا میکنید و استخوانهایشان را مانند گوشتی که تکهتکه کرده در دیگ میریزند، خرد میکنید، | 3 |
پس زمانی که از خداوند کمک بخواهید او به دعای شما گوش نخواهد داد. او روی خود را از شما برخواهد گرداند، زیرا مرتکب کارهای زشت شدهاید. | 4 |
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!». |
خداوند میفرماید: «ای انبیای دروغگو که قوم مرا گمراه کرده، برای کسی که به شما مزد میدهد با صدای بلند سلامتی میطلبید و کسی را که مزد نمیدهد تهدید میکنید؛ | 5 |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!) |
تاریکی شب شما را فرو خواهد گرفت تا دیگر رؤیا نبینید و پیشگویی نکنید. آفتاب بر شما غروب خواهد کرد و روزتان تاریک خواهد شد. | 6 |
ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛ |
انبیا و پیشگویان شما روی خود را از خجالت خواهند پوشاند، زیرا دیگر از جانب خدا جوابی برای شما نخواهد آمد.» | 7 |
«ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ. |
و اما من از قدرت روح خداوند پر شدهام تا بدون ترس، گناهان قوم اسرائیل را به آنها اعلام کنم. | 8 |
بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن. |
پس ای رهبران اسرائیل که از عدالت نفرت دارید و بیانصافی میکنید، به من گوش دهید! | 9 |
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار، |
ای کسانی که اورشلیم را از خون و ظلم پر ساختهاید، | 10 |
زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار! |
ای رهبران رشوهخوار، ای کاهنان و انبیایی که تا به شما مزد ندهند موعظه نمیکنید و نبوّت نمینمایید، ولی وانمود میکنید که به خدا توکل دارید و میگویید: «خداوند در میان ماست، پس هیچ آسیبی به ما نخواهد رسید.» | 11 |
[زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ. |
به خاطر شما اورشلیم با خاک یکسان شده، به صورت تودهای سنگ در خواهد آمد و کوهی که خانهٔ خداوند بر آن قرار دارد به جنگل تبدیل خواهد شد. | 12 |
شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس. |