خداوند به موسی و هارون فرمود: «این دستورها را به بنیاسرائیل بدهید: هرگاه بدن مردی ترشح غیرطبیعی داشته باشد، او نجس خواهد بود. | 1 |
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
2 |
ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار: ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن. |
این مایع، چه از بدنش به بیرون ترشح کند و چه نکند، او را نجس میسازد. | 3 |
ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛ |
هر رختخوابی که او در آن بخوابد و هر چیزی که روی آن بنشیند نجس خواهد شد. | 4 |
مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ. |
هر کس به رختخواب او دست بزند، تا غروب نجس خواهد بود و باید لباس خود را بشوید و غسل کند. | 5 |
كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
هر کس روی چیزی بنشیند که آن مرد هنگام آلودگی خود روی آن نشسته بود، تا غروب نجس خواهد بود و باید لباس خود را بشوید و غسل کند. | 6 |
شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
هر کس به آن مرد دست بزند، باید همین دستورها را اجرا کند. | 7 |
كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
به هر کس آب دهان بیفکند، آن شخص تا غروب نجس خواهد بود و باید لباس خود را بشوید و غسل کند. | 8 |
ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
روی هر زینی که بنشیند، آن زین نجس خواهد بود. | 9 |
قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە [ئاقما بولغان] كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن. |
اگر کسی چیزی را که زیر این مرد بوده است بردارد یا به آن دست بزند، تا غروب نجس خواهد بود و باید لباس خود را بشوید و غسل کند. | 10 |
كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
اگر این مرد نجس بیآنکه اول دستهای خود را بشوید، به کسی دست بزند، آن شخص باید لباس خود را بشوید و غسل کند و تا غروب نجس خواهد بود. | 11 |
ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
اگر مرد نجس به یک ظرف سفالین دست بزند، آن ظرف باید شکسته شود؛ ولی اگر به ظرفی چوبی دست بزند آن ظرف را باید شست. | 12 |
ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن. |
«وقتی ترشح او قطع شود، باید هفت روز صبر کند و بعد لباسهایش را بشوید و در آب روان غسل نماید تا طاهر شود. | 13 |
قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ. |
روز هشتم باید دو قمری یا دو جوجه کبوتر دم در خیمۀ ملاقات به حضور خداوند بیاورد و آنها را به کاهن بدهد. | 14 |
سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. |
کاهن باید یکی را برای قربانی گناه و دیگری را برای قربانی سوختنی ذبح کند. به این ترتیب کاهن در حضور خداوند برای آن مرد به سبب ترشحی که داشته است کفاره مینماید. | 15 |
كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ. |
«هر وقت از مردی منی خارج شود باید خود را کاملاً بشوید؛ او تا غروب نجس خواهد بود. | 16 |
ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
هر پارچه یا چرمی که منی روی آن ریخته باشد باید شسته شود و آن پارچه یا چرم تا غروب نجس خواهد بود. | 17 |
شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
زن و مرد بعد از نزدیکی باید غسل کنند و تا غروب نجس خواهند بود. | 18 |
ئەر ۋە ئايال كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
«زن تا هفت روز بعد از عادت ماهانهاش نجس خواهد بود. در آن مدت هر کس به او دست بزند، تا غروب نجس خواهد شد، | 19 |
ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
و او روی هر چیزی بخوابد یا بنشیند، آن چیز نجس خواهد شد. | 20 |
«ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن. |
اگر کسی به رختخواب آن زن دست بزند باید لباس خود را بشوید و در آب غسل کند، و او تا غروب نجس خواهد بود. | 21 |
ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
اگر کسی به چیزی که آن زن روی آن نشسته است، دست بزند، باید لباس خود را بشوید و در آب غسل کند، و او تا غروب نجس خواهد بود. | 22 |
ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
پس خواه رختخواب باشد و خواه هرآنچه او بر آن مینشیند، چون کسی به آن دست بزند، تا غروب نجس خواهد بود. | 23 |
ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
مردی که در این مدت با او نزدیکی کند، تا هفت روز نجس خواهد بود و هر رختخوابی که او روی آن بخوابد نجس خواهد بود. | 24 |
ئەگەر بىر ئەر كىشى شۇ ھالەتتىكى ئايال بىلەن بىرگە ياتسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇن ناپاكلىقى شۇ ئەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن؛ ئۇ ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپىمۇ ناپاك سانالسۇن. |
«اگر خونریزی عادت ماهانه بیش از حد معمول جریان داشته باشد یا در طول ماه، بیموقع عادت ماهانهٔ او شروع شود، همان دستورهای بالا باید اجرا گردد. | 25 |
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن. |
بنابراین در آن مدت او روی هر چیزی که بخوابد یا بنشیند، درست مثل دورهٔ عادت ماهانهٔ عادی نجس خواهد بود. | 26 |
قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن-كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن-كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن. |
هر کس به رختخواب او یا به چیزی که او روی آن نشسته باشد دست بزند نجس خواهد شد و باید لباس خود را بشوید و غسل کند. او تا غروب نجس خواهد بود. | 27 |
ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
هفت روز بعد از تمام شدن عادت ماهانه، او دیگر نجس نیست. | 28 |
ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ. |
روز هشتم باید دو قمری یا دو جوجه کبوتر دم در خیمۀ ملاقات پیش کاهن بیاورد | 29 |
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. |
و کاهن یکی را برای قربانی گناه و دیگری را برای قربانی سوختنی ذبح کند و در حضور خداوند برای نجاست عادت ماهانۀ آن زن کفاره نماید. | 30 |
كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. |
به این ترتیب قوم اسرائیل را از ناپاکیهایشان طاهر کنید مبادا به خاطر آلوده کردن خیمۀ ملاقات من که در میان ایشان است بمیرند. | 31 |
سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. |
«این است قوانین برای مردی که به سبب ترشح غیرطبیعی یا خارج شدن مَنی نجس شود، | 32 |
ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، |
و همچنین برای دورهٔ عادت ماهانهٔ زن و در مورد هر شخصی است که با آن زن قبل از طهارت وی نزدیکی کند.» | 33 |
شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. |