خداوند به موسی فرمود: | 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«این دستورها دربارهٔ شخصی است که از بیماریهای پوستی شفا یافته و برای تطهیرش او را نزد کاهن آوردهاند: | 2 |
پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى پاك قىلىنىدىغان كۈنىدە بەجا قىلىش كېرەك بولغان قانۇن-بەلگىلىمە مانا تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ ئۇ كاھىننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. |
کاهن باید برای معاینهٔ او از اردوگاه بیرون رود. اگر دید که جذام برطرف شده است | 3 |
كاھىن چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ، پېسە-ماخاۋ بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر پېسە-ماخاۋ بولغان كىشى كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، |
دستور دهد دو پرندهٔ زندهٔ حلال گوشت، چند تکه چوب سرو، نخ قرمز و چند شاخه از گیاه زوفا برای مراسم تطهیر شخص شفا یافته بیاورند. | 4 |
ئۇنداقتا كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە پاك، تىرىك قۇشتىن ئىككىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسۇن. |
سپس دستور دهد که یکی از پرندگان را در یک ظرف سفالین که آن را روی آب روان گرفته باشند سر ببرند | 5 |
ئاندىن كاھىن قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار دەپ بۇيرۇسۇن؛ |
و چوب سرو، نخ قرمز، شاخهٔ زوفا و پرندهٔ زنده را در خون پرندهای که بر آب روان سرش بریده شده فرو کند. | 6 |
ئاندىن تىرىك قۇشنى بولسا، كاھىن ئۇنى كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قۇش بىلەن بىرگە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلىسۇن، |
سپس کاهن خون را هفت مرتبه روی شخصی که از جذام شفا یافته، بپاشد و او را طاهر اعلام کند و پرندهٔ زنده را هم در صحرا رها نماید. | 7 |
ئاندىن پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىشى بىلەن ئۇنى پاك دەپ جاكارلىسۇن؛ ۋە تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن. |
آنگاه شخصی که شفا یافته لباس خود را بشوید و تمام موی خود را بتراشد و خود را بشوید تا طاهر شود. سپس او میتواند به اردوگاه بازگشته، در آنجا زندگی کند؛ ولی باید تا هفت روز بیرون خیمهاش بماند. | 8 |
پېسە-ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك. |
در روز هفتم دوباره تمام موی خود را که شامل موی سر، ریش، ابرو و سایر قسمتهای بدن او میشود، بتراشد و لباسهایش را بشوید و حمام کند. آنگاه آن شخص طاهر خواهد بود. | 9 |
يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ-ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ. |
«روز بعد، یعنی روز هشتم، باید دو برهٔ نر بیعیب و یک میش یک سالهٔ بیعیب با سه کیلو آرد مرغوب مخلوط با روغن زیتون به عنوان هدیهٔ آردی و یک سوم لیتر روغن زیتون نزد کاهن بیاورد. | 10 |
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر [ئەفاھنىڭ] ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن. |
سپس کاهن آن شخص و هدیهٔ وی را دم در خیمۀ ملاقات به حضور خداوند بیاورد. | 11 |
ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن. |
کاهن باید یکی از برههای نر را با روغن زیتون گرفته، با تکان دادن آنها در جلوی مذبح، به عنوان قربانی جبران به خداوند تقدیم کند. (این قربانی جزو هدایای مخصوصی است که به کاهن تعلق میگیرد.) | 12 |
ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. |
سپس کاهن در خیمۀ ملاقات در جایی که قربانی گناه و قربانی سوختنی ذبح میشوند، بره را سر ببرد. این قربانی جبران بسیار مقدّس است و باید مثل قربانی گناه برای خوراک به کاهن داده شود. | 13 |
قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ. |
کاهن، خون قربانی جبران را بگیرد و مقداری از آن را بر نرمهٔ گوش راست شخصی که طاهر میشود و روی شست دست راست او و روی شست پای راستش بمالد. | 14 |
كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۈرۈپ قويسۇن. |
پس از آن، کاهن مقداری از روغن زیتون را گرفته، آن را در کف دست چپ خود بریزد، | 15 |
ئاندىن كاھىن شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. |
و انگشت دست راست خود را در آن فرو برده، هفت بار روغن را به حضور خداوند بپاشد. | 16 |
كاھىن ئوڭ بارمىقىنى سول قولىدىكى زەيتۇن مېيىغا چىلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم بارمىقى بىلەن سەپسۇن. |
سپس کاهن مقداری از روغن کف دست خود را روی نرمهٔ گوش راست آن شخص و روی شست دست راست و روی شست پای راست او بمالد. | 17 |
ئاندىن كاھىن قولىدىكى قالغان مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈلگەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قويسۇن. |
بعد روغن باقیمانده در کف دست خود را بر سر آن شخص بمالد. به این ترتیب کاهن در حضور خداوند برای او کفاره خواهد کرد. | 18 |
سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. |
پس از آن، کاهن باید قربانی گناه را تقدیم کند و بار دیگر مراسم کفاره را برای شخصی که از جذام خود طاهر میشود به جا آورد. سپس کاهن قربانی سوختنی را سر ببرد، | 19 |
ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن. |
و آن را با هدیهٔ آردی بر مذبح تقدیم نموده، برای آن شخص کفاره کند تا طاهر محسوب شود. | 20 |
كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ. |
«اگر آن شخص فقیر باشد و نتواند دو بره قربانی کند، میتواند یک برهٔ نر به عنوان قربانی جبران بیاورد تا هنگام برگزاری مراسم کفاره جلوی مذبح تکان داده شود و به خداوند تقدیم گردد. همراه با آن یک کیلو آرد مرغوب مخلوط با روغن زیتون به عنوان هدیهٔ آردی و یک سوم لیتر روغن زیتون نیز باید تقدیم شود. | 21 |
لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن |
آن شخص باید دو قمری یا دو جوجه کبوتر نیز بیاورد و یکی را برای قربانی گناه و دیگری را برای قربانی سوختنی تقدیم کند. | 22 |
ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛ |
روز هشتم آنها را دم در خیمۀ ملاقات نزد کاهن بیاورد تا در حضور خداوند برای مراسم طهارت او تقدیم شوند. | 23 |
سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. |
کاهن بره را به عنوان قربانی جبران همراه با روغن بگیرد و آنها را جلوی مذبح تکان داده، به خداوند تقدیم کند. (این قربانی جزو هدایای مخصوصی است که به کاهن تعلق میگیرد.) | 24 |
كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. |
سپس بره را به عنوان قربانی جبران ذبح کند و قدری از خون آن را روی نرمهٔ گوش راست شخصی که طاهر میشود و روی شست دست راست و روی شست پای راست او بمالد. | 25 |
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن. |
سپس کاهن مقداری از روغن زیتون را در کف دست چپ خود بریزد | 26 |
ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن. |
و با انگشت راستش قدری از آن را هفت بار به حضور خداوند بپاشد. | 27 |
شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن. |
بعد قدری از روغن زیتون کف دستش را روی نرمهٔ گوش راست آن شخص و روی شست دست راست و روی شست پای راست وی بمالد. | 28 |
ئاندىن كاھىن ئۆزى قولىدىكى مايدىن ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا ۋە ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىنىڭ ئۈستىگە سۈرسۇن. |
روغن باقیمانده در دست خود را بر سر شخصی که طاهر میشود بمالد. به این ترتیب کاهن در حضور خداوند برای او کفاره خواهد کرد. | 29 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا كافارەت كەلتۈرۈشكە كاھىن قولىدىكى ماينىڭ قالغىنىنى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن؛ |
پس از آن، باید دو قمری یا دو جوجه کبوتری را که آورده است قربانی کند، | 30 |
ئاندىن شۇ كىشى ئۆز قۇربىغا قاراپ پاختەكتىن بىرنى ياكى باچكىدىن بىرنى سۇنسۇن؛ |
یکی را برای قربانی گناه و دیگری را برای قربانی سوختنی. همراه آنها هدیهٔ آردی نیز تقدیم شود. به این ترتیب کاهن در حضور خداوند برای آن شخص کفاره خواهد کرد. | 31 |
ئۆز قۇربىغا قاراپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە سۇنسۇن. بۇ يولدا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پاك قىلىنىدىغان كىشى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. |
این است قوانین مربوط به اشخاصی که از بیماری پوستی شفا یافته، ولی قادر نیستند قربانیهایی را که برای انجام مراسم طهارت لازم است بیاورند.» | 32 |
ئۆزىدە پېسە-ماخاۋ بولغان، پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولىدىغان نەرسىلەرنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. |
خداوند به موسی و هارون فرمود: | 33 |
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ |
«وقتی به سرزمین کنعان که من آن را به شما به ملکیت میبخشم، وارد شدید و من بر خانهای در آن سرزمین کپک بفرستم | 34 |
ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان قانائان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، مەن سىلەر ئىگە بولىدىغان شۇ زېمىندىكى بىر ئۆيگە بىرخىل پېسە-ماخاۋ يارىسىنى ئەۋەتسەم، |
هرگاه کسی در خانهاش متوجهٔ کپک شود، باید بیاید و به کاهن بگوید:”به نظر میرسد در خانهٔ من نوعی کپک وجود دارد!“ | 35 |
ئۆينىڭ ئىگىسى كاھىننىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇنى مەلۇم قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيۈمگە ۋابا يۇققاندەك كۆرۈنىدۇ»، دەپ مەلۇم قىلىشى كېرەك. |
کاهن پیش از اینکه خانه را مشاهده کند دستور بدهد که خانه تخلیه شود تا اگر تشخیص داد که مرض جذام در آنجا وجود دارد، هر چه در خانه است، نجس اعلام نشود. سپس کاهن وارد خانه شده | 36 |
كاھىن بولسا: ــ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر ناپاك بولمىسۇن ئۈچۈن مەن بېرىپ بۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قاراشتىن بۇرۇن ئۆينى بىكارلاڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. ئاندىن كاھىن كىرىپ ئۆيگە سەپسېلىپ قارىسۇن. |
آن را مشاهده کند. اگر رگههای مایل به سبز یا سرخ در دیوار خانه پیدا کرد که گودتر از سطح دیوار به نظر رسید، | 37 |
ئۇ شۇ ۋاباغا سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئۆينىڭ تاملىرىغا ۋابا داغلىرى يۇققان جايلار كاۋاك بولسا، ھەم يېشىلغا مايىل ياكى قىزغۇچ بولۇپ، تامنىڭ يۈزىدىن قېنىقراق بولسا، |
باید در خانه را تا هفت روز ببندد. | 38 |
كاھىن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىشىكنى يەتتە كۈنگىچە تاقاپ قويسۇن. |
روز هفتم کاهن برگردد و خانه را ملاحظه کند. اگر رگهها در دیوار پخش شده باشند، | 39 |
ئاندىن كاھىن يەتتىنچى كۈنى يېنىپ كېلىپ، سەپسېلىپ قارىغىنىدا، ئۆينىڭ تاملىرىدىكى ئىز-داغ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، |
آنگاه کاهن دستور بدهد آن قسمت رگهدار دیوار را کنده، سنگهای آن را در جای ناپاکی خارج از شهر بیندازند. | 40 |
كاھىن: ــ ۋابا يۇققان تاشلارنى چىقىرىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، دەپ بۇيرۇسۇن. |
سپس دستور بدهد دیوارهای داخل خانه را بتراشند و خاک تراشیده شده را نیز در جای ناپاکی خارج از شهر بریزند. | 41 |
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئۆينىڭ ئىچىنىڭ تۆت ئەتراپىنى قىردورسۇن ۋە ئۇلار قىرغان سۇۋاقنى بولسا شەھەرنىڭ تېشىدىكى ناپاك بىر جايغا تۆكۈۋەتسۇن. |
بعد باید سنگهای دیگری بیاورند و به جای سنگهایی که کنده شده کار بگذارند و با ملاط تازه خانه را دوباره اندود کنند. | 42 |
ئاندىن ئۇلار باشقا تاشلارنى ئېلىپ، ئىلگىرىكى تاشلارنىڭ ئورنىدا قويسۇن ۋە باشقا ھاك لاي ئېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆينى قايتىدىن سۇۋىسۇن. |
«ولی اگر رگهها دوباره نمایان شدند، | 43 |
ئەگەر ئۇ تاشلارنى چىقىرىپ، ئۆينى قىردۇرۇپ قايتىدىن سۇۋاتقاندىن كېيىن، ئۆيدە ۋابا دېغى يەنە پەيدا بولسا، |
کاهن باید دوباره بیاید و نگاه کند، اگر دید که رگهها پخش شدهاند، بداند که جذام مسری است و خانه نجس میباشد. | 44 |
ئۇنداقتا كاھىن يەنە كىرىپ بۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن. سەپسېلىپ قارىغىنىدا، مانا ئىز-داغ ئۆيدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۆيگە يۇققىنى چىرىتكۈچ ۋابا بولىدۇ؛ ئۆي ناپاك سانىلىدۇ. |
آنگاه کاهن دستور دهد خانه را خراب کنند و تمام سنگها، تیرها و خاک آن را به خارج از شهر برده، در جای ناپاکی بریزند. | 45 |
بۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆينى، يەنى ياغاچ-تاش ۋە بارلىق سۇۋىقى بىلەن بىللە چۈشۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ناپاك بىر جايغا تاشلىۋەتسۇن. |
وقتی در خانه بسته است، اگر کسی داخل آن شود، تا غروب نجس خواهد بود. | 46 |
كىمدەكىم ئۆي تاقالغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا كىرسە، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ. |
هر که در آن خانه بخوابد یا چیزی بخورد، باید لباس خود را بشوید. | 47 |
ئەگەر بىركىم ئۆي ئىچىدە ياتقان بولسا، كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ ۋە ئەگەر بىرسى ئۆيدە غىزالانغان بولسا، ئۇمۇ ئۆز كىيىملىرىنى يۇسۇن. |
«اما زمانی که کاهن دوباره برای ملاحظۀ خانه میآید، اگر ببیند که رگهها دیگر پخش نشدهاند، آنگاه اعلام کند که خانه طاهر است و جذام برطرف شده است. | 48 |
لېكىن كاھىن كىرىپ، ئۆيگە سەپسېلىپ قارىغىنىدا ئۆي سۇۋالغاندىن كېيىن ۋابا ئۇنىڭدا كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۆينى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋابا ساقايغان بولىدۇ. |
سپس برای طهارت خانه، دستور دهد دو پرنده، چند تکه چوب سرو، نخ قرمز و چند شاخه زوفا بیاورند. | 49 |
ئاندىن ئۇ ئۆينىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى قۇش، كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت بىلەن زوفا ئېلىپ كېلىپ، |
یکی از پرندگان را روی آب روان در یک ظرف سفالین سر ببرد | 50 |
قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلىسۇن؛ |
و چوب سرو و شاخهٔ زوفا و نخ قرمز و پرندهٔ زنده را بگیرد و در خون پرندهای که سربریده است و همچنین در آب روان فرو کند و هفت بار بر خانه بپاشد. | 51 |
ئاندىن ئۇ كېدىر ياغىچى، زوفا، قىزىل رەخت ۋە تىرىك قۇشنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا، شۇنداقلا ئېقىن سۇغا چىلاپ، ئۆيگە يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن؛ |
به این طریق خانه طاهر میشود. | 52 |
بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆينى قۇشنىڭ قېنى، ئېقىن سۇ، تىرىك قۇش، كېدىر ياغىچى، زوفا ۋە قىزىل رەخت ئارقىلىق ناپاكلىقتىن پاكلايدۇ. |
سپس پرندهٔ زنده را بیرون شهر در صحرا رها کند. این است روش تطهیر خانه.» | 53 |
ئاندىن ئۇ تىرىك قۇشنى شەھەرنىڭ سىرتىدا، دالادا قويۇپ بەرسۇن. ئۇ شۇنداق قىلىپ، ئۆي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئۆي پاك سانىلىدۇ. |
این است قوانین مربوط به بیماریهای پوستی، گری، | 54 |
بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە-ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ، |
و کپک در لباس یا در خانه | 55 |
كىيىم-كېچەك ۋە ئۆيگە يۇققان پېسە-ماخاۋ ۋاباسى، |
و تاول یا آماس یا لک. | 56 |
تېرىدىكى چىقانلار، تەمرەتكە ۋە پارقىراق ئاق ئىز-داغلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. |
این روش نشان خواهد داد که چه وقت چیزی نجس است و چه وقت طاهر. این است قوانین بیماریهای پوستی و کپک. | 57 |
شۇ بەلگىلىمىلەر بىلەن بىر نەرسىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ناپاك، قايسى ئەھۋالدا پاك بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشكە كۆرسەتمە بېرىشكە بولىدۇ؛ مانا بۇ پېسە-ماخاۋ توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر. |