در آن روزگار که قوم اسرائیل هنوز پادشاهی نداشت، مردی از قبیلهٔ لاوی در آن طرف کوهستان افرایم زندگی میکرد. او دختری از اهالی بیتلحم یهودا را به عقد خود درآورد. | 1 |
ئىسرائىلدا تېخى پادىشاھ تىكلەنمىگەن شۇ كۈنلەردە، ئەفرائىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت تەرىپىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر لاۋىي كىشى بار ئىدى؛ ئۇ يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەملىك بىر قىزنى كېنىزەكلىككە ئالدى. |
اما آن دختر از او دلگیر شده، به خانهٔ پدرش در بیتلحم یهودا فرار کرد و مدت چهار ماه در آنجا ماند. | 2 |
لېكىن ئۇ كېنىزەك ئېرىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تۆت ئايچە تۇردى. |
سرانجام شوهرش برخاسته، به دنبال زنش رفت تا دوباره دل او را به دست آورد و او را به خانه بازگرداند. غلامی با دو الاغ همراه او بود. چون به آنجا رسید، زنش او را به خانهٔ خود برد و پدرزنش از دیدن وی بسیار شاد شد. | 3 |
ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئېرى قوپۇپ كېنىزىكىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىپ ياندۇرۇپ كېلىشكە كېنىزىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر خىزمەتكارىنى ۋە ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ باردى. كېنىزەك ئېرىنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىردى؛ ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ قارشى ئالدى. |
پدرزنش از او خواست که چند روزی با آنها بماند. پس او سه روز در خانهٔ پدرزنش ماند و اوقات خوشی را با هم گذراندند. | 4 |
ئۇنىڭ قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى تۇتۇپ قالدى، ئۇ ئۇ يەردە ئۈچ كۈنگىچە يەپ-ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ قوپتى. |
روز چهارم، صبح زود برخاستند و خواستند حرکت کنند، اما پدرزنش اصرار نمود که بعد از خوردن صبحانه بروند. | 5 |
تۆتىنچى كۈنى لاۋىي كىشى سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، كېنىزىكىنىڭ ئاتىسى كۈيئوغلىغا: ــ بىر توغرام نان يەپ يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ماڭغىن، ــ دېدى. |
پس از صرف صبحانه پدرزن آن مرد گفت: «امروز هم پیش ما بمان تا با هم خوش بگذرانیم.» | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى ئولتۇرۇپ بىللە يەپ-ئىچىپ تاماقلاندى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇ كىشىگە: ــ سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ كېچىمۇ قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن، دېدى. |
آن مرد اول نپذیرفت، اما سرانجام بر اثر اصرار پدرزنش یک روز دیگر نزد آنها ماند. | 7 |
بۇ كىشى ماڭغىلى قوپۇۋىدى، لېكىن قېينئاتىسى ئۇنى زورلاپ، يەنە ئېلىپ قالدى، ئۇ يەنە بىر كۈن قوندى. |
روز بعد، آنها دوباره صبح زود برخاستند تا بروند اما باز پدرزنش مانع شد و گفت: «خواهش میکنم چیزی بخورید و تا غروب بمانید.» پس ماندند و به خوردن و نوشیدن پرداختند. | 8 |
بەشىنچى كۈنى ئۇ سەھەر قوپۇپ ماڭغىلى تەييارلاندى، لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ [ئاۋۋال] يۈرىكىڭنى قۇۋۋەتلەندۈرگىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى كۈن ئېگىلگۈچە ئولتۇرۇپ، بىللە تاماقلاندى. |
در پایان همان روز که آن مرد و زنش و غلامش آمادهٔ حرکت میشدند، پدرزنش گفت: «اکنون دیر وقت است. بهتر است شب را هم با خوشی دور هم باشیم و فردا صبح زود برخاسته روانه شوید.» | 9 |
ئاندىن بۇ كىشى كېنىزىكى ۋە خىزمەتكارىنى ئېلىپ ماڭغىلى تەييارلىنىۋىدى، قېينئاتىسى، يەنى قىزنىڭ داداسى ئۇنىڭغا: ــ مانا، كەچ كىرەي دەۋاتىدۇ، سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ يەردە يەنە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ مانا، كۈن مەغرىققە ئېگىلىپتۇ، بۇ يەردە قونغىن، كۆڭلۈڭ ئېچىلسۇن؛ ئاندىن ئەتە سەھەردە يولغا چىقىپ، ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ــ دېدى. |
ولی آن مرد این بار قبول نکرد و به اتفاق همراهانش به راه افتاد و آنها پیش از غروب به اورشلیم که یبوس هم نامیده میشد به همراه همسر و دو الاغ پالان شده رسیدند. | 10 |
لېكىن ئۇ كىشى ئەمدى يەنە بىر كېچە قونۇشقا ئۇنىماي، قوپۇپ يولغا چىقىپ يەبۇسنىڭ، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى توقۇقلۇق ئېشەك ۋە كېنىزىكى بار ئىدى. |
غلامش به وی گفت: «بهتر است امشب در همین شهر بمانیم.» | 11 |
ئۇلار يەبۇسقا يېقىن كەلگەندە كۈن ئولتۇراي دەپ قالغاچقا، خىزمەتكارى غوجىسىغا: ــ يەبۇسىيلارنىڭ بۇ شەھىرىگە كىرىپ، شۇ يەردە قونايلى، دېدى. |
مرد جواب داد: «نه، ما نمیتوانیم در این شهر غریب که یک اسرائیلی هم در آن یافت نمیشود بمانیم. بهتر است به جِبعه یا رامه برویم و شب را در آنجا به سر بریم.» | 12 |
لېكىن غوجىسى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز ئىسرائىللار تۇرمايدىغان، يات ئەللەر تۇرىدىغان شەھەرگە كىرمەيلى، بەلكى گىبېئاھقا ئۆتۈپ كېتەيلى، دېدى. |
13 |
ئاندىن ئۇ يەنە خىزمەتكارىغا: ــ كەلگىن، بىز يېقىندىكى جايلاردىن بىرىگە بارايلى، گىبېئاھدا ياكى راماھدا قونايلى، دېدى. |
پس به راه خود ادامه دادند. غروب به جِبعه که در سرزمین قبیلهٔ بنیامین بود، وارد شدند، | 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېڭىپ، بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا كۈن ئولتۇرغانىدى. |
تا شب را در آنجا به سر برند. اما چون کسی آنها را به خانهٔ خود نبرد، در میدان شهر ماندند. | 15 |
ئۇلار گىبېئاھقا كىرىپ، ئۇ يەردە قونماقچى بولدى؛ شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى؛ لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى قوندۇرۇشقا ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. |
در این موقع پیرمردی از کار خود در مزرعهاش به خانه برمیگشت (او از اهالی کوهستان افرایم بود، ولی در جِبعهٔ بنیامین زندگی میکرد). | 16 |
ھالبۇكى، ئۇ كېچىسى قېرى بىر ئادەم ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېتىزلىقتىن يېنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئەفرائىم تاغلىق رايونىلىق ئادەم ئىدى، ئۇ گىبېئاھدا مۇساپىر بولۇپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى؛ لېكىن ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىنيامىنلاردىن ئىدى. |
چون مسافران را در گوشهٔ میدان دید نزد ایشان رفت و پرسید: «از کجا آمدهاید و به کجا میروید؟» | 17 |
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، بۇ يولۇچىنىڭ شەھەرنىڭ مەيدانىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
مرد در پاسخ گفت: «از بیتلحم یهودا آمدهایم و به آن طرف کوهستان افرایم میرویم، زیرا خانه ما آنجا در نزدیکی شیلوه است و عازم خانه خود هستیم و هیچکس ما را به خانه خود راه نمیدهد. | 18 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بىز يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمدىن ئەفرائىم تاغلىقىنىڭ چەت ياقىلىرىغا كېتىپ بارىمىز؛ مەن ئەسلى شۇ جايدىن بولۇپ، يەھۇدا يۇرتىدىكى بەيت-لەھەمگە بارغانىدىم؛ ئىشلىرىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى؛ لېكىن بۇ يەردە ھېچ كىم مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى. |
با اینکه یونجه برای الاغها و خوراک و شراب کافی برای خودمان همراه داریم و نیازی به چیزی نداریم.» | 19 |
بىزنىڭ ئېشەكلىرىمىزگە بېرىدىغان سامان ۋە بوغۇزىمىز بار، ئۆزۈم، دېدەكلىرى، شۇنداقلا كەمىنىلىرىڭ بىلەن بولغان يىگىتكىمۇ نان ۋە شارابلار بار، بىزگە ھېچ نېمە كەم ئەمەس، ــ دېدى. |
پیرمرد گفت: «نگران نباشید. من شما را به خانهٔ خود میبرم. شما نباید در میدان بمانید.» | 20 |
بۇنى ئاڭلاپ قېرى كىشى: ــ تىنچ-ئامان بولغايسەن؛ سىلەرىڭ موھتاجلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۈستۈمگە بولسۇن، ئەمما كوچىدا ياتماڭلار! ــ دەپ، |
پس آنها را با خود به خانه برد و علوفه به الاغهایشان داد. ایشان پس از شستن پاها و رفع خستگی شام خوردند. | 21 |
ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئېشەكلىرىگە يەم بەردى. مېھمانلار پۇتلىرىنى يۇيۇپ، يەپ-ئىچىپ غىزالاندى. |
وقتی آنها سرگرم گفتگو بودند ناگهان عدهای از مردان منحرف و شهوتران، خانهٔ پیرمرد را محاصره نمودند. آنها در حالی که در را به شدت میکوبیدند، فریاد میزدند: «ای پیرمرد، مردی را که در خانهٔ توست بیرون بیاور تا به او تجاوز کنیم.» | 22 |
ئۇلار كۆڭلىدە خۇش بولۇپ تۇرغىنىدا، مانا، شەھەرنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچەيلەن، يەنى بىرقانچە لۈكچەك كېلىپ ئۆينى قورشىۋېلىپ، ئىشىكنى ئۇرۇپ-قېقىپ، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان قېرى كىشىگە: ــ سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەن شۇ كىشىنى بىزگە چىقىرىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. |
پیرمرد از خانهاش بیرون آمد و به آنها گفت: «برادران من، از شما تمنا میکنم چنین عمل زشتی را انجام ندهید، زیرا او میهمان من است. | 23 |
بۇنى ئاڭلاپ ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ ئۇلارغا: ــ بولمايدۇ، ئەي بۇرادەرلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار؛ بۇ كىشى مېنىڭ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىكەن، سىلەر بۇنداق ئىپلاسلىق قىلماڭلار. |
دختر باکرهٔ خودم و زن او را نزد شما میآورم، هر چه که میخواهید با آنها بکنید، اما چنین عمل زشتی را با این مرد نکنید.» | 24 |
مانا، مېنىڭ پاك بىر قىزىم بار، يەنە ئۇ كىشىنىڭ كېنىزىكى بار. مەن ئۇلارنى قېشىڭلارغا چىقىرىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى، نەزىرىڭلارغا نېمە خۇش ياقسا ئۇلارنى شۇنداق قىلىڭلار، لېكىن بۇ كىشىگە مۇشۇنداق ئىپلاسلىق ئىشنى قىلماڭلار، ــ دېدى. |
ولی آنها به حرفهای پیرمرد گوش ندادند. پس مرد میهمان، زن خود را به آنها تسلیم نمود و آنها تمام شب به وی تجاوز کردند و صبح خیلی زود او را رها ساختند. | 25 |
لېكىن ئۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ يولۇچى كېنىزىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۆرەپ چىقىرىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كەچتىن ئەتىگەنگىچە ئاياغ ئاستى قىلدى؛ ئۇلار تاڭ يورۇغاندا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بەردى. |
سپیده دم، آن زن به دم در خانهای که شوهرش در آنجا بود آمد و همان جا بر زمین افتاد و تا روشن شدن هوا در آنجا ماند. | 26 |
چوكان تاڭ سەھەردە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ غوجىسى قونغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە يىقىلىپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە شۇ يەردە يېتىپ قالدى. |
صبح، وقتی که شوهرش در را گشود تا روانه شود، دید زنش کنار در خانه افتاده و دستهایش بر آستانهٔ در است. | 27 |
ئەتىگەندە ئۇنىڭ غوجىسى قوپۇپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يولغا چىقماقچى بولۇپ تېشىغا چىقىۋىدى، مانا، ئۇنىڭ كېنىزىكى بولغان چوكان ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قوللىرى بوسۇغىنىڭ ئۈستىگە قويۇقلۇق ھالدا ياتاتتى. |
به او گفت: «برخیز تا برویم.» اما جوابی نشنید، چون زن مرده بود. پس جسد وی را روی الاغ خود انداخته عازم خانهاش شد. | 28 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قوپقىن، بىز ماڭايلى، دېدى. لېكىن چوكان ھېچبىر جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوكاننى ئېشەككە ئارتىپ، قوزغىلىپ ئۆز ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتى. |
وقتی به منزل رسید، چاقویی برداشته، جسد زنش را به دوازده قطعه تقسیم کرد و هر قطعه را برای یکی از قبایل اسرائیل فرستاد. | 29 |
ئۆز ئۆيىگە كەلگەندە، پىچاقنى ئېلىپ كېنىزىكىنىڭ جەسىتىنى سۆڭەكلىرى بويىچە ئون ئىككى پارچە قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل يۇرتىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە ئەۋەتتى. |
قوم اسرائیل چون این را دیدند خشمگین شده، گفتند: «از روزی که قوم ما از مصر بیرون آمد تاکنون چنین عملی دیده نشده است. ما نباید در این مورد خاموش بنشینیم.» | 30 |
شۇنداق بولدىكى، بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى: «ئىسرائىل مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغانىدى ياكى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئەمدى بۇ ئىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى» ــ دېيىشتى. |