در آن زمان اسرائیل پادشاهی نداشت. قبیلهٔ دان سعی میکردند مکانی برای سکونت خود پیدا کنند، زیرا سکنهٔ سرزمینی را که برای آنها تعیین شده بود هنوز بیرون نرانده بودند. | 1 |
شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلدا ھېچ پادىشاھ بولمىدى؛ شۇنداقلا شۇ كۈنلەردە دانلارنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن جاي ئىزدەۋاتقانىدى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئۇلار ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا چەك تاشلىنىپ بېكىتىلگەن مىراس زېمىنغا ئېرىشمىگەنىدى. |
پس افراد قبیلهٔ دان پنج نفر از جنگاوران خود را از شهرهای صرعه و اِشتائُل فرستادند تا موقعیت سرزمینی را که قرار بود در آن ساکن شوند، بررسی نمایند. آنها وقتی به کوهستان افرایم رسیدند به خانهٔ میخا رفتند و شب را در آنجا گذراندند. | 2 |
شۇنىڭ بىلەن دانلار پۈتكۈل جەمەتىدىن زورېئاھ ۋە ئەشتائولدا ئولتۇرۇشلۇق بەش پالۋاننى زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا تاپىلاپ: ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇلار سەپەر قىلىپ ئەفرائىم تاغلىق يۇرتىغا كېلىپ مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ ئۇ يەردە قوندى. |
در آنجا صدای آن لاوی جوان را شنیدند و او را شناختند. پس به طرف او رفته، از وی پرسیدند: «در اینجا چه میکنی؟ چه کسی تو را به اینجا آورده است؟» | 3 |
ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇرغىنىدا لاۋىي يىگىتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى كىم بۇ جايغا ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ جايدا نېمىگە ئېرىشتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. |
لاوی جوان گفت: «میخا مرا استخدام کرده تا کاهن او باشم.» | 4 |
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى. |
آنها گفتند: «حال که چنین است، از خدا سؤال کن و ببین آیا در این مأموریت، ما موفق خواهیم شد یا نه.» | 5 |
بۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا بىزنىڭ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىكىمىز ئۈچۈن، خۇدادىن سوراپ بەرگىن، ــ دېدى. |
کاهن پاسخ داد: «البته موفق خواهید شد، زیرا کاری که شما میکنید منظور نظر خداوند است.» | 6 |
كاھىن ئۇلارغا: ــ خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار. ماڭغان يولۇڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىدۇر، ــ دېدى. |
پس آن پنج مرد روانه شده، به شهر لایش رفتند و دیدند که مردم آنجا مثل صیدونیها در صلح و آرامش و امنیت به سر میبرند، زیرا در اطرافشان قبیلهای نیست که بتواند به ایشان آزاری برساند. آنها از بستگان خود در صیدون نیز دور بودند و با آبادیهای اطراف خود رفت و آمدی نداشتند. | 7 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش ئادەم چىقىپ، لائىش دېگەن جايغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىنچ-ئامان ياشاۋاتقىنىنى، تۇرمۇشىنىڭ زىدونىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەملىك ۋە راھەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىنىنى كۆردى؛ شۇ زېمىندا ئۇلارنى خار قىلغۇچى ھېچقانداق ھوقۇقدار يوق ئىدى؛ ئۇلار زىدونىيلاردىن يىراقتا تۇراتتى، شۇنداقلا باشقىلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. |
وقتی آن پنج جنگاور به صرعه و اِشتائُل نزد قبیلهٔ خود بازگشتند، مردم از آنها پرسیدند: «وضع آن دیار چگونه است؟» | 8 |
[بەش پالۋان] زورېئاھ ۋە ئەشتائولغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى. قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: ــ نېمە خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
آنها گفتند: «سرزمینی است حاصلخیز و وسیع که نظیر آن در دنیا پیدا نمیشود؛ مردمانش حتی آمادگی آن را ندارند که از خودشان دفاع کنند! پس منتظر چه هستید، برخیزید تا به آنجا حمله کنیم و آن را به تصرف خود درآوریم زیرا خدا آن سرزمین را به ما داده است.» | 9 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلايلى! چۈنكى بىز شۇ زېمىننى چارلاپ كەلدۇق، مانا، ئۇ ئىنتايىن ياخشى بىر يۇرت ئىكەن. ئەمدى نېمىشقا قىمىر قىلماي جىم ئولتۇرىسىلەر؟ ئەمدى دەرھال بېرىپ، ئۇ يۇرتنى ئېلىشقا ئەزمەڭلەرنى ئەزمەڭلار، بېرىپ ھۇجۇم قىلىپ زېمىننى ئىگىلەڭلار. |
10 |
ئۇ يەرگە بارغىنىڭلاردا سىلەر تىنچ-ئامان تۇرۇۋاتقان بىر خەلقنى، ھەر ئەتراپىغا سوزۇلغان كەڭ-ئازادە بىر زېمىننى كۆرىسىلەر! خۇدا ئۇ يەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندۇر. ئۇ يۇرتتا يەر يۈزىدە تېپىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن ھېچبىرى كەم ئەمەس، دېدى. |
با شنیدن این خبر، از قبیلهٔ دان ششصد مرد مسلح از شهرهای صرعه و اِشتائُل به سوی آن محل حرکت کردند. | 11 |
شۇنىڭ بىلەن دانلارنىڭ جەمەتىدىن ئالتە يۈز ئادەم جەڭگە قوراللىنىپ، زورېئاھ ۋە ئەشتائولدىن چىقىپ ماڭدى. |
آنها ابتدا در غرب قریهٔ یعاریم که در یهودا است اردو زدند (آن مکان تا به امروز هم «اردوگاه دان» نامیده میشود)، | 12 |
ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى). |
سپس از آنجا به کوهستان افرایم رفتند. هنگامی که از کنار خانهٔ میخا میگذشتند، | 13 |
ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بېرىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. |
آن پنج جنگاور به همراهان خود گفتند: «خانهای در اینجاست که در آن ایفود و بتهای خانگی و تمثالهای تراشیده و بُتی ریخته شده وجود دارد. خودتان میدانید چه باید بکنیم!» | 14 |
لائىش يۇرتىغا چارلاش ئۈچۈن بارغان بەش كىشى ئۆز قېرىنداشلىرىغا: ــ بىلەمسىلەر؟ بۇ ئۆيدە بىر ئەفود تونى، بىرنەچچە تەرافىم بۇتلىرى، بىر ئويما مەبۇد ۋە قۇيما مەبۇد باردۇر! ئەمدى قانداق قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئويلىشىڭلار! ــ دېدى. |
آن پنج نفر به خانهٔ میخا رفتند و بقیهٔ مردان مسلح قبیلۀ دان در بیرون خانه ایستادند. آنها با کاهن جوان سرگرم صحبت شدند. | 15 |
ئۇلار بۇرۇلۇپ لاۋىي يىگىتنىڭ ئۆيىگە (مىكاھقا تەۋە ئۆيگە) كىرىپ ئۇنىڭدىن ھال سورىدى. |
16 |
دان قەبىلىسىدىن بولغان جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ تۇردى. |
سپس در حالی که کاهن جوان بیرون در با مردان مسلح ایستاده بود آن پنج نفر وارد خانه شده ایفود و بتها را برداشتند. | 17 |
ئۇ زېمىننى چارلاشقا بارغان بەش ئادەم [بۇتخانىغا] كىرىپ، ئويما بۇت، ئەفود تونى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىقتى. كاھىن جەڭ قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ئالتە يۈز كىشى بىلەن بىللە دەرۋازىدا تۇراتتى. |
کاهن جوان وقتی دید که بتخانه را غارت میکنند، فریاد زد: «چه میکنید؟» | 18 |
بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. |
آنها گفتند: «ساکت شو و همراه ما بیا و کاهن ما باش. آیا بهتر نیست به جای اینکه در یک خانه کاهن باشی، کاهن یک قبیله در اسرائیل بشوی؟» | 19 |
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈن چىقارماي، ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن ئېتىپ، بىز بىلەن مېڭىپ، بىزگە ھەم ئاتا ھەم كاھىن بولۇپ بەرگىن. سېنىڭ پەقەت بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ، ياكى ئىسرائىلنىڭ بىر جەمەتى بولغان پۈتۈن بىر قەبىلىگە كاھىن بولغىنىڭ ياخشىمۇ؟ ــ دېدى. |
کاهن جوان با شادی پذیرفت و ایفود و بتها را برداشته، همراه آنها رفت. | 20 |
شۇنداق دېۋىدى، كاھىننىڭ كۆڭلى خۇش بولۇپ، ئەفود، تەرافىم بۇتلىرى ۋە ئويما مەبۇدنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇردى. |
سپاهیان قبیلهٔ دان دوباره رهسپار شده، بچهها و حیوانات و اثاثیه خود را در صف اول قرار دادند. | 21 |
ئاندىن ئۇلار بۇرۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى؛ ئۇلار بالىلىرى ۋە چارپايلارنى ۋە يۈك-تاقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا ماڭدۇرۇۋەتكەنىدى. |
پس از آنکه مسافت زیادی از خانهٔ میخا دور شده بودند، میخا و چند نفر از مردان همسایهاش آنها را تعقیب کردند. | 22 |
مىكاھنىڭ ئۆيىدىن خېلى يىراقلىغاندا مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەر يىغىلىپ، دانلارغا قوغلاپ يېتىشتى. |
آنها مردان قبیلهٔ دان را صدا میزدند که بایستند. مردان قبیلهٔ دان گفتند: «چرا ما را تعقیب میکنید؟» | 23 |
ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. |
میخا گفت: «کاهن و همهٔ خدایان مرا بردهاید و چیزی برایم باقی نگذاشتهاید و میپرسید چرا شما را تعقیب میکنم!» | 24 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. |
مردان قبیلهٔ دان گفتند: «ساکت باشید و گرنه ممکن است افراد ما خشمگین شده، همهٔ شما را بکشند.» | 25 |
دانلار ئۇنىڭغا: ــ ئۈنۈڭنى چىقارما، بولمىسا ئاچچىقى يامان كىشىلەر سېنى تۇتۇۋېلىپ، سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى جانلىرىدىن جۇدا قىلمىسۇن، يەنە، ــ دېدى. |
پس مردان قبیلهٔ دان به راه خود ادامه دادند. میخا چون دید تعداد ایشان زیاد است و نمیتواند حریف آنها بشود، به خانهٔ خود بازگشت. | 26 |
بۇلارنى دەپ دانلار ئۆز يولىغا ماڭدى؛ مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كەتتى. |
مردان قبیلهٔ دان، با کاهن و بتهای میخا به شهر آرام و بیدفاع لایش رسیدند. آنها وارد شهر شده، تمام ساکنان آن را کشتند و خود شهر را به آتش کشیدند. | 27 |
ئۇلار مىكاھ ياساتقۇزغان نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ كاھىنىنى ئېلىپ، لائىشقا ھۇجۇم قىلدى؛ ئۇ يەردىكى خەلق تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانىدى؛ ئۇلار ئۇلارنى قىلىچلاپ قىرىپ، شەھەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. |
هیچکس نبود که به داد مردم آنجا برسد، زیرا از صیدون بسیار دور بودند و با همسایگان خود نیز روابطی نداشتند که در موقع جنگ به ایشان کمک کنند. شهر لایش در وادی نزدیک بیترحوب واقع بود. مردم قبیلهٔ دان دوباره شهر را بنا کرده، در آن ساکن شدند. | 28 |
شەھەرنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچ ئادەم چىقىمىدى؛ چۈنكى بۇ شەھەر زىدوندىن يىراقتا ئىدى، خەلقى ھېچكىم بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمايتتى. شەھەر بەيت-رەھوبنىڭ يېنىدىكى جىلغىدا ئىدى. دانلار شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئولتۇراقلاشتى. |
آنها نام جد خود دان، پسر یعقوب را بر آن شهر نهادند. | 29 |
ئۇلار بۇ شەھەرگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن بولغان، ئۆز ئاتىسى داننىڭ ئىسمىنى قويۇپ دان دەپ ئاتىدى. ئىلگىرى ئۇ شەھەرنىڭ نامى لائىش ئىدى. |
ایشان بتها را در جای مخصوصی قرار داده، یهوناتان (پسر جرشوم و نوهٔ موسی) و پسرانش را به عنوان کاهنان خود تعیین نمودند. خانوادهٔ یهوناتان تا زمانی که مردم به اسارت برده شدند، خدمت کاهنی آنجا را به عهده داشتند. | 30 |
دانلار شۇ يەردە بۇ ئويما بۇتنى ئۆزلىرىگە تىكلىدى؛ مۇسانىڭ ئوغلى گەرشومنىڭ ئەۋلادى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شۇ زېمىننىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن كۈنگىچە دانلارنىڭ قەبىلىسىگە كاھىن بولۇپ تۇرغانىدى. |
در تمام مدتی که عبادتگاه مقدّس در شیلوه قرار داشت، قبیلهٔ دان همچنان بتهای میخا را میپرستیدند. | 31 |
خۇدانىڭ ئۆيى شىلوھدا تۇرغان بارلىق ۋاقىتلاردا، دانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تىكلىگەن، مىكاھ ياساتقۇزغان ئويما مەبۇد [داندا] تۇرغۇزۇلدى. |