خداوند به یوشع فرمود: «ترس و واهمه را از خود دور کن! برخیز و تمام سربازان را همراه خود بردار و به عای روانه شو. من پادشاه آنجا را به دست تو تسلیم میکنم. مردم و شهر و زمین عای از آن تو خواهند شد. | 1 |
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ھېچ قورقما، ھەم ھودۇقمىغىن. تۇرۇپ، بارلىق جەڭچىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ، ئايى شەھىرىگە چىققىن. مانا، مەن ئايىنىڭ پادىشاھى، خەلقى، شەھىرى ۋە زېمىنىنى قوشۇپ سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. |
با ایشان همانطور رفتار کن که با پادشاه اریحا و مردم آنجا رفتار نمودی. اما این بار چارپایان و غنایم شهر را میتوانید میان خود قسمت کنید. در ضمن برای حمله به دشمن در پشت آن شهر، یک کمینگاه بساز.» | 2 |
سەن يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ ئايى شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. پەقەت سىلەر بۇ قېتىم شەھەردىن ئولجا ۋە چارپايلارنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا پىستىرما قويغىن، ــ دېدى. |
پس یوشع و تمام لشکر او آمادهٔ حمله به عای شدند. یوشع سی هزار تن از افراد دلیر خود را انتخاب کرد تا آنها را شبانه به عای بفرستد. | 3 |
شۇنىڭ بىلەن، يەشۇئا بىلەن ھەممە جەڭچىلەر قوزغىلىپ، ئايىغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. يەشۇئا ئوتتۇز مىڭ باتۇر جەڭچىنى ئىلغاپ كېچىدە ئۇلارنى ماڭدۇردى |
او به آنها این دستور را داد: «در پشت شهر در کمین بنشینید، ولی از شهر زیاد دور نشوید و برای حمله آماده باشید. | 4 |
ۋە ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «سىلەر ئاگاھ بولۇپ، شەھەردىن بەك نېرى كەتمەي شەھەرنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھەممىڭلار بۆكتۈرمە ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭلار. |
نقشهٔ ما چنین است: من و افرادم به شهر نزدیک خواهیم شد. مردان شهر مانند دفعهٔ پیش به مقابلهٔ ما برخواهند خاست. در این هنگام ما عقبنشینی میکنیم. | 5 |
مەن ئۆزۈم بىلەن قالغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ شەھەرگە يېقىن بارىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزغا چىقىپ ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز؛ |
آنها به گمان اینکه مانند دفعهٔ پیش در حال فرار هستیم به تعقیب ما خواهند پرداخت و بدین ترتیب از شهر دور خواهند شد. | 6 |
ئۇلار جەزمەن بىزنىڭ كەينىمىزدىن قوغلايدۇ؛ ئۇلار: «ئىسرائىللار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزدىن قېچىپ كەتتى» دەپ ئويلايدۇ، بىز ئۇلارنى ئازدۇرۇپ شەھەردىن يىراق ئېلىپ چىقىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز. |
بعد، شما از کمینگاه بیرون بیایید و به داخل شهر حمله کنید، زیرا خداوند آن را به دست شما تسلیم کرده است. | 7 |
ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۆكتۈرمىدىن قوپۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ شەھەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. |
چنانکه خداوند فرموده است، شهر را بسوزانید. این یک دستور است.» | 8 |
شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۇ شەھەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋېتىڭلار. مانا، مەن سىلەرگە ئەمر بەردىم». |
پس آنها همان شب روانه شده، در کمینگاه بین بیتئیل و طرف غربی عای پنهان شدند. اما یوشع و بقیهٔ لشکر در اردوگاه ماندند. | 9 |
يەشۇئا ئۇلارنى يولغا سالدى، ئۇلار بېرىپ بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئايىنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە سېلىپ ماراپ ئولتۇردى. يەشۇئا بولسا ئۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئارىسىدا قوندى. |
روز بعد، صبح زود یوشع سربازان خود را صفآرایی نمود و خود با بزرگان اسرائیل در پیشاپیش لشکر به سوی عای حرکت کرد. | 10 |
ئەتىسى سەھەر يەشۇئا قوپۇپ، خەلقنى يىغىپ تەكشۈردى؛ ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە خەلقنىڭ ئالدىدا ئايىغا قارشى ماڭدى. |
آنها در سمت شمالی شهر در کنار درهای که بین آنها و شهر قرار داشت توقف کردند. یوشع پنج هزار نفر دیگر را هم فرستاد تا به سی هزار نفری که در کمینگاه بودند ملحق شوند. خود او با بقیهٔ نفرات، آن شب در همان دره ماند. | 11 |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە جەڭچىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىپ، ئايىنىڭ شىمال تەرىپىدە چېدىر تىكتى. ئۇلار چۈشكەن جاي بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. |
12 |
يەشۇئا بەش مىڭچە ئادەمنى تاللاپ ئېلىپ بېرىپ، بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە تۇرغۇزغانىدى. |
13 |
شۇنداق قىلىپ، بارلىق خەلق، يەنى شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارگاھتىكى قوشۇن بىلەن غەرب تەرىپىدىكى پىستىرما قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بۆلۈندى. شۇ كېچىسى يەشۇئا ئۆزى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشتى. |
پادشاه عای با دیدن لشکر اسرائیل در آن سوی دره، با لشکر خود برای مقابله با آنها به دشت اردن رفت، غافل از اینکه عدهٔ زیادی از اسرائیلیها در پشت شهر در کمین نشستهاند. | 14 |
ئايىنىڭ پادىشاھى شۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شەھەردىكىلەر ئالدىراپ سەھەر قوپۇشتى؛ پادىشاھ بىلەن بارلىق خەلقى ئىسرائىل بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چىقتى. لېكىن پادىشاھنىڭ شەھەرنىڭ كەينىدىكى پىستىرما قوشۇندىن خەۋىرى يوق ئىدى. |
یوشع و لشکر اسرائیل برای اینکه وانمود کنند که از دشمن شکست خوردهاند، در بیابان پا به فرار گذاشتند. | 15 |
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل بولسا ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن يېڭىلگەنگە سېلىپ، چۆل تەرەپكە قاچتى. |
به تمام مردان عای دستور داده شد به تعقیب آنها بپردازند. آنها برای تعقیب یوشع از شهر خارج شدند، | 16 |
شەھەردە بار خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى؛ ئۇلار كېلىپ يەشۇئانى قوغلىغاندا، ئۇلار ئازدۇرۇلۇپ شەھەردىن يىراق قىلىندى. |
به طوری که در عای و بیتئیل یک سرباز هم باقی نماند و دروازهها نیز به روی اسرائیلیها باز بود! | 17 |
ئايى بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلنى قوغلاشقا چىقمىغان ھېچبىر ئەر كىشى قالمىدى؛ ئۇلار شەھەرنى ئوچۇق قويۇپ، ھەممىسى ئىسرائىلنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى. |
آنگاه خداوند به یوشع فرمود: «نیزهٔ خود را به سوی عای دراز کن، زیرا آن را به تو دادهام.» یوشع چنین کرد. | 18 |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ قولۇڭدىكى نەيزىنى ئايىغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېۋىدى، يەشۇئا قولىدىكى نەيزىنى شەھەرگە قارىتىپ ئۇزاتتى. |
سربازانی که در کمینگاه منتظر بودند وقتی این علامت را که یوشع داده بود دیدند، از کمینگاه بیرون آمده، به شهر هجوم بردند و آن را به آتش کشیدند. | 19 |
ئۇ قولىدىكى نەيزىنى ئۇزاتقان ھامان پىستىرمىدا ياتقانلار جايىدىن تېزلا چىقىپ، يۈگۈرگىنىچە شەھەرگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىپ شۇئان ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. |
سربازان عای وقتی به پشت سر نگاه کردند و دیدند دود غلیظی آسمان شهرشان را فرا گرفته است دست و پایشان چنان سست شد که قدرت فرار کردن هم از آنها سلب گردید. یوشع و همراهانش چون دود را بر فراز شهر دیدند فهمیدند سربازانی که در کمینگاه بودند به شهر حملهور شدهاند، پس خودشان هم بازگشتند و به کشتار تعقیبکنندگان خود پرداختند. | 20 |
ئايىنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شەھەردىن ئاسمان-پەلەك ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆردى، يا ئۇ ياققا يا بۇ ياققا قاچايلى دېسە، ھېچ ھالى قالمىغانىدى؛ چۆل تەرەپكە قاچقان ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى. |
21 |
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل پىستىرما قوشۇننىڭ شەھەرنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا شەھەردىن تۈتۈننىڭ ئۆرلەپ چىققىنىنى كۆرۈپ، يېنىپ كېلىپ، ئايىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگىلى تۇردى. |
از طرف دیگر، سربازان اسرائیلی که در داخل شهر بودند بیرون آمده، به دشمن حمله کردند. به این ترتیب سربازان عای از دو طرف به دام سپاه اسرائیل افتادند و همه کشته شدند. | 22 |
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرنى ئالغانلارمۇ شەھەردىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بەزىلىرى بۇ تەرەپتىن، بەزىلىرى ئۇ تەرەپتىن قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
تنها کسی که زنده ماند پادشاه عای بود که او را هم اسیر کرده، نزد یوشع آوردند. | 23 |
ئۇلار ئايىنىڭ پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. |
لشکر اسرائیل پس از اینکه افراد دشمن را در خارج از شهر کشتند، به عای وارد شدند تا بقیهٔ اهالی شهر را نیز از دم شمشیر بگذرانند. | 24 |
ئىسرائىل دالادا ئۇچرىغان بارلىق ئايىلىقلارنى، يەنى ئۆزلىرىنى چۆلگىچە قوغلاپ كەلگەنلەرنى قىرىپ يوقاتقاندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يوقىتىلغانىدى)، بارلىق ئىسرائىل ئايىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. |
در آن روز، تمام جمعیت شهر که تعدادشان بالغ بر دوازده هزار نفر بود، هلاک شدند، | 25 |
شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەر-ئاياللار، يەنى ئايىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مىڭ ئادەم ئىدى. |
زیرا یوشع نیزهٔ خود را که به سوی عای دراز نموده بود، به همان حالت نگاه داشت تا موقعی که همهٔ مردم آن شهر کشته شدند. | 26 |
چۈنكى يەشۇئا ئايىدا تۇرۇۋاتقان ھەممە ئادەم يوقىتىلمىغۇچە قولىدىكى ئۇزۇتۇپ تۇرغان نەيزىسىنى يىغمىغانىدى. |
فقط اموال و چارپایان شهر باقی ماندند که قوم اسرائیل آنها را برای خود به غنیمت گرفتند. (خداوند به یوشع فرموده بود که آنها میتوانند غنایم را برای خود نگه دارند.) | 27 |
ھالبۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بۇيرۇغان سۆزى بويىچە ئىسرائىللار شەھەردىكى چارپاي بىلەن ئولجىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدى. |
یوشع شهر عای را سوزانیده، به صورت خرابهای درآورد که تا به امروز به همان حال باقیست. | 28 |
ئاندىن يەشۇئا ئايى شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى ئەبەدگىچە خارابىلىك دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق تۇرماقتا. |
یوشع، پادشاه عای را به دار آویخت. هنگام غروب به دستور یوشع جسد او را پایین آورده، جلوی دروازۀ شهر انداختند و تودهای بزرگ از سنگ روی جسد او انباشتند که تا به امروز نیز باقیست. | 29 |
ئايىنىڭ پادىشاھىنى بولسا، ئۇ بىر دەرەخقە ئاستۇرۇپ، ئۇ يەردە كەچكىچە تۇرغۇزدى. كۈن پاتقاندا يەشۇئا ئەمر قىلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەرنىڭ قوۋۇقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلىۋەتتى؛ بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا. |
سپس یوشع برای خداوند، خدای اسرائیل مذبحی بر کوه عیبال بنا کرد. | 30 |
ئاندىن يەشۇئا ئېبال تېغىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قۇربانگاھ ياسىدى. |
چنانکه موسی، خدمتگزار خداوند، در تورات به قوم اسرائیل دستور داده بود، برای ساختن این مذبح از سنگهای نتراشیده استفاده کردند. سپس کاهنان، قربانیهای سلامتی بر آن به خداوند تقدیم کردند. | 31 |
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ ئىسرائىلغا بۇيرۇغىنى بويىچە، مۇساغا نازىل قىلىنغان قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، قۇربانگاھ ھېچبىر تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزۈلمىگەن پۈتۈن تاشلاردىن ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ تۇردى. |
آنگاه یوشع در حضور جماعت اسرائیل، ده فرمان موسی را روی سنگهای مذبح نوشت. | 32 |
شۇ يەردە يەشۇئا ئۇنىڭ تاشلىرىنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مۇسا پۈتكەن قانۇننى كۆچۈرۈپ پۈتۈپ قويدى. |
پس از آن، تمام قوم اسرائیل با بزرگان، رهبران، داوران و حتی افراد غریبی که در میان ایشان بودند، به دو دسته تقسیم شدند. یک دسته در دامنهٔ کوه جَرِزیم ایستادند و دستهٔ دیگر در دامنهٔ کوه عیبال. در وسط این دو دسته، لاویان کاهن، در حالی که صندوق عهد را بر دوش داشتند، ایستادند تا قوم اسرائیل را برکت دهند. (همهٔ این رسوم مطابق دستوری که موسی قبلاً داده بود، انجام شد.) | 33 |
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىملىرى، مەيلى مۇساپىرلار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغانلار بولسۇن، ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار بولغان لاۋىيلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ دەسلەپتە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى تىلەشكە خەلقنىڭ يېرىمى گەرىزىم تېغى ئالدىدا، يەنە بىر يېرىمى ئېبال تېغى ئالدىدا تۇردى. |
آنگاه یوشع تمام قوانین نوشته شده در تورات را که شامل برکتها و لعنتها بود، برای مردم اسرائیل خواند. | 34 |
ئاندىن يەشۇئا قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قانۇندىكى ھەممە سۆزلەرنى، جۈملىدىن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرى ۋە لەنەت سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەردى. |
خلاصه، تمام دستورهای موسی بدون کم و کاست در حضور تمام مردان، زنان، جوانان، کودکان اسرائیل و غریبانی که با آنها بودند، خوانده شد. | 35 |
يەشۇئا بۇلارنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوقۇپ بەردى؛ مۇسانىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىدىن ھېچبىر سۆزنى قالدۇرمىدى. |