اما بنیاسرائیل مرتکب گناه شدند. گرچه خداوند دستور فرموده بود که چیزی را از شهر به غنیمت نبرند، ولی آنها از این دستور سرپیچی کردند. عخان (پسر کرمی، نوهٔ زبدی و نوادهٔ زارح از قبیلهٔ یهودا) از اموالی که حرام شده بود برای خود به غنیمت گرفت و خداوند به خاطر این عمل بر تمام قوم اسرائیل غضبناک شد. | 1 |
لېكىن ئىسرائىل «ھارام» نەرسىلەر ئۈستىدە ئىتائەتسىزلىك قىلدى؛ چۈنكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراھنىڭ ئەۋرىسى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان دېگەن كىشى ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغالدى. |
بهزودی پس از تسخیر شهر اریحا، یوشع چند نفر از مردان خود را به شهر عای که در شرق بیتئیل و نزدیک بیتآون واقع شده بود فرستاد تا وضع آنجا را بررسی کنند. | 2 |
يەشۇئا يېرىخودىن بەيت-ئەلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەيت-ئاۋەننىڭ يېنىدا بولغان ئايى شەھىرىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ ئۇ يەرگە چىقىپ ئۇ زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەملەر چىقىپ ئايى زېمىنىنى چارلاپ كەلدى. |
وقتی آنها مراجعت نمودند گفتند: «شهر کوچکی است و فقط کافی است دو یا سه هزار نفر از سربازان ما بروند و آن را تصرف کنند. بنابراین لزومی ندارد که همهٔ لشکر اسرائیل به آنجا حمله کند.» | 3 |
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەشۇئاغا: ــ ھەممە خەلقنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، ئىككى-ئۈچ مىڭچە ئادەم بولسىلا ئايىغا ھۇجۇم قىلىپ [ئۇنى ئىگىلىيەلەيدۇ؛] ئۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر ئاز بولغاچقا، پۈتكۈل خەلقنى ئاۋارە قىلىپ ئۇ يەرگە ئەۋەتمىگىن، ــ دېدى. |
پس یوشع حدود سه هزار سرباز برای تسخیر شهر عای فرستاد، اما آنها شکست خوردند. | 4 |
شۇنىڭ بىلەن خەلقتىن ئۈچ مىڭچە كىشى ئۇ يەرگە چىقتى؛ لېكىن بۇلار ئايىنىڭ ئادەملىرى ئالدىدىن قېچىپ كېتىشتى. |
مردان عای از دروازهٔ شهر تا بلندیهای اطراف، اسرائیلیها را تعقیب نموده، حدود سی و شش نفر از آنان را در سراشیبی کشتند. لشکر اسرائیل از این واقعه دچار وحشت شد و روحیهٔ خود را به کلی باخت. | 5 |
ئايىنىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن ئوتتۇز ئالتىچە كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ قالغانلارنى سېپىل قوۋۇقىنىڭ ئالدىدىن شېبارىمغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى داۋاندا ئۇلارنى ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن خەلقنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، قاتتىق ساراسىمگە چۈشتى. |
پس یوشع و بزرگان اسرائیل از شدت ناراحتی جامههای خود را پاره کردند، خاک بر سر خود ریختند و تا غروب در برابر صندوق عهد خداوند به خاک افتادند. | 6 |
يەشۇئا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەرگە دۈم يىقىلىپ، باشلىرىغا توپىلارنى چېچىپ، ئۇ يەردە كەچ كىرگۈچە يېتىپ قالدى. |
یوشع چنین دعا کرد: «آه ای خداوند، چرا ما را به این سوی رود اردن آوردی تا به دست این اموریها کشته شویم؟ ای کاش راضی شده بودیم که همان طرف رودخانه بمانیم. | 7 |
يەشۇئا: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار، سەن بىزنى ئامورىيلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، بۇ خەلقنى نېمىشقا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزگەنسەن؟ بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرۇۋەرگەن بولساق بوپتىكەن! |
آه، ای خداوند، اینک که قوم اسرائیل از دشمن شکست خورده است من چه کنم؟ | 8 |
ئەي رەببىم! ئىسرائىل ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ قاچقان يەردە مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟ |
چون اگر کنعانیها و سایر قومهای مجاور از این واقعه باخبر شوند، ما را محاصره نموده، همهٔ ما را نابود میکنند. آیا این عمل به عظمت نام تو لطمه نمیزند؟» | 9 |
قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى. |
خداوند در پاسخ یوشع فرمود: «برخیز! چرا اینچنین به خاک افتادهای؟ | 10 |
لېكىن پەرۋەردىگار يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئورنۇڭدىن قوپ! نېمىشقا شۇنداق دۈم ياتىسەن؟ |
قوم اسرائیل از فرمان من سرپیچی کرده و مرتکب گناه شدهاند. ایشان مخفیانه از چیزهای حرام شهر برداشتهاند، ولی انکار نموده، آنها را در میان اثاثیهٔ خود پنهان ساختهاند. | 11 |
ئىسرائىل گۇناھ قىلدى! ئۇلار يەنە مەن ئۇلارغا تاپىلىغان ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئوغرىلىق قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ ھەم ھارام بېكىتىلگەننى ئۆز ماللىرىنىڭ ئارىسىغا تىقىپ قويدى. |
این عمل موجب شده است که اسرائیلیها مغلوب شوند. به همین علّت است که سربازان تو نمیتوانند در مقابل دشمنان ایستادگی کنند، زیرا گرفتار لعنت شدهاند. اگر آن غنیمت حرام را از بین نبرید، من دیگر با شما نخواهم بود. | 12 |
شۇڭا ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ھارام» قىلىپ بېكىتىپ، مۇتلەق يوقىتىلىشقا يۈزلەنگەچكە، دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ ئارقىسىغا قاچىدۇ. ئەگەر سىلەر «ھارام» دەپ بېكىتىلگەننى ئاراڭلاردىن تامامەن يوق قىلمىساڭلار، مۇندىن كېيىن مەن سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن. |
«حال برخیز و مراسم پاک کردن گناه قوم را بجا آور و به آنها بگو که برای فردا آماده شوند، زیرا من که یهوه، خدای اسرائیل هستم میگویم: ای اسرائیل، مال حرام در میان شماست و تا آن را از خود دور نکنید، نخواهید توانست در برابر دشمنانتان بایستید. | 13 |
ئەمدى سەن تۇرۇپ خەلقنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ ئۇلارغا: ــ «ئەتە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىڭلار؛ چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ئەي ئىسرائىل، سەندە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسە باردۇر؛ بۇ ھارام نەرسىنى ئاراڭلاردىن يوق قىلمىغۇچىلىك دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايسىلەر. |
به همهٔ قبایل بگو که فردا صبح نزد من حاضر شوند تا من معلوم کنم که آن شخص خطاکار، متعلق به کدام قبیله است. پس از آن، تمام خاندانهای آن قبیله جلو بیایند تا مشخص کنم که آن شخص خطاکار، در میان کدام خاندان است. سپس تمام خانوادههای آن خاندان حاضر شوند تا نشان دهم که آن شخص مقصر، عضو کدام خانواده است. بعد تمام اعضای مقصر آن خانواده پیش بیایند. | 14 |
ئەتە سەھەردە سىلەر قەبىلە بويىچە ھازىر قىلىنىسىلەر؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بېكىتكەن قەبىلە جەمەت-جەمەتى بويىچە بىردىن-بىردىن ئالدىغا كەلسۇن؛ پەرۋەردىگار بېكىتكەن جەمەت ئائىلە-ئائىلە بويىچە بىردىن-بىردىن ھازىر بولۇپ ئالدىغا كەلسۇن؛ ئاندىن پەرۋەردىگار بېكىتكەن ئائىلىدىكى ئەركەكلەر بىردىن-بىردىن ئالدىغا كېلىپ ھازىر بولسۇن. |
آنگاه شخصی که مال حرام را دزدیده است، با خانوادهاش و هر چه که دارد سوخته و نابود شود، زیرا عهد مرا شکسته و اسرائیل را رسوا نموده است.» | 15 |
شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن». |
پس یوشع صبح زود برخاسته، قبیلههای اسرائیل را در حضور خداوند حاضر ساخت و قبیلهٔ یهودا مقصر شناخته شد. | 16 |
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ ئىسرائىلنى ئالدىغا يىغىپ، قەبىلە-قەبىلىنى ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسى بېكىتىلدى؛ |
آنگاه تمام خاندانهای قبیلهٔ یهودا جلو آمدند و خاندان زارح مقصر تشخیص داده شد. بعد خانوادههای آن خاندان جلو آمدند و خانوادهٔ زبدی مقصر شناخته شد. | 17 |
ئۇ يەھۇدانىڭ جەمەتلىرىنى ھازىر قىلىۋىدى، زارھىيلار جەمەتى بېكىتىلدى. ئۇ زارھىيلار جەمەتىنى ئائىلە-ئائىلە بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈۋىدى، زابدى دېگەن كىشى بېكىتىلدى. |
مردان خانوادهٔ زبدی جلو آمدند و عخان نوهٔ زبدی مقصر شناخته شد. | 18 |
زابدى ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنى بىردىن-بىردىن ھازىر قىلىۋىدى، يەھۇدا قەبىلىسىدىن زەراھنىڭ ئەۋلادى، زابدىنىڭ نەۋرىسى، كارمىنىڭ ئوغلى ئاقان بېكىتىلدى. |
یوشع به عخان گفت: «فرزندم در حضور یهوه، خدای اسرائیل حقیقت را بگو و به گناه خود اعتراف کن. به من بگو چه کردهای و چیزی را از ما مخفی نکن.» | 19 |
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئاقانغا: ــ ئەي ئوغلۇم، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ بېرىپ، [ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن] قىلغانلىرىڭنى ئىقرار قىلغىن؛ مەندىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي، قىلغىنىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتقىن، دېدى. |
عخان در جواب یوشع گفت: «من به یهوه، خدای اسرائیل خیانت کردهام و مرتکب گناه شدهام. | 20 |
ئاقان يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن دەرۋەقە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلىپ، مۇنداق-مۇنداق قىلدىم: |
در میان غنایم، چشمم به یک ردای زیبای بابِلی، دویست مثقال نقره و یک شمش طلا که وزنش پنجاه مثقال بود، افتاد و من از روی طمع آنها را برداشتم و در میان خیمهام آنها را زیر خاک پنهان کردم. اول نقره را زیر خاک گذاشتم، بعد طلا و سپس ردا را.» | 21 |
مەن ئولجىنىڭ ئارىسىدىن شىناردا چىققان چىرايلىق بىر تونغا، ئىككى يۈز شەكەل كۈمۈش، ئەللىك شەكەل ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن تاختىغا كۆزۈم قىزىرىپ ئۇلارنى ئېلىۋالدىم. مانا، بۇ نەرسىلەرنى چېدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە كۆمۈپ قويدۇم، كۈمۈش ئۇلارنىڭ ئاستىدا، ــ دېدى. |
یوشع چند نفر را به دنبال غنایم فرستاد و آنها بشتاب به خیمه رفتند و چنانکه عخان گفته بود، ردا و طلا و نقره را پیدا کردند و نقره در قسمت زیرین قرار داشت. | 22 |
شۇلارنى دېۋىدى، يەشۇئا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار چېدىرغا يۈگۈرۈپ باردى ۋە مانا، نەرسىلەر دەرۋەقە چېدىردا يوشۇرۇقلۇق بولۇپ، كۈمۈش بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىدى. |
اشیاء دزدیده شده را نزد یوشع و تمام قوم اسرائیل آوردند و در حضور خداوند بر زمین گذاشتند. | 23 |
ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چېدىردىن ئېلىپ چىقىپ يەشۇئاغا، شۇنداقلا بارلىق ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. |
آنگاه یوشع و همهٔ اسرائیلیها، عخان را گرفته، او را با ردا و نقره و شمش طلایی که دزدیده بود، با پسران و دخترانش و گاوها و گوسفندها و الاغهایش و خیمهاش و هر چه که داشت به درۀ عخور بردند. | 24 |
ئاندىن يەشۇئا بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ زەراھنىڭ ئوغلى ئاقاننى، كۈمۈش، تون ۋە ئالتۇن تاختا بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنى، ئۇيلىرى بىلەن ئېشەكلىرى، قويلىرى، چېدىرى بىلەن بارلىق تەۋەلىكلىرىنى ئېلىپ ئاقور جىلغىسىغا كەلتۈردى. |
در آنجا یوشع به عخان گفت: «چرا چنین بلایی بر سر ما آوردی؟ اکنون خداوند، تو را دچار بلا میکند.» آنگاه تمام بنیاسرائیل آنها را سنگسار نمودند و بعد بدنهایشان را سوزاندند | 25 |
يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. |
و روی جنازهٔ سوختهٔ عخان، تودهٔ بزرگی از سنگ بر پا کردند. آن تودهٔ سنگ هنوز باقیست و آن مکان تا به امروز به «وادی عَخور» معروف است. بدین ترتیب خشم خداوند فرو نشست. | 26 |
ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» [«(ئاقور جىلغىسى)»] دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا. |