یک بار دیگر، یوشع تمام قبایل اسرائیل را با بزرگان و رهبران و داوران و مقامات قوم اسرائیل در شکیم فرا خواند و آنها آمده، در حضور خدا ایستادند. | 1 |
ئاندىن يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىم-سوتچىلىرى بىلەن بەگ-ئەمەلدارلىرىنى چاقىردى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغاندا |
یوشع لب به سخن گشود و گفت که خداوند، خدای اسرائیل میفرماید: «در گذشته جد شما تارح، پدر ابراهیم و ناحور، در سمت شرقی رود فرات میزیست و بتپرست بود. | 2 |
يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار: ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى. |
ولی من ابراهیم، پسر تارح را از آن سوی رود فرات برداشته، به سرزمین کنعان آوردم و او را در سراسر این سرزمین گرداندم و نسل او را زیاد کردم. اسحاق را به او بخشیدم | 3 |
لېكىن مەن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردىم. |
و به اسحاق نیز یعقوب و عیسو را دادم. نواحی اطراف کوه سعیر را به عیسو بخشیدم. یعقوب و فرزندانش به مصر رفتند. | 4 |
ئاندىن مەن ئىسھاققا ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم؛ ئەساۋغا سېئىر تاغلىق رايونىنى تەۋەلىك قىلىپ بەردىم، ياقۇپ بىلەن ئوغۇللىرى بولسا مىسىرغا چۈشۈپ باردى. |
بعد موسی و هارون را فرستادم و بلای عظیمی بر سر مصریها آوردم. سرانجام، اجداد شما را از اسارت مصریها آزاد نمودم. | 5 |
كېيىنرەك مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئەمەللىرىم بىلەن ئۇلارغا دەھشەتلىك ۋابالارنى چۈشۈردۇم؛ ئاندىن سىلەرنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. |
وقتی به ساحل دریای سرخ رسیدند، مصریها با ارابهها و سواران به تعقیب ایشان پرداختند. | 6 |
مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار [قىزىل] دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە، مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى قوغلاپ دېڭىزغىچە كەلدى. |
در این هنگام، آنها از من کمک خواستند و من میان آنها و لشکر مصر تاریکی ایجاد نمودم. سپس آب دریا را بر سر مصریها ریختم و آنها را در دریا غرق کردم. پدران شما آنچه را که بر سر مصریها آوردم با چشمان خود دیدند. بعد از آن، قوم اسرائیل سالهای زیادی را در بیابان گذرانیدند. | 7 |
ئىسرائىللار شۇئان پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىۋىدى، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا تۇم قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى؛ ئاندىن دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ ياپتى. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ مىسىردا نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار؛ ئاندىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇردۇڭلار. |
«سرانجام شما را به سرزمین اموریها در آن طرف رود اردن آوردم. اموریها با شما جنگیدند، ولی من ایشان را نابود کردم و زمینهایشان را به شما دادم. | 8 |
كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كەلدىم؛ ئۇلار سىلەر بىلەن سوقۇشقاندا مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدىڭلار. مەن ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىۋەتتىم. |
سپس بالاق، پادشاه موآب جنگ را با شما آغاز نمود و به دنبال بلعام، پسر بعور فرستاد تا شما را لعنت کند. | 9 |
ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى، زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق قوپۇپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭگە چۈشتى ۋە سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى چاقىرىپ كەلدى؛ |
اما من دعای او را اجابت ننمودم، بلکه او را وادار ساختم تا شما را برکت بدهد و به این ترتیب شما را از دست بالاق نجات دادم. | 10 |
لېكىن مەن بالائامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە قايتا-قايتا بەخت-بەرىكەت تىلىدى ۋە مەن سىلەرنى [بالاقنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزدۇم. |
سپس از رود اردن گذشتید و به اریحا آمدید. جنگجویان اریحا و بسیاری از قبایل دیگر از قبیل اموریها، فرزیها، کنعانیها، حیتیها، جرجاشیها، حویها و یبوسیها یکی پس از دیگری با شما جنگیدند. اما من همهٔ آنها را مغلوب شما ساختم. | 11 |
كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ |
زنبورهای سرخ به سراغ اموریها فرستادم و دو پادشاه اموری را با مردمانشان از پیش روی شما راندم. شما این پیروزی را با نیزه و کمان به دست نیاوردید! | 12 |
مەن ئالدىڭلارغا سېرىق ھەرىنى ئەۋەتتىم، سېرىق ھەرە ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ھەيدىۋەتكەندەك ئۇلارنىمۇ ھەيدىۋەتتى؛ بۇ ئىش سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوقيايىڭلار بىلەن بولمىدى. |
زمینی را که در آن زحمت نکشیده بودید و شهرهایی را که خود بنا نکرده بودید، به شما بخشیدم تا در آن ساکن شوید و از میوهٔ تاکستانها و باغهای زیتونی که خود زحمت کاشتن آنها را نکشیده بودید، بخورید. | 13 |
مەن سىلەرگە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن بىر زېمىننى، ئۆزۈڭلار ياسىمىغان شەھەرلەرنى بەردىم، ۋە سىلەر شۇلاردا ماكان قىلدىڭلار؛ ئۆزۈڭلار تىكمىگەن ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلاردىن مېۋىلىرىنى يەۋاتىسىلەر» دەيدۇ، ــ دېدى. |
«پس خداوند را احترام نمایید و با صداقت و راستی او را خدمت کنید. بتهایی را که زمانی اجدادتان در آن سوی رود فرات و در مصر پرستش مینمودند، از خود دور کنید و فقط خداوند را عبادت نمایید. | 14 |
ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار. |
امروز تصمیم خود را بگیرید. آیا میخواهید از خداوند پیروی کنید یا از بتهایی که اجداد شما در آن سوی رود فرات میپرستیدند، و یا از بتهای اموریهایی که در سرزمینشان ساکنید؟ ولی این را بدانید که من و خانوادهام خداوند را عبادت خواهیم نمود.» | 15 |
لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار ــ مەيلى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. |
مردم اسرائیل در پاسخ او گفتند: «وای بر ما اگر خداوند را ترک نماییم و بتها را پرستش کنیم؛ | 16 |
خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ پەرۋەردىگارنى تەرك ئېتىپ باشقا ئىلاھلارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش بىزدىن نېرى بولسۇن! |
زیرا خداوند، خدای ما بود که قوم ما را از بردگی مصریها رهانید و در پیش چشمانمان معجزات شگفتانگیزی انجام داد. در تمام طول راه و هنگامی که از میان سرزمینهای دشمنان میگذشتیم، او ما را حفظ کرد. | 17 |
چۈنكى بىز بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا ماڭمايلى، قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەيلى، بىزنى ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىدۇر! |
خداوند بود که هنگام ورود ما به این سرزمین، قوم اموری و سایر قومها را از اینجا بیرون راند. پس ما نیز از خداوند پیروی خواهیم کرد، زیرا او خدای ماست.» | 18 |
پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان بارلىق تائىپىلەرنى، جۈملىدىن ئامورىيلارنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى؛ شۇڭا بىزمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز؛ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تەڭرىمىزدۇر! ــ دېدى. |
اما یوشع در پاسخ ایشان گفت: «پیروی از خداوند کار آسانی نیست، زیرا او قدوس و بسیار غیور است و از گناهانتان نخواهد گذشت. | 19 |
يەشۇئا خەلققە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ. |
اگر او را ترک کرده بتها را بپرستید، او بر ضد شما برخواهد خاست و شما را مجازات خواهد کرد، و با وجود آنکه به شما احسان نموده است، شما را از بین خواهد برد.» | 20 |
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى. |
قوم اسرائیل در جواب یوشع گفتند: «ولی ما قول میدهیم از خداوند پیروی کنیم!» | 21 |
لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى. |
یوشع گفت: «پس خود شما شاهد هستید که قول دادهاید از خداوند پیروی نمایید.» گفتند: «بله، ما خود، شاهد هستیم.» | 22 |
بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار: ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. |
یوشع گفت: «بسیار خوب، پس حال باید بتهایی را که در میان شما هستند از خود دور کنید و دلهای خود را به خداوند، خدای اسرائیل نزدیک سازید.» | 23 |
ئۇ: ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى. |
مردم به یوشع گفتند: «آری، ما فقط از خداوند، خدای خود اطاعت و پیروی خواهیم کرد.» | 24 |
خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ: ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى. |
یوشع آن روز در شکیم با ایشان پیمان بست و آنها را متعهد به انجام قوانین و مقررات آن نمود. | 25 |
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى. |
او تمام این سخنان را در کتاب قانون خدا نوشت. سپس سنگی بزرگ گرفته، آن را در پای درخت بلوطی که در کنار خیمهٔ عبادت بود، بر پا داشت. | 26 |
ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى. |
آنگاه یوشع به تمام قوم اسرائیل گفت: «این سنگ، شاهد پیمان شما با خداوند است و تمام سخنانی را که خداوند به ما فرمود، شنیده است. پس اگر از پیروی خدا برگردید، همین سنگ بر ضد شما شهادت خواهد داد.» | 27 |
ئاندىن يەشۇئا خەلققە: ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى. |
بعد از آن، یوشع مردم را مرخص نمود تا هر کس به ملک خود برود. | 28 |
يەشۇئا شۇلارنى دەپ خەلقنى يولغا سېلىپ، ھەربىرىنى ئۆز مىراس يېرىگە ياندۇردى. |
چندی بعد، یوشع خدمتگزار خداوند در سن صد و ده سالگی درگذشت | 29 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى. |
و او را در تمنه سارح در کوهستان افرایم به طرف شمال کوه جاعش که ملک خود او بود دفن کردند. | 30 |
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. |
قوم اسرائیل در تمام مدت زندگانی یوشع و نیز ریشسفیدان قوم که پس از او زنده مانده بودند و شخصاً اعمال شگفتانگیز خداوند را در حق اسرائیل دیده بودند، نسبت به خداوند وفادار ماندند. | 31 |
يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە مۆجىزىلىك ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى. |
استخوانهای یوسف را که اسرائیلیها موقع خروج از مصر با خود آورده بودند، در شکیم در قطعه زمینی که یعقوب از پسران حمور به صد تکه نقره خریده بود دفن کردند. (این زمین در ملک پسران یوسف قرار داشت.) | 32 |
يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى بولسا، ئىسرائىللار ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇلارنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇپ شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كەسىتاھ كۈمۈشكە سېتىۋالغان يەردە دەپنە قىلدى. شۇ يەر يۈسۈپلەرنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ قالدى. |
العازار، پسر هارون نیز درگذشت و او را در جِبعه که در ملک پسرش فینحاس واقع بود، در کوهستان افرایم دفن کردند. | 33 |
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى. |