یوشع مردان جنگی قبایل رئوبین، جاد و نصف قبیلهٔ منسی را فرا خواند | 1 |
ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ |
و به ایشان چنین فرمود: «هر چه موسی خدمتگزار خداوند به شما امر فرموده بود، انجام دادهاید، و تمام دستورهای مرا نیز اطاعت کردهاید. | 2 |
سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛ |
هر چند جنگ خیلی طول کشید، ولی شما در این مدت برادران خود را ترک نکردید بلکه مأموریتی را که یهوه، خدایتان به شما داده بود، انجام دادید. | 3 |
سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار [سىلەرگە] ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛ |
اکنون یهوه، خدای شما مطابق وعدهٔ خود، به برادرانتان پیروزی و آرامش بخشیده است. پس به خانههای خود در آن سوی رود اردن که خداوند توسط خدمتگزار خود موسی به شما به ملکیت داده است، برگردید. | 4 |
ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار. |
به دقت آنچه را که موسی به شما دستور داده است، انجام دهید: یهوه، خدای خود را دوست بدارید، در راه او گام بردارید، احکامش را اطاعت کنید، به او بچسبید و با دل و جان او را خدمت نمایید.» | 5 |
پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن-ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى. |
پس یوشع آنها را برکت داده، ایشان را به خانههایشان روانه ساخت. | 6 |
شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت-بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. |
(موسی قبلاً در شرق رود اردن در باشان به نصف قبیلهٔ منسی زمین داده بود، و یوشع هم در غرب رود اردن به نصف دیگر آن قبیله، در میان قبایل دیگر، زمین بخشید.) در حالی که مردان جنگی عازم خانههای خود بودند، یوشع ایشان را برکت داده، گفت: «با ثروت بسیار، گله و رمههای بیشمار، طلا و نقره، مس و آهن، و پوشاک فراوان به خانههای خود بازگردید و این غنایم را با بستگان خود تقسیم نمایید.» | 7 |
ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ، |
8 |
ئۇلارغا: ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى. |
پس مردان جنگی قبایل رئوبین، جاد، و نصف قبیلهٔ منسی، بنیاسرائیل را در شیلوه در سرزمین کنعان ترک نمودند و به سوی سرزمین خود در جلعاد که بنا به دستور خداوند به موسی، آن را تصرف کرده بودند، روانه شدند. | 9 |
ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى. |
وقتی قبایل رئوبین، جاد و نصف قبیله منسی به جلیلوت در کنار رود اردن در کنعان رسیدند، مذبح بسیار بزرگ و چشمگیری در کنار رود اردن بنا کردند. اما هنگامی که بقیهٔ قبایل اسرائیل این را شنیدند، در شیلوه جمع شدند تا به جنگ آنها بروند. | 10 |
رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى. |
11 |
ئىسرائىللارغا: «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. |
12 |
ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى. |
ولی اول، عدهای را به رهبری فینحاس پسر العازار کاهن نزد ایشان به سرزمین جلعاد فرستادند. | 13 |
ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى |
افرادی که همراه فینحاس رفتند ده نفر بودند که هر کدام از آنها مقام سرپرستی خاندانی را بر عهده داشتند و به نمایندگی از طرف قبیلهٔ خود آمده بودند. | 14 |
ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. |
وقتی این گروه به نزد قبایل رئوبین، جاد و نصف قبیلهٔ منسی در سرزمین جلعاد رسیدند، | 15 |
بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا: ــ |
به نمایندگی از طرف تمام قوم خداوند گفتند: «چرا از پیروی خداوند برگشتهاید و با ساختن این مذبح از او روگردان شده، بر ضد خدای اسرائیل برخاستهاید؟ | 16 |
مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟ |
آیا عقوبت پرستش بت بعل فغور برای ما کم بود؟ مگر فراموش کردهاید چه بلای وحشتناکی بر قوم خداوند عارض شد، به طوری که هنوز هم از آن کاملاً آزاد نشدهایم؟ مگر نمیدانید اگر امروز از دستور خداوند سرپیچی کنید فردا او بار دیگر بر همهٔ قوم اسرائیل خشمگین خواهد شد؟ | 17 |
پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق. |
18 |
سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ. |
اگر زمین شما برای عبادت خداوند مناسب نیست، بهتر است به سرزمین خداوند که خیمهٔ عبادت در آنجاست بیایید و در این سرزمین با ما زندگی کنید، و با ساختن یک مذبح دیگر علاوه بر مذبحی که برای خداوند، خدای ما ساخته شده است، بر ضد خداوند و بر ضد ما برنخیزید. | 19 |
ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار. |
آیا فراموش کردهاید که وقتی عخان پسر زارح مال حرام را برداشت، نه فقط او بلکه تمام قوم اسرائیل با او مجازات شدند؟» | 20 |
زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟». |
قبایل رئوبین، جاد و نصف قبیلهٔ منسی به نمایندگان قبایل چنین پاسخ دادند: | 21 |
شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«یهوه، خدای خدایان میداند که قصد ما از بنای این مذبح چه بوده است و میخواهیم شما نیز بدانید. اگر ما با این کار از پیروی خداوند روگردان شدهایم و به او خیانت ورزیدهایم، شما ما را زنده نگذارید. | 22 |
«ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار! |
اگر از خداوند برگشته و این مذبح را ساختهایم تا روی آن قربانی سوختنی، هدیه آردی و قربانی سلامتی تقدیم کنیم، خداوند خودش ما را مجازات کند. | 23 |
ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛ |
ما این کار را از روی احتیاط انجام دادهایم، چون میترسیم در آینده فرزندان شما به فرزندان ما بگویند: شما حق ندارید خداوند، خدای اسرائیل را پرستش کنید، | 24 |
ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا: «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ |
زیرا شما سهمی در خداوند ندارید. خداوند رود اردن را بین ما و شما قرار داده است. و به این ترتیب فرزندان شما، فرزندان ما را از پرستش خداوند باز دارند. | 25 |
ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق. |
پس تصمیم گرفتیم آن مذبح را بنا کنیم، البته نه برای تقدیم قربانی سوختنی و سایر قربانیها، بلکه تا بین ما و شما و فرزندانمان شاهدی باشد که ما هم حق داریم در خانهٔ خداوند او را با تقدیم قربانیهای سوختنی و سلامتی پرستش نماییم، و اگر فرزندان شما به فرزندان ما بگویند: شما سهمی در خداوند ندارید، | 26 |
شۇڭا بىز: «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، |
27 |
بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. |
فرزندان ما بتوانند بگویند: این مذبح را نگاه کنید که پدران ما از روی نمونهٔ مذبح خداوند ساختهاند. این مذبح، برای تقدیم قربانیهای سوختنی و سایر قربانیها نیست بلکه نشانهٔ این است که ما هم حق داریم بیاییم و خدا را بپرستیم. | 28 |
ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز. |
ما هرگز از پیروی خداوند دست برنمیداریم و با ساختن مذبحی برای تقدیم قربانی سوختنی، هدیهٔ آردی و سایر قربانیها از دستورهای او سرپیچی نمیکنیم. ما میدانیم تنها مذبحی که باید بر آن قربانی کرد، همان است که در عبادتگاه خداوند قرار دارد.» | 29 |
پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!». |
فینحاس کاهن و نمایندگان قبایل بنیاسرائیل که همراه وی بودند، چون این سخنان را از قبیلههای رئوبین، جاد و نصف قبیلهٔ منسی شنیدند، قانع شدند. | 30 |
كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى. |
فینحاس پسر العازار به ایشان گفت: «امروز فهمیدیم که خداوند در میان ماست، زیرا شما بر ضد او برنخاستهاید بلکه برعکس، قوم ما را از نابودی نجات دادهاید.» | 31 |
ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى. |
پس فینحاس پسر العازار و نمایندگان، از جلعاد به کنعان بازگشتند و هر آنچه را که شنیده بودند به بنیاسرائیل گزارش دادند. | 32 |
ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى. |
با شنیدن گزارش آنها، همهٔ مردم اسرائیل شاد شدند و خدا را شکر نمودند و دیگر سخنی از جنگ با قبایل رئوبین و جاد و یا خراب کردن سرزمین آنها به میان نیامد. | 33 |
بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى. |
قبایل رئوبین و جاد آن مذبحی را که بنا کرده بودند «مذبح شاهد» نامیدند و گفتند: «این مذبح بین ما و برادران ما شاهد است که خداوند، خدای ما نیز هست.» | 34 |
رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار: ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى. |