< یوئیل 3 >

خداوند می‌فرماید: «در آن زمان وقتی رفاه و سعادت را به یهودا و اورشلیم بازگردانم، 1
چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە، مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە،
سپاهیان جهان را در درهٔ یهوشافاط جمع خواهم کرد و در آنجا ایشان را به خاطر میراث خود، اسرائیل محاکمه خواهم نمود، چون قوم مرا در میان قومها پراکنده ساخته، سرزمین مرا تقسیم کردند. 2
مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ، ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن، ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن.
آنها بر سر افراد قوم من قمار کردند و پسران را در ازای فاحشه‌ها و دختران را در مقابل شراب فروختند تا مست کنند. 3
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛ بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان، بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان.
«ای صور و صیدون، و ای شهرهای فلسطین چه می‌خواهید بکنید؟ آیا می‌خواهید از من انتقام بگیرید؟ اگر چنین کنید من بی‌درنگ شما را مجازات خواهم کرد. 4
ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ (بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!)
طلا و نقره و تمام گنجینه‌های گرانبهای مرا گرفته و آنها را به بتخانه‌های خود برده‌اید. 5
كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
مردم یهودا و اورشلیم را به یونانیان فروخته‌اید و ایشان را از سرزمینشان آواره کرده‌اید. 6
يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
«ولی من دوباره آنها را از جاهایی که به آنها فروخته شده‌اند باز می‌گردانم و همهٔ اعمال شما را بر سر خودتان خواهم آورد. 7
مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن.
من پسران و دختران شما را به مردم یهودا خواهم فروخت و ایشان هم آنها را به سبائیان که در سرزمینی دوردست ساکنند خواهند فروخت. من که خداوند هستم این را می‌گویم. 8
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن، ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
«برای جنگ آماده شوید و به همه خبر دهید! بهترین سربازان خود را بسیج کنید و تمام سپاهیان خود را فرا خوانید. 9
شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى، «جەڭگە تەييارلىنىڭلار، پالۋانلارنى قوزغاڭلار، جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن، جەڭگە ھازىر بولسۇن؛
گاوآهنهای خود را ذوب نموده، شمشیر بسازید و از اره‌های خود نیزه تهیه کنید. شخص ضعیف بگوید:”من قوی هستم!“ 10
ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ، ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛ ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛
ای همهٔ قومها، بشتابید و از هر طرف جمع شوید.» اکنون ای خداوند، جنگاوران خود را فرود آر! 11
ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!»
خداوند می‌فرماید: «قومها جمع شوند و به درهٔ یهوشافاط بیایند، چون من در آنجا نشسته، همه را داوری خواهم کرد. 12
«ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن.
داسها را آماده کنید، زیرا محصول رسیده و آماده است. انگورهای داخل چرخشت را با پا له کنید، چون از شرارت این مردم لبریز شده است.» 13
ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»
مردم دسته‌دسته در درهٔ یهوشافاط جمع می‌شوند، زیرا در آنجا روز خداوند به‌زودی فرا خواهد رسید. 14
ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى.
آفتاب و ماه تاریک می‌شوند و ستاره‌ها دیگر نمی‌درخشند. 15
قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
خداوند از اورشلیم فریاد برمی‌آورد. آسمان و زمین می‌لرزند؛ اما خداوند همچنان پناهگاه و قلعهٔ قوم خود اسرائیل خواهد بود. 16
پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ.
«آنگاه خواهید دانست که من یهوه خدای شما، در کوه مقدّس خود صهیون، ساکنم. اورشلیم برای همیشه از آن من خواهد بود و زمانی می‌رسد که دیگر هیچ سپاه بیگانه‌ای از آن گذر نخواهد کرد. 17
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ.
«از کوهها شراب تازه خواهد چکید و از بلندیها شیر جاری خواهد شد. نهرهای خشک یهودا از آب پر خواهند شد و از خانهٔ خداوند چشمه‌ای خواهد جوشید تا درهٔ شطیم را سیراب سازد. 18
ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ.
مصر و ادوم هر دو به سبب ظلمی که به سرزمین یهودا کردند از بین خواهند رفت، زیرا مردم بی‌گناه آنجا را کشتند. 19
مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن.
«ولی یهودا و اورشلیم تا به ابد پایدار خواهند ماند. 20
بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛
من انتقام خون قوم خود را خواهم گرفت و از تقصیر کسانی که بر آنها ظلم کردند، نخواهم گذشت. من در اورشلیم با قوم خود ساکن خواهم شد.» 21
ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر.

< یوئیل 3 >