آیا میتوانی لِویاتان را با قلاب صید کنی یا به دور زبانش کمند بیندازی؟ | 1 |
لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن [باغلاپ] باسالامسەن؟ |
آیا میتوانی از بینی او طناب رد کنی یا چانهاش را با نیزه سوراخ نمایی؟ | 2 |
ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ |
آیا از تو خواهش خواهد کرد که دست از سرش برداری؟ | 3 |
ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟ |
آیا میپذیرد که تا آخر عمر، او را بردهٔ خود سازی؟ | 4 |
ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟ |
آیا میتوانی با او مثل یک پرنده بازی کنی یا به او افسار زده، او را به دخترانت هدیه نمایی؟ | 5 |
سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟ |
آیا ماهیگیران میتوانند او را تکهتکه کرده، به تاجران بفروشند؟ | 6 |
تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ |
آیا تیر به پوست او فرو میرود یا نیزهٔ ماهیگیری سر او را سوراخ میکند؟ | 7 |
سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! |
اگر به او دست بزنی چنان آشوبی به پا میکند که دیگر هرگز هوس نکنی به او نزدیک شوی! | 8 |
قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن! |
هر که بخواهد او را بگیرد از دیدنش به لرزه میافتد و تلاشش نافرجام میماند. | 9 |
مانا، «[ئۇنى بويسۇندۇرىمەن]» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟ |
هیچکس جرأت ندارد او را تحریک کند یا در مقابلش بایستد. | 10 |
ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟ |
در تمام دنیا کسی نیست که با او درگیر شود و جان به در برد. | 11 |
ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ |
از عظمت و قدرت اعضای بدن او دیگر چه گویم؟ | 12 |
[لېۋىئاتاننىڭ] ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. |
کیست که بتواند پوستش را از او بِکَنَد؟ کیست که بتواند به زِرۀ دو لایۀ او نفوذ کند؟ | 13 |
كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟ |
کیست که بتواند دروازۀ دهان او را باز کند؟ دندانهایش بسیار ترسناکند. | 14 |
كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ. |
پشت او از فلسهایی که محکم به هم چسبیدهاند پوشیده شده است، به طوری که هیچ چیز قادر نیست آنها را از هم جدا کند و حتی هوا نیز نمیتواند به داخل آنها نفوذ نماید. | 15 |
قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى، |
16 |
بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ. |
17 |
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر. |
وقتی عطسه میکند بخار آن در پرتو نور خورشید میدرخشد. چشمانش مانند طلوع خورشید درخشان است. | 18 |
ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر. |
از دهانش آتش زبانه میکشد. | 19 |
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ. |
دودی که از سوراخهای بینیاش خارج میشود مانند بخاری است که از دیگ جوشان برمیخیزد. | 20 |
قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛ |
نفس او هیزم را به آتش میکشد؛ شعلههای سوزان از دهانش میجهد. | 21 |
ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ. |
قدرت حیرتآوری در گردن او نهفته است و هر که او را میبیند به وحشت میافتد. | 22 |
بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. |
لایههای گوشت بدنش سفت و محکم به هم چسبیده است. | 23 |
ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى [قاسىراقلىرى] يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ. |
دلش مثل سنگ زیرین آسیاب سخت است. | 24 |
ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ. |
وقتی برمیخیزد زورمندان هراسان میشوند و از ترس بیهوش میگردند. | 25 |
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. |
شمشیر، نیزه، تیر یا زوبین بر او کارگر نیست. | 26 |
بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر. |
آهن برایش مثل کاه است و مفرغ مانند چوب پوسیده. | 27 |
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ. |
تیرهای کمان نمیتوانند او را فراری دهند. سنگهای فلاخن چون پر کاه بر او بیاثرند. | 28 |
ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ. |
چماق برای او مانند کاه است. او به تیرهایی که به طرفش پرتاب میشوند، میخندد. | 29 |
توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ. |
پوست شکمش مانند تکههای سفال، تیز است و مانند چنگال خرمنکوب روی زمین شیار به وجود میآورد. | 30 |
ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ. |
با حرکات خود اعماق دریا را مانند یک ظرف جوشان به جوش و خروش میآورد و دریا را مثل دیگ عطاران به هم میزند. | 31 |
ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛ |
ردپایی درخشان به دنبال خود برجای میگذارد، به طوری که دریا از کف سفید پوشیده میشود. | 32 |
ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم [بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ] چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ. |
در روی زمین هیچ موجودی مانند او بیباک نیست. | 33 |
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان. |
او سلطان حیوانات وحشی است و هیچ جانوری به پای او نمیرسد. | 34 |
ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا [جۈرئەت بىلەن] نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر». |