ولی اکنون کسانی که از من جوانترند مرا مسخره میکنند، در حالی که من عار داشتم پدرانشان را حتی جزو سگهای گلهام بدانم؛ | 1 |
ــ «بىراق ھازىر بولسا، ياشلار مېنى مازاق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دادىلىرىنى ھەتتا پادامنى باقىدىغان ئىتلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە يول قويۇشنىمۇ يامان كۆرەتتىم. |
نیروی بازوانشان برای من چه فایدهای دارد، زیرا رمقی در آنها باقی نمانده است. | 2 |
ئۇلارنىڭ ماغدۇرى كەتكەندىن كېيىن، قولىدىكى كۈچ ماڭا نېمە پايدا يەتكۈزەلىسۇن؟ |
از شدت گرسنگی لاغر و بیتاب شده، سر به بیابان خشک و متروک مینهادند. | 3 |
يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ. |
در میان بوتهها علفشوره میچیدند، و ریشۀ شورگیاه را میخورند. | 4 |
ئۇلار ئەمەن-شىۋاقنى چاتقاللار ئارىسىدىن يۇلىدۇ، شۇمبۇيىنىڭ يىلتىزلىرىنىمۇ تېرىپ ئۆزلىرىگە نان قىلىدۇ. |
چون مردم آنها را مانند یک دزد با داد و قال از میان خود رانده بودند. | 5 |
ئۇلار ئەل-يۇرتلاردىن ھەيدىۋېتىلگەن بولىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپلا ئوغرىنى كۆرگەندەك ۋارقىراپ تىللايدۇ. |
پس آنها مجبور شدند در سراشیبی کوهها ساکن شوند، در میان صخرهها و حفرههای زمین. | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈرلۈك جىلغىلاردا قونۇپ، تاشلار ئارىسىدا، غارلار ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. |
در بیابانها عرعر میکردند و زیر بوتهها میلولیدند. | 7 |
چاتقاللىق ئارىسىدا ئۇلار ھاڭراپ كېتىدۇ، تىكەنلەر ئاستىدا ئۇلار دۈگدىيىپ ئولتۇرىشىدۇ؛ |
آنها احمقانی بینام و نشانند که از سرزمین خود طرد شدهاند. | 8 |
نادانلارنىڭ، نام-ئابرۇيىسىزلارنىڭ بالىلىرى، ئۇلار زېمىندىن سۈرتوقاي ھەيدىۋېتىلگەن. |
و حال فرزندان ایشان مرا به باد ریشخند گرفتهاند و من بازیچهٔ دست آنها شدهام. | 9 |
مەن ھازىر بولسام بۇلارنىڭ ھەجۋىي ناخشىسى، ھەتتا سۆز-چۆچىكىنىڭ دەستىكى بولۇپ قالدىم! |
از من کراهت دارند و نزدیکم نمیآیند. از تف انداختن به صورتم ابایی ندارند. | 10 |
ئۇلار مەندىن نەپرەتلىنىپ، مەندىن يىراق تۇرۇپ، يۈزۈمگە تۈكۈرۈشتىنمۇ يانمايدۇ. |
خدا مرا ذلیل و ناتوان ساخته است، پس آنها هر چه دلشان میخواهد با من میکنند. | 11 |
چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن. |
این اراذل و اوباش از هر سو به من حمله میکنند و سر راهم دام میگذارند. | 12 |
ئوڭ يېنىمدا بىر توپ چۈپرەندە ياشلار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار پۇتۇمنى تۇرغان يېرىدىن ئىتتىرىۋەتمەكچى، ئۇلار سېپىلىمغا ھۇجۇم پەلەمپەيلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ |
راه مرا میبندند و دست به هر کاری میزنند تا مرا از پای درآورند. آنها میدانند که من بییار و یاورم. | 13 |
ئۇلار يولۇمنى بۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ يۆلەنچۈكى بولمىسىمۇ، ھالاكىتىمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. |
ناگهان بر من هجوم میآورند و وقتی که میبینند به زمین افتادهام بر سرم میریزند. | 14 |
ئۇلار سېپىلنىڭ كەڭ بۆسۈك جايىدىن بۆسۈپ كىرگەندەك كىرىشىدۇ؛ ۋەيرانىلىكىمدىن پايدىلىنىپ چوڭ تاشلاردەك دومىلاپ كىرىشىدۇ. |
در ترس و وحشت به سر میبرم. آبروی من رفته است و سعادتم مانند ابر ناپدید شده است. | 15 |
ۋەھىمىلەر بۇرۇلۇپ مېنى ئۆز نىشانى قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ھۆرمىتىم شامال ئۆتۈپ يوق بولغاندەك ھەيدىۋېتىلدى، ئاۋاتچىلىقىممۇ بۇلۇت ئۆتۈپ كەتكەندەك ئۆتۈپ كەتتى. |
دیگر رمقی در بدنم نمانده و تسکینی برای رنجهایم نیست. | 16 |
ھازىر بولسا جېنىم قاچىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەندەك؛ ئازابلىق كۈنلەر مېنى تۇتۇۋالدى. |
شبانگاه دردی شدید تمام استخوانهایم را فرا میگیرد و لحظهای آرامم نمیگذارد. | 17 |
كېچىلەر بولسا، ماڭا سۆڭەكلىرىمگىچە سانجىماقتا؛ ئاغرىقلىرىم مېنى چىشلەپ دەم ئالمايدۇ. |
خدا با دست قوی یقۀ پیراهنم را سخت گرفته است. | 18 |
[ئاغرىقلار] زور كۈچى بىلەن ماڭا كىيىم-كېچىكىمدەك بولدى؛ ئۇلار كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدەك ماڭا چاپلىشىۋالدى. |
خدا مرا به گل و لجن کشیده و به خاک نشانده است. | 19 |
خۇدا مېنى سازلىققا تاشلىۋەتكەن، مەن توپا-چاڭغا ۋە كۈلگە ئوخشاش بولۇپ قالدىم. |
ای خدا، نزد تو فریاد برمیآورم، ولی به من جواب نمیدهی. در حضورت میایستم، اما نگاهم نمیکنی. | 20 |
مەن ساڭا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمەن، بىراق سەن ماڭا جاۋاب بەرمەيسەن؛ مەن ئورنۇمدىن تۇرسام، سەن پەقەتلا ماڭا قاراپلا قويىسەن. |
نسبت به من بیرحم شدهای و با تمام قدرت آزارم میدهی. | 21 |
سەن ئۆزگىرىپ ماڭا بىر زالىم بولدۇڭ؛ قولۇڭنىڭ كۈچى بىلەن ماڭا زەربە قىلىۋاتىسەن؛ |
مرا به میان گردباد میاندازی و در مسیر طوفان قرار میدهی. | 22 |
سەن مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا مىندۈرگەنسەن؛ بوران-چاپقۇندا تەئەللۇقاتىمنى يوق قىلىۋەتكەنسەن. |
میدانم مرا به دیار مرگ که برای همۀ زندگان مقرر است، میفرستی. | 23 |
چۈنكى سەن مېنى ئاخىرىدا ئۆلۈمگە، يەنى بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ «يىغىلىش ئۆيى»گە كەلتۈرۈۋاتىسەن. |
چرا به کسی که خرد شده است و کاری جز التماس کردن، از او برنمیآید، حمله میکنی؟ | 24 |
ئۇ ھالاك قىلغان ۋاقتىدا كىشىلەر نالە-پەرياد كۆتۈرسىمۇ، ئۇ قولىنى ئۇزاتقاندا، دۇئانىڭ دەرۋەقە ھېچقانداق نەتىجىسى يوق؛ |
آیا من برای آنانی که در زحمت بودند گریه نمیکردم؟ آیا برای نیازمندان غصه نمیخوردم؟ | 25 |
مەن كۈنلىرى تەس كىشى ئۈچۈن يىغلاپ [دۇئا قىلغان] ئەمەسمۇ؟ نامراتلار ئۈچۈن جېنىم ئازابلانمىدىمۇ؟ |
با وجود این به پاس خوبی، بدی نصیبم شد و به جای نور، تاریکی به سراغم آمد. | 26 |
مەن ئۆزۈم ياخشىلىق كۈتۈپ يۈرگىنىم بىلەن، يامانلىق كېلىپ قالدى؛ نۇر كۈتكىنىم بىلەن، قاراڭغۇلۇق كەلدى. |
دلم آشفته است و آرام و قرار ندارد. امواج مصیبت مرا فرا گرفتهاند. | 27 |
ئىچىم قازاندەك قايناپ، ئاراملىق تاپمايۋاتىدۇ؛ ئازابلىق كۈنلەر ماڭا يۈزلەندى. |
تاریکی وجودم را تسخیر کرده و از شدت غم به این سو و آن سو میروم و قرار ندارم. در میان جماعت میایستم و با التماس کمک میطلبم. | 28 |
مەن قۇياش نۇرىنى كۆرمەيمۇ قارىداپ يۈرمەكتىمەن؛ خالايىق ئارىسىدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن. |
نالههایم به فریاد شغال و جغد میماند. | 29 |
مەن چىلبۆرىلەرگە قېرىنداش بولۇپ قالدىم، ھۇۋقۇشلارنىڭ ھەمراھى بولدۇم. |
پوست بدنم سیاه شده، و کنده میشود. استخوانهایم از شدت تب میسوزد. | 30 |
تېرەم قارىيىپ مەندىن ئاجراپ كېتىۋاتىدۇ، سۆڭەكلىرىم قىزىقتىن كۆيۈپ كېتىۋاتىدۇ. |
نوای شادِ چنگِ من، به نوحهگری مبدل شده و از نی من نالههای جانگداز به گوش میرسد. | 31 |
چىلتارىمدىن ماتەم مەرسىيەسى چىقىدۇ، نېيىمنىڭ ئاۋازى ھازا تۇتقۇچىلارنىڭ يىغىسىغا ئايلىنىپ قالدى». |