ایوب به سخنان خود ادامه داده، گفت: | 1 |
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ |
ای کاش روزهای گذشته بازمیگشت، روزهایی که خدا، نگهدار من بود | 2 |
«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى! |
و راهی را که در پیش داشتم روشن میساخت و من با نور او در دل تاریکی قدم برمیداشتم! | 3 |
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم! |
بله، در آن روزها کامران بودم و زیر سایهٔ خدا زندگی میکردم. | 4 |
بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش [دوست] بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى! |
خدای قادر مطلق همراه من بود و فرزندانم در اطراف من بودند. | 5 |
ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛ |
من پاهای خود را با شیر میشستم و از صخرهها برای من چشمههای روغن زیتون جاری میشد! | 6 |
مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛ |
در آن روزها به دروازهٔ شهر میرفتم و در میان بزرگان مینشستم. | 7 |
شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا، |
جوانان با دیدن من با احترام کنار میرفتند، پیران از جا برمیخاستند، | 8 |
ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى، |
ریشسفیدان قوم خاموش شده، دست بر دهان خود میگذاشتند | 9 |
شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى. |
و بزرگان سکوت اختیار میکردند. | 10 |
ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى. |
هر که مرا میدید و حرفهایم را میشنید از من تعریف و تمجید میکرد؛ | 11 |
قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى. |
زیرا من به داد فقرا میرسیدم و یتیمانی را که یار و یاور نداشتند کمک میکردم. | 12 |
چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم. |
کسانی را که دم مرگ بودند یاری میدادم و ایشان برایم دعای خیر میکردند و کاری میکردم که دل بیوهزنان شاد شود. | 13 |
ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم. |
هر کاری که انجام میدادم از روی عدل و انصاف بود؛ عدالت جامه من بود و انصاف تاج من. | 14 |
مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان. |
برای کورها چشم و برای لنگان پا بودم؛ | 15 |
مەن كورغا كۆز بولاتتىم، توكۇرغا پۇت بولاتتىم. |
برای فقرا پدر بودم و از حق غریبهها دفاع میکردم. | 16 |
يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم. |
دندانهای ستمگران را میشکستم و شکار را از دهانشان میگرفتم. | 17 |
مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم. |
در آن روزها فکر میکردم که حتماً پس از یک زندگی خوش طولانی به آرامی در جمع خانوادۀ خود خواهم مرد. | 18 |
ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛ |
زیرا مانند درختی بودم که ریشههایش به آب میرسید و شاخههایش از شبنم سیراب میشد. | 19 |
ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛ |
پیوسته افتخارات تازهای نصیبم میشد و به قدرتم افزوده میگشت. | 20 |
شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم. |
همه با سکوت به حرفهایم گوش میدادند و برای نصیحتهای من ارزش قائل بودند. | 21 |
ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى. |
پس از اینکه سخنانم تمام میشد آنها دیگر حرفی نمیزدند، زیرا نصایح من برای آنها قانع کننده بود. | 22 |
مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى. |
آنها مانند کسی که در زمان خشکسالی انتظار باران را میکشد، با اشتیاق در انتظار سخنان من بودند. | 23 |
ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، كىشىلەر [ۋاقتىدا ياغقان] «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى! |
وقتی که دلسرد بودند، با یک لبخند آنها را تشویق میکردم و بار غم را از دلهایشان برمیداشتم. | 24 |
ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى. |
مانند کسی بودم که عزاداران را تسلی میدهد. در میان ایشان مثل یک پادشاه حکومت میکردم و مانند یک رهبر آنها را راهنمایی مینمودم. | 25 |
مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم». |