خداوند میفرماید: «من مرد ویرانگری را علیه بابِل برخواهم انگیخت تا آن را با ساکنانش نابود کند. | 1 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ |
بیگانگان را خواهم فرستاد تا بابِل را مانند خرمن بکوبند و ویران سازند و در آن روز بلا، از هر طرف آن را احاطه کنند. | 2 |
مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ. |
تیرهای دشمن، کمانداران بابِل را از پای در خواهد آورد و زرهٔ مردان جنگی او را خواهد شکافت؛ هیچیک از ایشان جان به در نخواهد برد؛ پیر و جوان، یکسان نابود خواهند شد. | 3 |
ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار. |
جنازههای ایشان در تمام سرزمین دیده خواهند شد و مجروحینشان در کوچهها خواهند افتاد، | 4 |
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن! |
چون سرزمین آنان غرق گناه است، گناه در حق من که خدای قدوس اسرائیل میباشم. اما من که خداوند لشکرهای آسمان هستم، مردم اسرائیل و یهودا را که در این سرزمین پر از گناه زندگی میکنند، فراموش نکردهام. | 5 |
چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى [بابىلنىڭ] زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر. |
«از بابِل فرار کنید! جانتان را نجات دهید! مبادا زمانی که بابِل را به مکافات گناهانش میرسانم، شما نیز هلاک شوید. | 6 |
[بارلىق ئەللەر]، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. |
بابِل در دست من مثل یک جام طلایی بود که تمام مردم جهان از آن شراب نوشیده، مست و دیوانه میشدند. | 7 |
بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن. |
ولی این جام طلایی، ناگهان افتاده، خواهد شکست! پس برایش گریه کنید؛ برای او دارو بیاورید، شاید شفا یابد! | 8 |
بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟ |
بیگانگانی که در بابِل ساکنند، میگویند:”ما خواستیم به او کمک کنیم، اما نتوانستیم. اکنون دیگر هیچ چیز نمیتواند نجاتش بدهد. پس او را به حال خودش بگذاریم و به وطنمان برگردیم، چون این خداست که او را مجازات میکند.“ | 9 |
ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ». |
آنگاه قوم من نیز که در بابِل اسیرند، فریاد برآورده، خواهند گفت:”خداوند از ما حمایت کرده است؛ پس بیایید تمام کارهایی را که او در حق ما انجام داده، برای اهالی اورشلیم بیان کنیم.“» | 10 |
ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!» |
خداوند پادشاهان ماد را برانگیخته است تا بر بابِل هجوم ببرند و آن را خراب کنند. این است انتقام خداوند از کسانی که به قوم او ظلم کردند و خانهاش را بیحرمت نمودند. پس تیرها را تیز کنید؛ سپرها را به دست گیرید! برای حمله به دیوارهای بابِل، علائم را بر پا نمایید؛ تعداد نگهبانان و کشیکچیان را اضافه کنید و کمین بگذارید! خداوند هر چه دربارهٔ بابِل گفته است، به انجام خواهد رسانید. | 11 |
ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر. |
12 |
بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى [بابىلنى چۆرىدىتىپ] سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ. |
ای بندرگاه ثروتمند، ای مرکز بزرگ تجارت، دورهات به پایان رسیده و رشتهٔ عمرت پاره شده است! | 13 |
ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى. |
خداوند لشکرهای آسمان به ذات خود قسم خورده و گفته است که سربازان دشمن، همچون دستههای ملخ که مزرعه را میپوشانند، شهرهای بابِل را پر خواهند ساخت و فریاد پیروزی ایشان به آسمان خواهد رسید. | 14 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى. |
خدای ما با قدرت خود زمین را آفرید و با حکمتش جهان را بنیاد نهاد و با دانایی خود آسمانها را به وجود آورد. | 15 |
ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ، ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر؛ |
به فرمان اوست که ابرها در آسمان میغرند؛ اوست که ابرها را از نقاط دور دست میآورد، برق ایجاد میکند، باران میفرستد، و باد را از خزانههای خود بیرون میآورد. | 16 |
ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ، شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ. |
پس آنانی که در مقابل بتهایشان سجده میکنند، چقدر نادانند! سازندگان بتها شرمسار و رسوا خواهند شد، زیرا مجسمه را خدا مینامند، در حالی که نشانی از زندگی در آن نیست. | 17 |
بۇ [بۇتپەرەسلەرنىڭ] ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ ھەربىر زەرگەر ئۆزى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر. |
همهٔ این بتها، بیارزش و مسخرهاند! وقتی سازندگانشان از بین بروند، خودشان هم از میان خواهند رفت. | 18 |
ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازالىنىش ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ. |
اما خدای یعقوب مثل این بتها نیست؛ او خالق همهٔ موجودات است و اسرائیل، قوم خاص او میباشد؛ نام او خداوند لشکرهای آسمان است. | 19 |
ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛ چۈنكى ھەممىنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛ ىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىسىدۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. |
خداوند میفرماید: «ای بابِل، تو گرز من هستی. از تو برای در هم کوبیدن قومها و نابود کردن ممالک استفاده کردهام. | 20 |
سەن [ئىسرائىل] مېنىڭ گۆرزەم، مېنىڭ جەڭ قورالىمدۇرسەن؛ سېنىڭ بىلەن مەن ئەللەرنى بىتچىت قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلىمەن؛ |
به دست تو لشکرها را تار و مار نمودهام و اسب و سوارش، ارابه و ارابهران را از بین بردهام. | 21 |
سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم جەڭ ھارۋىسى ھەم ھەيدىگۈچىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ |
بله، بهوسیلۀ تو مردم همهٔ سرزمینها را از مرد و زن، پیر و جوان، هلاک ساختهام، | 22 |
سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛ |
چوپانها و گلهها، کشاورزان و گاوهایشان را از بین بردهام و حاکمان و فرماندهان را نابود کردهام. | 23 |
سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم دېھقان ھەم بويۇنتۇرۇققا قېتىلغان كالىلىرىنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم ۋالىيلار ھەم ھۆكۈمرانلارنى بىتچىت قىلىمەن. |
ولی من، تو و مردمت را به خاطر تمام بدیهایی که به قوم من کردهاید، مجازات خواهم نمود.» این است فرمودۀ خداوند. | 24 |
ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«ای بابِل، ای کوه مستحکم، ای ویران کنندهٔ جهان، اینک من دشمن توام! دستم را بر ضد تو بلند میکنم و تو را از آن بلندی فرود میآورم. از تو چیزی جز یک تپه خاکستر باقی نخواهم گذارد. | 25 |
ــ مانا، مەن سەن [بابىلغا] قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە سوزۇپ، سېنى تىك يارلاردىن غۇلىتىپ، دومىلىتىپ چۈشۈرۈپ، سېنى كۆيۈپ تۈگىگەن بىر يانار تاغ قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
تو برای همیشه ویران خواهی ماند، حتی سنگهایت نیز دیگر برای بنای ساختمان به کار نخواهد رفت.» این است فرمودۀ خداوند. | 26 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ، ياكى ئۇل ئۈچۈنمۇ ھېچيەردىن تاش تاپالمايدۇ؛ چۈنكى سەن مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«به قومها خبر دهید تا برای جنگ با بابِل بسیج شوند! شیپور جنگ بنوازید. به سپاهیان آرارات، مینی و اشکناز بگویید که حمله کنند. فرماندهانی تعیین کنید تا دستور حمله را بدهند. اسبان زیاد فراهم آورید! | 27 |
ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛ |
لشکریان پادشاهان ماد و فرماندهانشان و سپاهیان تمام کشورهایی را که زیر سلطهٔ آنها هستند، فرا خوانید!» | 28 |
ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار، ــ مېدىئالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى، ۋالىيلىرى ۋە بارلىق ھۆكۈمدارلىرىنى، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن زېمىنلارنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى تەييارلاڭلار! |
بابِل میلرزد و از درد به خود میپیچد، چون نقشههایی که خداوند بر ضد او دارد، تغییر نمیپذیرند. بابِل ویران خواهد شد و کسی در آن باقی نخواهد ماند. | 29 |
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. |
سربازان شجاعش دیگر نمیجنگند، همه در استحکامات خود میمانند؛ زیرا جرأتشان را از دست دادهاند و همچون زنان، ضعیف شدهاند. نیروهای مهاجم، خانهها را سوزانده و دروازههای شهر را شکستهاند. | 30 |
بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛ ئۇلار قورغانلىرىدا ئامالسىز ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ دەرمانى قالمايدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ؛ دەرۋازا سالاسۇنلىرى سۇندۇرۇلىدۇ. |
قاصدان یکی پس از دیگری میشتابند تا به پادشاه بابِل خبر رسانند که همه چیز از دست رفته است! | 31 |
يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ «سىلىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرى ئۇ چەتتىن بۇ چەتكىچە ئىشغال قىلىندى؛ |
تمام راهها بسته شدهاند، استحکامات و برج و باروها سوخته و سربازان به وحشت افتادهاند. | 32 |
دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى، قومۇشلۇقلار ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، پالۋانلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشۈشتى!» ــ دەپ جاكارلىشىدۇ. |
خداوند لشکرهای آسمان، خدای اسرائیل میفرماید: «بهزودی بابِل مثل گندم زیر پاهای خرمنکوبان، کوبیده خواهد شد.» | 33 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ قىزى تەكشىلىنىپ چىڭدىلىدىغان ۋاقتى بولغان خاماندەك بېسىلىدۇ؛ بىردەمدىلا، ئۇنىڭ ھوسۇلى ئورۇلىدىغان ۋاقتى يېتىپ بولىدۇ! |
یهودیان بابِل میگویند: «نِبوکَدنِصَّر، پادشاه بابِل، ما را دریده و خرد کرده و همه چیزمان را نابود ساخته است؛ مثل اژدها ما را بلعیده و شکم خود را از ثروت ما پر کرده و ما را از سرزمینمان بیرون رانده است. ای کاش ظلم و ستمی که بر ما روا داشته، بر سر خودش بیاید! خدا انتقام خون ما را از او بگیرد!» | 34 |
زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ. |
خداوند جواب میدهد: «من به دعوی شما رسیدگی خواهم کرد و انتقامتان را خواهم گرفت. من رودخانهها و چشمههای بابِل را خشک خواهم کرد. | 36 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايمەن، سەن ئۈچۈن قىساس ئالىمەن؛ مەن ئۇنىڭ دېڭىزىنى قۇرۇتىمەن، بۇلىقىنى قاغجىرىتىمەن. |
این سرزمین به ویرانهای تبدیل خواهد شد و حیوانات وحشی در آن زندگی خواهند کرد؛ هر که بر آن نظر اندازد، به وحشت خواهد افتاد و کسی در آن ساکن نخواهد شد. | 37 |
بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى بولىدۇ؛ زېمىنى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولىدۇ، ھېچ ئادەم شۇ يەردە تۇرمايدۇ. |
بابِلیها همگی مانند شیرها خواهند غرید، و همچون شیربچگان نعره خواهند زد. | 38 |
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ، ئارسلانلاردەك بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىدۇ؛ |
و وقتی همه مست شراب شدند، آنگاه بزم دیگری برایشان تدارک خواهم دید و چنان مستشان خواهم کرد تا به خواب ابدی فرو روند و هرگز از آن بیدار نشوند. | 39 |
ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
ایشان را مثل بره و قوچ و بز به کشتارگاه خواهم کشاند. | 40 |
بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن. |
«ببینید بابِل چگونه سقوط کرده، آن بابِل بزرگ که مورد ستایش تمام دنیا بود! همۀ قومهای جهان از دیدن آن به وحشت خواهند افتاد! | 41 |
شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا! پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ پەخرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا قارا! بابىلنىڭ ئەللەر ئارىسىدا ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكتى بولغانلىقىغا قارا! |
دریا بر بابِل طغیان کرده، امواجش آن را خواهد پوشانید. | 42 |
دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى. |
شهرهایش ویران گشته، تمام سرزمینش به بیابانی خشک تبدیل خواهد شد. هیچکس در آنجا زندگی نخواهد کرد و مسافری نیز از آن عبور نخواهد نمود، | 43 |
ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، قاغجىراق يەر، بىر چۆل، ھېچكىم تۇرمايدىغان زېمىن بولدى؛ ھېچقانداق ئىنسان بالىسى قايتىدىن شۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. |
دیوارهای بابِل فرو خواهد ریخت. من بل، خدای بابِل را مجازات خواهم کرد و آنچه بلعیده است، از دهانش بیرون خواهم آورد و قومها دیگر برای پرستش آن نخواهند آمد. | 44 |
مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ. |
«ای قوم من، از بابِل فرار کنید. خود را از خشم من نجات دهید. | 45 |
ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم! ھەربىرىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! |
وقتی شایعهٔ نزدیک شدن نیروهای دشمن را شنیدید، مضطرب نشوید. این شایعات در تمام این سالها شنیده خواهد شد. سپس ظلم و ستم بر سرزمین حکمفرما شده، بابِل درگیر جنگ داخلی خواهد گشت. | 46 |
سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ. |
آنگاه زمانی فرا خواهد رسید که من بابِل را با تمام بتهایش مجازات خواهم کرد و کوچههایش از جنازهها پر خواهند شد. | 47 |
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛ |
آسمان و زمین شادی خواهند نمود، چون از شمال، لشکریان ویرانگر به جنگ بابِل خواهند آمد. | 48 |
شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛ چۈنكى شىمالدىن ھالاك قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
همانطور که بابِل باعث هلاکت بسیاری از قوم اسرائیل شد، خود نیز به همانگونه نابود خواهد گشت. | 49 |
بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك، بابىل ئىسرائىلدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر تۈپەيلىدىن بابىل يىقىلماي قالمايدۇ. |
حال، ای شما که از خطر شمشیر، جان به در بردهاید، بروید! درنگ نکنید! هر چند که دور از وطن هستید و به اورشلیم میاندیشید، خداوند را به یاد آرید! | 50 |
قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛ چەت يەرلەردىن پەرۋەردىگارنى سېغىنىڭلار، يېرۇسالېمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. |
«شما میگویید:”ما رسوا شدهایم، چون بابِلیهای بیگانه، خانهٔ خداوند را بیحرمت ساختهاند.“ | 51 |
«بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!». |
ولی بدانید که زمان نابودی بتهای بابِل هم فرا خواهد رسید. در سراسر این سرزمین نالهٔ مجروحین شنیده خواهد شد. | 52 |
شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى بويىدا يارىلىنىپ جان ھەلقۇمىدا ئىڭرىشىدۇ. |
حتی اگر بابِل میتوانست خود را تا به آسمان برافرازد و برج محکمی در آنجا بسازد، باز من غارتگران را به سراغ او میفرستادم تا نابودش کنند. من، خداوند، این را میگویم. | 53 |
بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«گوش کنید! از بابِل صدای گریه به گوش میرسد، صدای نابودی عظیم! | 54 |
بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدىن زور ھالاكەتنىڭ ساداسى كۆتۈرۈلىدۇ. |
زیرا من در حال ویران کردن بابِل هستم و صدای بلند آن را خاموش میکنم. لشکریان دشمن مانند خروش امواج دریا بر او هجوم میآورند | 55 |
چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى يوقىتىدۇ؛ سۇلارنىڭ دولقۇنلىرى ئۆركەشلەۋاتقان سۇلاردەك شارقىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى شاۋقۇنلاپ كېلىدۇ. |
تا غارتش نمایند و سربازانش را کشته، سلاحهایشان را بشکنند. من خدایی هستم که مجازات میکنم، بنابراین، بابِل را به سزای اعمالش خواهم رساند. | 56 |
چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پالۋانلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ــ قىساسلار ئالغۇچى تەڭرىدۇر؛ ئۇ يامانلىقنى ياندۇرماي قالمايدۇ. |
بزرگان، حکیمان، رهبران، فرماندهان و مردان جنگی او را مست خواهم ساخت تا به خواب ابدی فرو رفته، دیگر هرگز بیدار نشوند! این است کلام من که پادشاه جهان و خداوند لشکرهای آسمان هستم!» | 57 |
ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛ ئۇلار مەڭگۈگە ئۇخلايدۇ ۋە قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ ــ دەيدۇ پادىشاھ، ــ نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
خداوند لشکرهای آسمان میفرماید: «دیوارهای پهن بابِل با خاک یکسان شده، دروازههای بلندش خواهند سوخت. معمارهای ممالک گوناگون بیهوده زحمت کشیدهاند، چون ثمر کارشان با آتش از بین خواهد رفت.» | 58 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلنىڭ كەڭ سېپىللىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتى بىھۇدە بولىدۇ، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىرى پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ. |
در سال چهارم سلطنت صدقیا، پادشاه یهودا، این پیغام بر من نازل شد تا آن را به سرایا (پسر نیریا، نوهٔ محسیا) برسانم. سرایا، ملتزم صدقیا بود و قرار بود همراه او به بابِل برود. | 59 |
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان. |
تمام بلایایی را که خدا دربارهٔ بابِل فرموده بود، یعنی تمام مطالبی را که در بالا ذکر شده است، روی طوماری نوشتم، | 60 |
يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛ |
و آن را به سرایا داده، گفتم: «وقتی به بابِل رسیدی، هر چه نوشتهام بخوان و سپس چنین بگو:”ای خداوند، تو فرمودهای بابِل را چنان خراب خواهی کرد که هیچ موجود زندهای در آن یافت نشود و تا ابد ویران بماند.“ | 61 |
ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ |
62 |
«پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛ |
بعد از خواندن طومار، سنگی به آن ببند و آن را در رود فرات بینداز، | 63 |
شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت، |
و بگو:”بابِل نیز به همین شکل غرق خواهد شد و به سبب بلایی که بر سرش خواهد آمد، دیگر هرگز سر بلند نخواهد کرد.“» (پیغامهای ارمیا در اینجا پایان میپذیرد.) | 64 |
ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل [شۇ تاشقا] ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى. |