خداوند میفرماید: «اگر مردی زن خود را طلاق بدهد و زن از او جدا شده، همسر مردی دیگر شود، آن مرد دیگر او را به همسری نخواهد گرفت، چون چنین کاری سبب فساد آن سرزمین خواهد شد. ولی تو، هر چند مرا ترک کردی و به من خیانت ورزیدی، با وجود این از تو میخواهم که نزد من بازگردی. | 1 |
شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟ |
آیا در سراسر این سرزمین جایی پیدا میشود که با زنای خود، یعنی پرستش بتها، آن را آلوده نکرده باشی؟ مانند فاحشه، بر سر راه به انتظار فاسق مینشینی، درست مثل عرب بادیهنشین که در کمین رهگذر مینشیند. تو با کارهای شرمآور خود زمین را آلوده کردهای! | 2 |
بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن. |
برای همین است که نه رگبار میبارد و نه باران بهاری، چون تو مانند یک روسپی شرم و حیا را از خود دور کردهای. | 3 |
شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر. |
با این حال به من میگویی: ای پدر، از زمان کودکی تو مرا دوست داشتهای؛ پس تا ابد بر من خشمگین نخواهی ماند! این را میگویی و هر کار زشتی که از دستت برآید، انجام میدهی.» | 4 |
ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ |
5 |
«ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن. |
در زمان سلطنت یوشیای پادشاه، خداوند به من فرمود: «میبینی اسرائیل خیانتکار چه میکند؟ مثل یک زن هرزه که در هر فرصتی خود را در اختیار مردان دیگر قرار میدهد، اسرائیل هم روی هر تپه و زیر هر درخت سبز، بت میپرستد. | 6 |
يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى. |
من فکر میکردم روزی نزد من باز خواهد گشت و بار دیگر از آن من خواهد شد، اما چنین نشد. خواهر خیانت پیشهٔ او، یهودا هم یاغیگریهای دائمی اسرائیل را دید. | 7 |
ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛ |
با اینکه یهودا دید که من اسرائیل بیوفا را طلاق دادهام، نترسید و اینک او نیز مرا ترک کرده، تن به روسپیگری داده و به سوی بتپرستی رفته است. | 8 |
لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى. |
او با بیپروایی بتهای سنگی و چوبی را پرستیده، زمین را آلوده میسازد؛ با این حال این گناهان در نظر او بیاهمیت جلوه میکند. | 9 |
شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا ياغاچ ۋە تاش بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى. |
یهودا، این خواهر خیانتپیشه، هنگامی نیز که نزد من بازگشت، توبهاش ظاهری بود نه از صمیم قلب. | 10 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
در واقع گناه اسرائیل بیوفا سبکتر از گناه یهودای خائن است!» | 11 |
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى. |
همچنین خداوند به من گفت که بروم و به اسرائیل بگویم: «ای قوم گناهکار من، نزد من برگرد، چون من باگذشت و دلسوزم و تا ابد از تو خشمگین نمیمانم. | 12 |
بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ «قايتىپ كەل، ئى يولدىن چىققۇچى ئىسرائىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن ساڭا قاپىقىمنى قايتا تۈرمەيمەن؛ چۈنكى مەن رەھىمدىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ مەن غەزىپىمنى مەڭگۈگە ساقلاپ تۇرمايمەن. |
به گناهانت اقرار کن! بپذیر که نسبت به خداوند، خدای خود سرکش شدهای و با پرستش بتها در زیر هر درختی، مرتکب زنا گشتهای؛ اعتراف کن که نخواستی مرا پیروی کنی. | 13 |
پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا [مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن] ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
ای فرزندان خطاکار، به سوی من بازگردید، چون من سرور شما هستم و شما را در هر جا که باشید بار دیگر به صَهیون باز میگردانم | 14 |
قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ [سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا] مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. |
و رهبرانی بر شما میگمارم که مورد پسند من باشند تا از روی فهم و حکمت، شما را رهبری کنند!» | 15 |
مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. |
خداوند میفرماید: «وقتی بار دیگر سرزمین شما از جمعیت پر شود، دیگر حسرت دوران گذشته را نخواهید خورد، دورانی که صندوق عهد خداوند در اختیارتان بود؛ دیگر کسی از آن روزها یاد نخواهد کرد و صندوق عهد خداوند دوباره ساخته نخواهد شد. | 16 |
شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر. |
در آن زمان شهر اورشلیم به”محل سلطنت خداوند“مشهور خواهد شد و تمام قومها در آنجا به حضور خداوند خواهند آمد و دیگر سرکشی نخواهند نمود و به دنبال خواستههای ناپاکشان نخواهند رفت. | 17 |
شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. |
در آن هنگام اهالی یهودا و اسرائیل با هم از تبعید شمال بازگشته، به سرزمینی خواهند آمد که من به اجدادشان به ارث دادم. | 18 |
شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ. |
«مایل بودم در اینجا با فرزندانم ساکن شوم؛ در نظر داشتم این سرزمین حاصلخیز را که در دنیا بیهمتاست، به شما بدهم؛ انتظار داشتم مرا”پدر“صدا کنید و هیچ فکر نمیکردم که بار دیگر از من روی بگردانید؛ | 19 |
مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم. |
اما شما به من خیانت کردید و از من دور شده، به بتهای بیگانه دل بستید. شما مانند زن بیوفایی هستید که شوهرش را ترک کرده باشد.» | 20 |
لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
از کوهها صدای گریه و زاری شنیده میشود؛ این صدای گریۀ بنیاسرائیل است که از خدا روی گردانده و سرگردان شدهاند! | 21 |
يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان. |
ای فرزندان ناخلف و سرکش نزد خدا بازگردید تا شما را از بیایمانی شفا دهد. ایشان میگویند: «البته که میآییم، چون تو خداوند، خدای ما هستی. | 22 |
ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن. ــ «مانا، بىز يېنىڭغا بارىمىز؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ دەڭلار! |
ما از بتپرستی بر بالای تپهها و عیاشی بر روی کوهها خسته شدهایم؛ این کارها بیهوده است؛ بنیاسرائیل تنها در پناه خداوند، خدای ما میتواند نجات یابد. | 23 |
ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان [بۇتپەرەسلىكنىڭ] قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر. |
از کودکی با چشمان خود دیدیم که چگونه دسترنج پدرانمان، از گلهها و رمهها و پسران و دختران، در اثر بتپرستی شرمآورشان بلعیده شد! | 24 |
لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛ |
هم ما و هم پدرانمان از کودکی نسبت به خداوند، خدایمان گناه کردهایم و دستورهای او را پیروی ننمودهایم؛ پس بگذار در شرمساریمان غرق شویم! بگذار رسوایی، ما را فرا گیرد!» | 25 |
نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق. |