در اوایل سلطنت یهویاقیم (پسر یوشیا) پادشاه یهودا، این پیغام از طرف خداوند بر من نازل شد: | 1 |
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«در صحن خانهٔ خداوند بایست و سخنان مرا بدون کم و کاست به تمام کسانی که از نقاط مختلف سرزمین یهودا برای عبادت آمدهاند، اعلام نما. | 2 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! |
شاید گوش بدهند و از راههای بد خود بازگردند و من نیز از تمام مجازاتهایی که به سبب اعمال بدشان برای ایشان در نظر گرفتهام، چشمپوشی نمایم. | 3 |
ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. |
«این است سخنانی که باید به ایشان اعلام نمایی:”من خدمتگزارانم انبیا را همواره نزد شما فرستادهام، ولی شما به سخنان آنها گوش ندادهاید. حال اگر به نااطاعتی خود ادامه دهید و دستورهایی را که به شما دادهام، اجرا نکنید و به سخنان انبیا توجه ننمایید، | 4 |
سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، |
5 |
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، |
آنگاه همانطور که خیمهٔ عبادت را در شهر شیلوه از بین بردم، این خانهٔ عبادت را نیز از بین خواهم برد و اورشلیم مورد نفرین تمام قومهای جهان واقع خواهد شد.“» | 6 |
ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن». |
هنگامی که من پیغام خود را به گوش مردم رساندم و هر آنچه را که خداوند به من فرموده بود بازگو کردم، کاهنان و انبیای دروغین و مردم بر سر من ریختند و فریاد برآوردند: «تو باید کشته شوی! | 7 |
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. |
8 |
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! |
به چه حقی میگویی که خداوند این عبادتگاه را مانند خیمهٔ عبادت شیلوه خراب خواهد کرد و اورشلیم را ویران و متروک خواهد ساخت؟» در این هنگام مردم از هر طرف دور من جمع شده بودند. | 9 |
سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. |
وقتی بزرگان یهودا از جریان باخبر شدند، خود را به شتاب از کاخ سلطنتی به خانهٔ خداوند رساندند و بر جایگاه مخصوص خود، در محوطهٔ دروازهٔ جدید نشستند تا به این امر رسیدگی کنند. | 10 |
يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. |
آنگاه کاهنان و انبیای دروغین، ادعای خود را در حضور بزرگان و مردم عنوان کرده، گفتند: «شما به گوش خود شنیدهاید که این شخص، دربارهٔ این شهر چه پیشگوییهایی کرده و پی بردهاید که چه آدم خائنی است! بنابراین او باید اعدام شود.» | 11 |
كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى. |
من در دفاع از خود گفتم: «خداوند مرا فرستاده تا علیه این عبادتگاه و این شهر پیشگویی کنم؛ من هر چه گفتهام، همه از جانب خداوند بوده است. | 12 |
ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. |
ولی اگر شما روش زندگی و اعمال خود را اصلاح کنید و خداوند، خدای خود را اطاعت نمایید، او نیز مجازاتی را که برای شما در نظر گرفته است، اجرا نخواهد کرد. | 13 |
ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. |
و اما من، در اختیار شما هستم؛ هر طور که صلاح میدانید، با من رفتار کنید. | 14 |
لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ |
ولی اگر مرا بکشید، یقین بدانید که شخص بیگناهی را به قتل رساندهاید و خون من به گردن شما و این شهر و تمامی اهالی آن خواهد بود، زیرا براستی خداوند مرا نزد شما فرستاده تا این پیغام را به شما اعلام نمایم.» | 15 |
پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن». |
پس مردم و بزرگان قوم به کاهنان و انبیای دروغین گفتند: «این مرد را نمیتوان محکوم به مرگ کرد، چون به نام خداوند، خدای ما، با ما سخن گفته است.» | 16 |
ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. |
آنگاه چند نفر از مشایخ قوم برخاستند و به مردم گفتند: | 17 |
ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ |
«این تصمیم خوبی است! در گذشته نیز میکای مورشتی در زمان حِزِقیا، پادشاه یهودا، پیشگویی کرده، به مردم یهودا گفت:”خداوند لشکرهای آسمان چنین میفرماید: اورشلیم مانند مزرعهای که شخم زده میشود، زیر و رو و با خاک یکسان خواهد گردید و در محلی که خانهٔ خدا برپاست، جنگلی به وجود خواهد آمد!“ | 18 |
«مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى. |
آیا حِزِقیا پادشاه یهودا یا کسی دیگر در یهودا، نبی خدا را برای این سخنان کشتند؟ نه بلکه به کلام خداوند احترام گذاشتند و از آن اطاعت نمودند و به خداوند التماس کردند که به ایشان رحم کند؛ خداوند هم از مجازاتی که برای ایشان در نظر گرفته بود، چشمپوشی کرد. حال اگر ما ارمیا را به خاطر اعلام پیغام خدا بکشیم، خدا بلای عظیمی بر ما نازل خواهد کرد!» | 19 |
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز [بۇ يولدىن يانمىساق] ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». |
(نبی دیگری که در آن زمان مانند ارمیا، کلام خداوند را علیه اورشلیم و سرزمین یهودا اعلام میکرد، اوریا (پسر شمعیا) اهل قریهٔ یعاریم بود. | 20 |
(پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. |
وقتی سخنان او به گوش یهویاقیم پادشاه، و سرداران و بزرگان رسید، پادشاه فرستاد تا او را بکشند؛ ولی اوریا خبردار شد و به مصر گریخت. | 21 |
پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. |
یهویاقیم پادشاه نیز الناتان (پسر عکبور) را با چند نفر دیگر به مصر فرستاد تا اوریا را دستگیر کنند. | 22 |
لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ |
آنها او را گرفته پیش یهویاقیم پادشاه بازگرداندند. یهویاقیم دستور داد او را با شمشیر بکشند و جنازهاش را در قبرستان عمومی بیندازند.) | 23 |
ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). |
ولی اخیقام (پسر شافان) از من پشتیبانی کرد و نگذاشت بزرگان قوم مرا به دست مردم بسپارند تا کشته شوم. | 24 |
ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى. |