خداوند میفرماید: «ای قوم برگزیدهٔ من و ای خدمتگزار من اسرائیل، گوش کن. | 1 |
بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ |
من همان خداوندی هستم که تو را آفریدم و از بدو تولد یاور تو بودهام. ای اسرائیل، تو خدمتگزار من و قوم برگزیدهٔ من هستی، پس نترس. | 2 |
سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما! |
بر زمین تشنهات آب خواهم ریخت و مزرعههای خشک تو را سیراب خواهم کرد. روح خود را بر فرزندانت خواهم ریخت و ایشان را با برکات خود پر خواهم ساخت. | 3 |
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛ |
آنان مانند سبزههای آبیاری شده و درختان بید کنار رودخانه رشد و نمو خواهند کرد. | 4 |
ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛ |
هر یک از آنان لقب”اسرائیلی“را بر خود خواهد گرفت و بر دستهای خویش نام خداوند را خواهد نوشت و خواهد گفت:”من از آن خداوند هستم.“» | 5 |
بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. |
خداوند لشکرهای آسمان که پادشاه و حامی اسرائیل است چنین میفرماید: «من ابتدا و انتها هستم و غیر از من خدایی نیست. | 6 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. |
چه کسی میتواند کارهایی را که من کردهام انجام بدهد و یا آنچه را که در آینده رخ خواهد داد از اول تا آخر پیشگویی کند؟ | 7 |
قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن! |
ای قوم من نترسید، چون آنچه را که میبایست رخ دهد از اول به شما خبر دادم و شما شاهدان من هستید. آیا غیر از من خدای دیگری هست؟» نه! ما صخرهٔ دیگری و خدای دیگری را نمیشناسیم! | 8 |
قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. |
چه نادانند کسانی که بت میسازند و آن را خدای خود میدانند. آنها خود شاهدند که بت نه میبیند و نه میفهمد، بنابراین هیچ سودی به آنان نخواهد رساند. کسانی که بت میپرستند عاقبت نومید و شرمسار خواهند شد. | 9 |
ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر. |
کسی که با دستهای خود خدایش را بسازد چه کمکی میتواند از او انتظار داشته باشد؟ | 10 |
كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس! |
تمام بتپرستان همراه با کسانی که خود انسانند، ولی ادعا میکنند که خدا میسازند با سرافکندگی در حضور خدا خواهند ایستاد و ترسان و شرمسار خواهند شد. | 11 |
[مەبۇدنىڭ] بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ. |
آنها آهن را از کوره در میآورند و به نیروی بازوی خود آنقدر با پتک بر آن میکوبند تا ابزاری از آن بسازند. در حین کار گرسنه و تشنه و خسته میشوند. | 12 |
مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. |
سپس تکه چوبی برداشته، آن را اندازه میگیرند و با قلم نشان میگذارند و آن را با ابزاری که ساختهاند میتراشند و از آن بُتی به شکل انسان میسازند بُتی که حتی نمیتواند از جایش حرکت کند! | 13 |
ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ. |
برای تهیهٔ چوب از درختان سرو یا صنوبر یا بلوط استفاده میکنند، و یا درخت شمشاد در جنگل میکارند تا باران آن را نمو دهد. | 14 |
مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى). |
قسمتی از درخت را برای گرم کردن خود و پختن نان میسوزانند، و با باقیماندهٔ آن خدایی میسازند و در برابرش سجده میکنند. | 15 |
مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ. |
با قسمتی از چوب درخت غذا میپزند و با قسمت دیگر آتش درست میکنند و خود را گرم کرده، میگویند: «بهبه! چه گرم است!» | 16 |
دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. |
آنگاه با تکه چوبی که باقی مانده برای خود بُتی میسازند و در برابرش زانو زده، عبادت میکنند و نزد آن دعا کرده، میگویند: «تو خدای ما هستی، ما را نجات ده!» | 17 |
بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ. |
آنها فهم و شعور ندارند، زیرا چشم باطن خود را نسبت به حقیقت بستهاند. | 18 |
بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن. |
کسی که بت میسازد آنقدر شعور ندارد که بگوید: «قسمتی از چوب را سوزاندم تا گرم شوم و با آن نانم را پختم تا سیر شوم و گوشت را روی آن کباب کرده، خوردم، حال چگونه میتوانم با بقیهٔ همان چوب خدایی بسازم و آن را سجده کنم؟» | 19 |
ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر. |
کسی که چنین کاری میکند مانند آن است که به جای نان، خاکستر بخورد! او چنان اسیر افکار احمقانهٔ خود است که قادر نیست بفهمد که آنچه انسان با دستهای خود میسازد نمیتواند خدا باشد. | 20 |
ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ. |
خداوند میفرماید: «ای اسرائیل، به خاطر داشته باش که تو خدمتگزار من هستی. من تو را به وجود آوردهام و هرگز تو را فراموش نخواهم کرد. | 21 |
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن! |
گناهانت را محو کردهام؛ آنها مانند شبنم صبحگاهی، به هنگام ظهر ناپدید شدهاند! بازگرد، زیرا بهای آزادی تو را پرداختهام.» | 22 |
ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. |
ای آسمانها سرود بخوانید. ای اعماق زمین بانگ شادی برآورید! ای کوهها و جنگلها و ای تمام درختان، ترنم نمایید، زیرا خداوند بهای آزادی اسرائیل را پرداخته و با این کار عظمت خود را نشان داده است. | 23 |
ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». |
خداوند که آفریننده و حامی اسرائیل است میفرماید: «من خداوند هستم. همه چیز را من آفریدهام. من به تنهایی آسمانها را گسترانیدم و زمین و تمام موجودات آن را به وجود آوردم. | 24 |
«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ |
من همان کسی هستم که دروغ جادوگران را برملا میسازم و خلاف پیشگویی رمالان عمل میکنم؛ سخنان حکیمان را تکذیب کرده، حکمت آنان را به حماقت تبدیل میکنم. | 25 |
(ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛ |
«اما سخنگویان و رسولان من هر چه بگویند، همان را انجام میدهم. آنان گفتهاند که خرابههای اورشلیم بازسازی خواهد شد و شهرهای یهودا بار دیگر آباد خواهد شد. پس بدانید که مطابق گفتهٔ ایشان انجام خواهد شد. | 26 |
ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛ |
وقتی من به دریا میگویم خشک شود، خشک میشود. | 27 |
چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛ |
اکنون نیز دربارهٔ کوروش میگویم که او رهبری است که من برگزیدهام و خواست مرا انجام خواهد داد. او اورشلیم را بازسازی خواهد کرد و خانهٔ مرا دوباره بنیاد خواهد نهاد.» | 28 |
ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ |