در چهاردمین سال سلطنت حِزِقیا؛ سنحاریب، پادشاه آشور تمام شهرهای حصاردار یهودا را محاصره نموده، تسخیر کرد. | 1 |
ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. |
سپس لشکری را به سرپرستی فرماندهٔ قوای خود از لاکیش به اورشلیم نزد حِزِقیای پادشاه فرستاد. او بر سر راه مزرعهٔ رخت شورها نزد قنات برکهٔ بالا اردو زد. | 2 |
ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» [دېگەن سەردارنى] چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. |
اِلیاقیم (پسر حلقیا)، سرپرست امور دربار حِزِقیای پادشاه؛ شبنا، کاتب و یوآخ (پسر آساف)، وقایعنگار دربار نزد او رفتند. | 3 |
شۇنىڭ بىلەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى |
فرماندهٔ قوای آشور این پیغام را برای حِزِقیا فرستاد: «پادشاه بزرگ آشور میگوید که تو به چه کسی امید بستهای؟ | 4 |
ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ «سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىتى؟ سەن: (ئۇ پەقەت گەپلا، خالاس!) ــ «ئۇرۇش قىلىش تەدبىر-مەسلىھىتىمىز ھەم كۈچىمىز بار» ــ دەيسەن؛ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ |
تو که از تدابیر جنگی و قدرت نظامی برخوردار نیستی، بگو چه کسی تکیهگاه توست که اینچنین بر ضد من قیام کردهای؟ | 5 |
اگر به مصر تکیه میکنی، بدان که این عصای دست تو، نی ضعیفی است که طاقت وزن تو را ندارد و بهزودی میشکند و به دستت فرو میرود. هر که به پادشاه مصر امید ببندد عاقبتش همین است! | 6 |
مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! |
اگر شما بگویید به یهوه، خدای خود تکیه میکنیم، بدانید که او همان خدایی است که حِزِقیا تمام معبدهای او را که بر فراز تپهها بودند خراب کرده و دستور داده است که همهٔ مردم در برابر مذبح اورشلیم عبادت کنند. | 7 |
ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ [پەرۋەردىگارغا] ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ |
من از طرف آقایم، پادشاه آشور حاضرم با شما شرط ببندم. اگر بتوانید دو هزار اسب سوار پیدا کنید من دو هزار اسب به شما خواهم داد تا بر آنها سوار شوند! | 8 |
ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» |
حتی اگر مصر هم به شما اسب سوار بدهد باز به اندازهٔ یک افسر سادهٔ آقایم قدرت نخواهید داشت. | 9 |
سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى! |
آیا خیال میکنید من بدون دستور خداوند به اینجا آمدهام؟ نه! خداوند به من فرموده است تا به سرزمین شما هجوم آورم و نابودش کنم!» | 10 |
مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»» |
آنگاه اِلیاقیم، شبنا و یوآخ به او گفتند: «تمنا میکنیم به زبان ارامی صحبت کنید، زیرا ما آن را میفهمیم. به زبان عبری حرف نزنید، چون مردمی که بر بالای حصارند به حرفهای شما گوش میدهند.» | 11 |
ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى. |
ولی فرماندهٔ آشور جواب داد: «مگر سرورم مرا فرستاده است که فقط با شما و پادشاه صحبت کنم؟ مگر مرا نزد این مردمی که روی حصار جمع شدهاند نفرستاده است؟ آنها هم به سرنوشت شما محکومند تا از نجاست خود بخورند و از ادرار خود بنوشند!» | 12 |
بىراق راب-شاكەھ: ــ «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. |
آنگاه فرماندهٔ آشور با صدای بلند به زبان عبری به مردمی که روی حصار شهر بودند گفت: «به پیغام پادشاه بزرگ آشور گوش دهید: | 13 |
ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. |
نگذارید حِزِقیای پادشاه شما را فریب دهد. او هرگز نمیتواند شما را از چنگ من برهاند. | 14 |
«پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. |
او شما را وادار میکند به خدا توکل کنید و میگوید: خداوند بدون شک ما را خواهد رهانید و این شهر به دست پادشاه آشور نخواهد افتاد! | 15 |
ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!». |
«اما شما به حِزِقیای پادشاه گوش ندهید. پادشاه آشور میگوید که تسلیم شوید و در سرزمین خود با امنیت و آرامش زندگی کنید | 16 |
ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ |
تا زمانی که بیایم و شما را به سرزمینی دیگر ببرم که مانند سرزمین شما پر از نان و شراب، غله و عسل، و درختان انگور و زیتون است. اگر چنین کنید زنده خواهید ماند. | 17 |
تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! |
پس به حِزِقیا گوش ندهید، زیرا شما را فریب میدهد و میگوید که خداوند شما را خواهد رهانید. آیا تاکنون خدایان دیگر هرگز توانستهاند بندگان خود را از چنگ پادشاه آشور نجات دهند؟ | 18 |
ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ |
بر سر خدایان حمات، ارفاد و سفروایم چه آمد؟ آیا آنها توانستند سامره را نجات دهند؟ | 19 |
خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! |
کدام خدا هرگز توانسته است سرزمینی را از چنگ من نجات دهد؟ پس چه چیز سبب شده است فکر کنید که خداوندِ شما میتواند اورشلیم را نجات دهد؟» | 20 |
مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»». |
مردمی که روی حصار بودند سکوت کردند، زیرا پادشاه دستور داده بود که چیزی نگویند. | 21 |
ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». |
سپس اِلیاقیم، شبنا و یوآخ لباسهای خود را پاره کرده، نزد حِزِقیای پادشاه رفتند و آنچه را که فرماندهٔ قوای آشور گفته بود، به عرض او رساندند. | 22 |
ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. |