این است پیغام خدا دربارهٔ دمشق: «دمشق از بین خواهد رفت و تبدیل به ویرانه خواهد شد. | 1 |
دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ. |
شهرهای”عروعیر“متروک خواهند شد و گوسفندان در آنجا خواهند خوابید و کسی نخواهد بود که آنها را بترساند. | 2 |
ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ، قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ، ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ. |
اسرائیل قدرتش را از دست خواهد داد و دمشق سقوط خواهد کرد. بازماندگان سوریه مانند قوم اسرائیل خوار و ضعیف خواهند شد.» این را خداوند لشکرهای آسمان فرموده است. | 3 |
ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ، دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى، سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛ ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ. ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
خداوند میفرماید: «عظمت اسرائیل محو خواهد شد و ثروتش از بین خواهد رفت. | 4 |
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ، تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ. |
در آن روز، اسرائیل مانند کشتزارهای درهٔ رفائیم خواهد بود که پس از درو، چیزی در آن باقی نمیماند. | 5 |
ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، [قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ]؛ |
عدهٔ بسیار کمی از قوم اسرائیل باقی خواهند ماند، همانگونه که پس از چیدن زیتون دو سه دانه روی شاخههای بلند، و چهار پنج دانه نوک شاخههای کوچک باقی میماند.» این را یهوه، خدای اسرائیل فرموده است. | 6 |
ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق، زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن، ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە، كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار. |
در آن روز، مردم به سوی آفرینندهٔ خود که خدای قدوس اسرائیل است روی خواهند آورد، | 7 |
ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ، كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ. |
و دیگر به مذبحها و بتهایی که به دست خود ساختهاند، یعنی اشیریم و بتهای آفتاب، رو نخواهند نمود. | 8 |
ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا، ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ، نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ. |
در آن روز، شهرهای مستحکم ویران خواهند شد همچون شهرهای حویها و اموریها که ساکنانشان آنها را در حین فرار برای اسرائیلیها واگذاشتند. | 9 |
شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى، ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك، ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. |
ای اسرائیل، تو خدای نجاتدهندۀ خود و صخرهٔ مستحکم خویش را فراموش کردهای و درختان میکاری تا در زیر آنها بتها را بپرستی. | 10 |
چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ، كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛ شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن، |
ولی بدان که حتی اگر در همان روزی که درختان را میکاری آنها نمو کرده، شکوفه آورند، با وجود این محصولی نخواهند داد. در آن روز، آنچه نصیب شما میشود بلای کشنده و درد علاجناپذیر خواهد بود. | 11 |
ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن، تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن، ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس! |
قومهای جهان مثل دریا میخروشند و همچون طوفان غرش میکنند | 12 |
ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ. |
و مانند سیل یورش میآورند. اما خدا آنها را خاموش میکند و به عقب میراند. ایشان مانند کاه در برابر باد، و خاک در برابر گردباد هستند. | 13 |
ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ! |
در شب رعب و وحشت ایجاد میکنند، ولی پیش از فرا رسیدن صبح نابود میشوند. این سزای کسانی است که سرزمین ما را تاراج میکنند و به یغما میبرند. | 14 |
كەچتە ــ ۋەھىمە! تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق! مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى، بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر! |