< اشعیا 16 >

آوارگان موآب از شهر سالع که در صحراست، برای پادشاه یهودا بره‌ای به عنوان خراج می‌فرستند. 1
«ئەمدى [غەللە-پاراق] قوزىسىنى سېلا [رايوندىن] ئېلىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ زېمىنلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا، يەنى زىئون قىزىنىڭ تېغىغا ئەۋەتكىن!»
دختران موآب مانند پرندگان بی‌آشیانه، در کنارهٔ رود ارنون آواره شده‌اند. 2
ئۇۋىسىدىن چۇۋۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن قۇشلاردەك، موئاب قىزلىرى ئارنون دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىدە [ئالاقزادە] يۈرىدۇ.
از مردم یهودا کمک می‌خواهند و با التماس می‌گویند: «ما را زیر سایهٔ خود پناه دهید. از ما حمایت کنید. نگذارید به دست دشمن بیفتیم. 3
«پاراسەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار!»
اجازه دهید ما آوارگان در میان شما بمانیم. ما را از نظر دشمنانمان پنهان کنید!» (سرانجام ظالم نابود خواهد شد و ستمکار و تاراج کننده از بین خواهد رفت. 4
«[ئى زىئون قىزى]، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!».
آنگاه کسی از نسل داوود بر تخت پادشاهی خواهد نشست و با عدل و انصاف بر مردم حکومت خواهد کرد. حکومت او بر رحمت و راستی استوار خواهد بود.) 5
«[ئۆتۈنۈشۈڭلار توغرا]، چۈنكى ئەزگۈچى يوقىلىدۇ، ھالاكەت يوق بولىدۇ، ئەزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى زېمىندىن يوقىلىدۇ. ئۆزگەرمەس مېھىر-شەپقەت بىلەن بىر تەخت تىكلىنىدۇ؛ «داۋۇتنىڭ چېدىرى» ئىچىدىكى شۇ تەخت ئۈستىدە بىرسى ئولتۇرىدۇ. ئۇ بولسا، ھەقىقەتەن ئادالەت يۈرگۈزىدىغان، شۇنداقلا ئادالەتنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولىدۇ.
مردم یهودا می‌گویند: «ما دربارهٔ موآبی‌ها شنیده‌ایم. می‌دانیم چقدر متکبرند و به خود فخر می‌کنند، اما فخر آنها بی‌اساس است.» 6
ــ بىز موئابنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق (ئۇ ئىنتايىن ھاكاۋۇر!)، يەنى ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، نوچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاڭلىدۇق؛ بىراق ئۇنىڭ چوڭ گەپلىرى بىكار بولىدۇ!
مردم موآب برای سرزمین خود گریه می‌کنند؛ نان کشمشی قیرحارست را به یاد می‌آورند و آه می‌کشند. 7
شۇڭا موئاب موئاب ئۈچۈن زار يىغلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى زار-زار يىغلايدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈپ كىر-ھارەسەتنىڭ «كىشمىش پوشكاللىرى» ئۈچۈن زار-زار يىغلاڭلار!
مزرعه‌های حشبون و تاکستانهای سبمه از بین رفته‌اند؛ درختان انگور را فرماندهان سپاه دشمن بریده‌اند. زمانی شاخه‌های این درختان انگور تا به شهر یعزیز می‌رسید و از بیابان گذشته، تا دریای مرده امتداد می‌یافت. 8
ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى.
برای یعزیز و باغهای انگور سبمه گریه می‌کنم و ماتم می‌گیرم. اشکم چون سیل برای حشبون و العاله جاری می‌شود، زیرا میوه‌ها و محصولش تلف شده است. 9
شۇڭا مەن يائازەرنىڭ زار-يىغىسى بىلەن بىللە سىبماھنىڭ ئۈزۈم تېلى ئۈچۈن يىغلايمەن؛ ئى ھەشبون، ئېلېئالاھ، ئۆز كۆز ياشلىرىم بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمەن! چۈنكى يازلىق مېۋىلىرىڭگە، ھوسۇلۇڭ ئۈستىگە تەنتەنە بىر سادا ياڭرىتىلىدۇ.
شادی و خوشحالی برداشت محصول از بین رفته است؛ در باغهای انگور، دیگر نغمه‌های شاد به گوش نمی‌رسد؛ دیگر کسی انگور را در چرخشتها، زیر پا نمی‌فشرد؛ صدای شادمانی خاموش شده است. 10
خۇشاللىق مېۋىلىك باغلاردىن مەھرۇم قىلىنىپ، شادلىقمۇ يوق قىلىنىدۇ؛ ئۈزۈمزارلىقلاردا نە ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ، نە تەنتەنە قىلىنمايدۇ؛ دەسسىگۈچىلەر ئۈزۈم كۆلچەكلىرىنى چەيلىمەيدۇ. چۈنكى مەن ئۈزۈم كۆلچەكلىرىدىكى خۇشال ۋارقىراشلارنى توختاتتىم.
دل من مانند بربط برای موآب می‌نالد و برای قیرحارس آه می‌کشد. 11
شۇڭا ئىچ-باغرىلىرىم موئاب ئۈچۈن چالغان چىلتاردەك ئاغرىپ مۇڭلۇق ياڭرايدۇ، ئىچىم كىر-ھەرەسدىكىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق؛
اهالی موآب بی‌جهت به سوی بتخانه‌های خود بالا می‌روند تا دعا کنند؛ آنها بی‌جهت خود را خسته می‌کنند، زیرا دعایشان مستجاب نخواهد شد. 12
شۇنداق بولىدۇكى، موئاب ئۆزىنى ئۇپرىتىپ دۇئا قىلغىلى ئۆزىنىڭ «يۇقىرى ئورنى»غا چىقىپ كەلگەندە، ياكى دۇئا قىلغىلى «مۇقەددەس ئۆيى»گە كىرگەندە، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.
این بود پیغامی که خداوند از قبل دربارهٔ موآب فرموده بود. 13
مانا مۇشۇ سۆزلەرنى پەرۋەردىگار موئاب توغرۇلۇق بۇرۇن ئېيتقان.
اما اینک خداوند می‌فرماید: «درست پس از سه سال، شکوه و جلال موآب از بین خواهد رفت و از جماعت زیاد آن عدهٔ کمی باقی خواهند ماند و آنها نیز قوت خود را از دست خواهند داد.» 14
بىراق ھازىر پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۈچ يىل ئىچىدە مەدىكار ھېسابلىغاندەك، موئابنىڭ كۆپلىگەن قوشۇن-ئاھالىسى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ پەخىرلەنگەن شۆھرىتى يەكسان بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئىنتايىن ئاز ۋە ھالسىز بولىدۇ».

< اشعیا 16 >