این است پیغام خدا برای سرزمین موآب: شهرهای عار و قیرِ موآب در یک شب ویران میشوند. | 1 |
موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛ |
در دیبون قوم عزادار موآب به بتخانهها پناه میبرند تا برای شهرهای نبو و میدبا گریه کنند. همهٔ مردم موی سر و ریش خود را تراشیده، | 2 |
يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا [بارلىق] ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى. |
لباس عزا پوشیدهاند و در کوچهها راه میروند. از هر خانهای صدای شیون و زاری بلند است. | 3 |
كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ. |
صدای گریهٔ شهرهای حشبون و العاله تا یاهص نیز شنیده میشود. حتی جنگاوران موآب نیز ناله میکنند و از شدت ترس میلرزند. | 4 |
ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ. |
دلم برای موآب نالان است. مردم موآب به صوغر و عجلت شلشیا فرار میکنند؛ با گریه از گردنهٔ لوحیت بالا میروند؛ صدای نالهٔ ایشان در طول راه حورونایم به گوش میرسد. | 5 |
مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ. |
رودخانهٔ نمریم خشک شده است! علف سرسبز کنار رودخانهها پلاسیده و نهالها از بین رفتهاند. | 6 |
چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ. |
مردم اندوختهٔ خود را برمیدارند تا از راه درهٔ بیدها فرار کنند. | 7 |
شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛ |
شیون موآب در مرزهای آن طنین افکنده است و صدای زاری آن تا به اجلایم و بئرایلیم رسیده است. | 8 |
ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ. |
رودخانهٔ دیمون از خون سرخ شده است، ولی خدا باز هم اهالی دیمون را مجازات خواهد کرد. بازماندگان و فراریان موآب نیز جان به در نخواهند برد و طعمهٔ شیر خواهند شد. | 9 |
دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن. |