وای بر قاضیان بیانصاف که قوانین غیر عادله وضع میکنند تا حق فقیران و بیوهزنان و یتیمان قوم مرا پایمال کنند و اموالشان را به غارت ببرند و بر ایشان ظلم کنند. | 1 |
قەبىھلىك قانۇنلىرىنى تۈزگۈچىلەرگە، ئازابلىق پەرمان-ھۆكۈملەرنى يازغۇچىلارغا ۋاي! |
2 |
تۇل خوتۇنلارنى ئولجىمىز قىلايلى، يېتىم-يېسىرلارنى بۇلاپ-تالايلى دەپ، ئۇلار مىسكىنلەرگە ئادالەتنى بەرمەي، خەلقىمدىكى ئاجىز-بېچارىلەردىن ھوقۇقنى بۇلاپ كېتىدۇ. |
در روز بازخواست، وقتی خدا از سرزمین دور دست بر شما مصیبت بفرستد، چه خواهید کرد؟ به چه کسی پناه خواهید برد؟ گنجهایتان را کجا مخفی خواهید کرد؟ | 3 |
ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟ |
در آن روز هر چه دارید زیر پای اسیران و کشتهشدگان از بین خواهد رفت. با این حال، غضب خدا فروکش نخواهد کرد و دست او برای مجازات شما همچنان دراز خواهد بود. | 4 |
ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. |
خداوند میفرماید: «وای بر آشور که عصای خشم من است. من آشور را مانند چوب تنبیه به دست خواهم گرفت و برای مجازات آنانی که بر ایشان خشمناک هستم به کار خواهم برد. | 5 |
قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي! |
قوم آشور را بر ضد این قوم خدانشناس که مورد خشم من هستند خواهم فرستاد تا آنها را غارت کنند و مانند گل، زیر پاهای خود لگدمال نمایند.» | 6 |
مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، [خەلقىمنى] كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن. |
اما پادشاه آشور نمیداند که وسیلهای است در دست خدا. آرزوی دل او این است که اقوام بسیاری را نابود کند. | 7 |
بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر. |
میگوید: «سرداران من هر یک پادشاهی هستند! | 8 |
ئۇ: ــ «مېنىڭ سەردارلىرىمنىڭمۇ ھەممىسى پادىشاھلارغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ |
شهرهای کرکمیش و کلنو و حمات و ارفاد را تسخیر کردیم؛ سامره و دمشق نیز تسلیم ما شدند. | 9 |
كالنو شەھىرى كاركېمىش شەھىرىگە، خامات شەھىرى ئارپاد شەھىرىگە، سامارىيە شەھىرى دەمەشق شەھىرىگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ |
ممالکی را که بتهایشان بیش از بتهای اورشلیم و سامره بودند از بین بردیم. | 10 |
مەبۇدلىرى سامارىيەنىڭ ۋە يېرۇسالېمنىڭكىدىن ئۇلۇغ بولغىنى بىلەن، مېنىڭ قولۇم مۇشۇ مەبۇدقا تەۋە بولغان پادىشاھلىقلارغا ئىگە بولۇشقا يەتكۈدەك تۇرسا، |
ما سامره را با تمام بتهایش نابود کردیم و همین کار را نیز با اورشلیم و بتهایش خواهیم کرد.» | 11 |
سامارىيە ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى قانداق قىلغان بولسام، يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ مەبۇدلىرىنى ئوخشاشلا شۇنداق قىلمامدىمەن؟» ــ دەيدۇ. |
پس از آن که خداوند پادشاه آشور را برای مجازات کوه صهیون و اورشلیم به کار گرفت، آنگاه برمیگردد و پادشاه مغرور و متکبر آشور را نیز مجازات میکند. | 12 |
بىراق رەب زىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمدا پۈتكۈل جازا ئىشىنى پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: ــ «مەن ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىدىكى باشباشتاقلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى [ئۇنىڭغا چۈشۈرىمەن]، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كىبىرلىك نەزەرلىرىنى جازالايمەن» دەيدۇ. |
پادشاه آشور میگوید: «من به قدرت و حکمت و دانش خود در این جنگها پیروز شدهام. من به نیروی خود مرزهای ممالک را از میان برداشتم و پادشاهان را سرکوب کردم و گنجهایشان را به یغما بردم. | 13 |
چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛ |
ممالک دنیا را مانند آشیانهٔ پرندگان تکان دادم و ثروت آنان را که مثل تخمهای پرندگان به زمین میریخت جمع کردم بدون این که کسی جرأت کند بالی برایم تکان دهد و یا دهانش را باز کرده، جیکجیک کند.» | 14 |
مەن قولۇمنى بىر قۇش ئۇۋىسىغا ئۇزاتقاندەك ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىغا ئۇزاتتىم، بىرسى تاشلىۋېتىلگەن تۇخۇملارنى تەرگەندەك مەن پۈتكۈل دۇنيانى يىغقانمەن؛ ئۇلاردىن ھېچبىرىمۇ قاناتلىرىنى پالاقلاتمىدى، تۇمشۇقىنى ئاچمىدى، ياكى چۇك-چۇك قىلىپ ئاۋاز چىقارمىدى» ــ دەيدۇ. |
اما خداوند میفرماید: «آیا تبر به خود میبالد که قدرتش بیش از هیزم شکن است؟ آیا اره خود را بالاتر از کسی میداند که اره میکند؟ آیا عصا انسان را بلند میکند یا انسان عصا را؟» | 15 |
پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟! |
خداوند لشکرهای آسمان بر جنگاوران تنومند پادشاه آشور بلایی خواهد فرستاد تا آنها را ضعیف و نحیف کند و مانند آتش آنها را بسوزاند. | 16 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ. |
خدای پاک که نور اسرائیل است همچون شعلهٔ آتش در یک روز همه چیز را مانند خار و خس خواهد سوزاند. | 17 |
«ئىسرائىلنىڭ نۇرى»نىڭ ئۆزى ئوت، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى يالقۇن بولىدۇ، ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ جىغانلىرى ۋە تىكەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇتۇۋالىدۇ. |
جنگل و مزارع پهناور آنها از بین خواهد رفت درست مانند بیماری که جسم و جانش تباه میشود. | 18 |
ھەم ئۇنىڭ ئورمانزارلىق ۋە باغ-ئېتىزلىرىنىڭ شان-شەرىپىنى، جان ۋە تېنىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بەئەينى جۈدەپ كېتىۋاتقان كېسەل ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. |
درختان جنگل به قدری کم خواهد شد که یک کودک نیز خواهد توانست آنها را بشمارد. | 19 |
بۇنىڭ بىلەن ئورمانزارلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ قېپ قالغىنى شۇنچە ئاز بولىدۇكى، كىچىك بالا ئۇلارنى ساناپ خاتىرىلىيەلەيدۇ. |
زمانی فرا خواهد رسید که کسانی که در اسرائیل و یهودا باقی مانده باشند، دیگر تکیهگاهشان آشور نخواهد بود، بلکه از صمیم قلب بر خداوند که یگانه قدوس اسرائیل است توکل خواهند داشت. | 20 |
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىلنىڭ قالدى خەلقى، يەنى ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن قېچىپ قايتقانلار ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىغا ئىككىنچى تايانمايدۇ؛ بەلكى ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار، يەنى «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»غا تايىنىدۇ. |
تعداد کمی، یعنی باقی ماندگان یعقوب به سوی خدای قادر مطلق باز خواهند گشت. | 21 |
بەرھەق، بىر «قالدى» قايتىپ كېلىدۇ، يەنى ياقۇپنىڭ «قالدىسى» قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ. |
هر چند اکنون قوم اسرائیل مانند شنهای ساحل دریا بیشمارند، ولی در آن زمان عدهٔ کمی از ایشان باقی خواهند ماند و این عده به وطن باز خواهند گشت، زیرا مجازات عادلانهای که تعیین شده، اجرا خواهد شد. | 22 |
ئى ئىسرائىل، خەلقىڭ دېڭىزدىكى قۇمدەك كۆپ بولغىنى بىلەن، پەقەت بىر قالدىسى قايتىدۇ؛ [چۈنكى] ھەققانىيلىق بىلەن يۈرگۈزۈلگەن، بىر ھالاكەتنىڭ تېشىپ ئۈستۈڭلارغا چۈشۈشى بېكىتىلگەندۇر؛ |
خداوند، آن خداوند لشکرهای آسمان، بدون درنگ و با قطعیت تمام سرزمین ایشان را ویران خواهد کرد. | 23 |
چۈنكى بىر ھالاكەتنى ــ بېكىتىلگەن بىر ھالاكەتنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. |
خداوند، آن خداوند لشکرهای آسمان، میفرماید: «ای قوم من که در صهیون ساکنید، از آشوریان نترسید، حتی اگر مانند مصریان در قدیم بر شما ظلم کنند. | 24 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ « ــ ئى زىئون تېغىدا تۇرغان خەلقىم، ئاسۇرىيەدىن قورقما! ئۇ سېنى تاياق بىلەن ئۇرىدىغان، ۋە مىسىرلىقلاردەك ساڭا قاراپ ھاسىسىنى كۆتۈرىدىغان بولسىمۇ، |
زیرا پس از مدت کوتاهی از مجازات شما دست خواهم کشید و به هلاک کردن آنها خواهم پرداخت.» | 25 |
پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنلا، سىلەرگە قاراتقان مۇشۇ دەرغەزىپىم تۈگەپ، غەزىپىمنى ئۇلارغا ھالاكەت چۈشسۇن دەپ قارىتىمەن. |
خداوند لشکرهای آسمان ایشان را مجازات خواهد کرد همانگونه که مدیانیها را در کنار صخرهٔ غراب، و مصریها را در دریا هلاک کرد. | 26 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، ئۇلارغا قامچا بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالى «ئورەبنىڭ قورام تېشى»دا بولغان مىدىيان قىرغىنچىلىقىدەك ھالەتتە بولىدۇ؛ ئۇ ھاسىسىنى دېڭىزغا قارىتىپ، ئۇنى مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىدۇ؛ |
در آن روز خداوند به اسارت شما پایان خواهد داد و شما قوی خواهید شد و یوغ بندگی از گردن شما خواهد افتاد. | 27 |
ئاندىن شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ يۈكى مۈرەڭدىن، بويۇنتۇرۇقى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ مايلىرىڭ سەۋەبىدىن، بويۇنتۇرۇق سۇندۇرۇپ يوقىتىلىدۇ. |
سربازان دشمن به شهر عای رسیدهاند! از مغرون عبور کرده و ساز و برگ خود را در مکماش گذاشتهاند. | 28 |
مانا، ئۇلار ئاياتقا يېتىپ، مىگروندىن ئۆتكەن، مىخماشتا يۈك-تاقلىرىنى قويۇپ قويىدۇ؛ |
از گذرگاه گذشتهاند و میخواهند شب را در جبع به سر برند. اهالی شهر رامه هراسانند. تمام مردم جِبعه، شهر شائول، از ترس جان خود فرار میکنند. | 29 |
ئۇلار بوسۇغا-داۋاندىن ئۆتكەن، گېبادا قونۇپ قالىدۇ؛ راماھ تىترەپ كېتىدۇ؛ سائۇلنىڭ يۇرتى گىبېئاھدىكىلەر بولسا قېچىپ كەتكەن؛ |
ای مردم جلیم فریاد برآورید! ای اهالی لیشه و ای مردم بیچارهٔ عناتوت گوش دهید! | 30 |
ئى گاللىمنىڭ قىزى، پەريادىڭنى كۆتۈر! ھەي لائىش، ئاڭلاپ قوي! ئى بىچارە ئاناتوت! |
اهالی مدمینه و ساکنان جیبیم فراری شدهاند. | 31 |
مادمەناھ بولسا قاچتى؛ گېبىمدىكىلەر بەدەر قاچتى؛ |
امروز دشمن در نوب توقف میکند. او مشت خود را گره کرده و به طرف اورشلیم که بر کوه صهیون قرار دارد تکان میدهد. | 32 |
شۇ كۈن ئۆتمىگۈچە ئۇلار نوب دۆڭىدە توختاپ قالىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇ زىئون قىزىنىڭ تېغىغا، يەنى يېرۇسالېمدىكى دۆڭگە قاراپ مۇشتىنى ئوينىتىدۇ. |
اما همانگونه که هیزم شکن درختان جنگل لبنان را با ضربههای تبر قطع میکند، خداوند، آن خداوند لشکرهای آسمان، نیز آن درخت بزرگ را با یک ضربه قطع خواهد کرد، و شاخههای بلند و تنومند آن کنده شده به زمین خواهند افتاد. | 33 |
مانا، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار چوڭ شاخلارنى شىددەت بىلەن كېسىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئېگىز ئۆسكەنلەر كېسىپ يىقىتىلىدۇ؛ ھالى ئۈستۈنلەر پەسلەشتۈرۈلىدۇ. |
34 |
ئۇ تۆمۈر [قوراللار] بىلەن ئورمانلىقنىڭ باراقسان يەرلىرىنى كېسىپ قاقاسلىق قىلىۋېتىدۇ؛ لىۋان بولسا ئۇلۇغ بىرسى تەرىپىدىن يىقىتىلىدۇ. |