ای اسرائیل، مثل سایر قومها شادی نکن، چون به خدای خود خیانت ورزیده، مانند یک فاحشه خود را در ازای اجرتی فروختهای و در همۀ خرمنگاهها، بتها را پرستش کردهای. | 1 |
ئى ئىسرائىل، يات ئەل-يۇرتلاردەك خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭدىن چەتنەپ پاھىشىلىككە بېرىلدىڭ؛ ھەربىر خاماندا سەن پاھىشە ھەققىگە ئامراق بولۇپ كەتتىڭ. |
بنابراین غلهٔ تو کم خواهد شد و انگورهایت روی شاخهها فاسد خواهند گردید. | 2 |
خامان ۋە شاراب كۆلچىكى ئۇلارنى باقالمايدۇ؛ يېڭى شاراب ئۇنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ. |
ای قوم اسرائیل، شما دیگر در سرزمین خداوند زندگی نخواهید کرد. شما را به مصر و آشور خواهند برد و در آنجا ساکن شده، خوراکهای نجس خواهید خورد. | 3 |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ ئەفرائىم بەلكى مىسىرغا قايتىدۇ، ئۇلار ئاسۇرىيەدە ھارام تاماقنى يەيدۇ. |
در آن سرزمین غریب قادر نخواهید بود به منظور قربانی در راه خداوند شرابی بریزید؛ و هرگونه قربانیای که در آنجا تقدیم کنید او را خشنود نخواهد کرد. قربانیهای شما مثل خوراکی خواهد بود که در مراسم عزاداری خورده میشود؛ تمام کسانی که گوشت آن قربانیها را بخورند نجس خواهند شد. شما حق نخواهید داشت آن قربانیها را به خانهٔ خداوند بیاورید و به او تقدیم کنید، زیرا آنها قربانی محسوب نخواهند شد. | 4 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچ «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيمايدۇ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرى ئۇنىڭغا ھېچ خۇرسەنلىك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ نېنى ماتەم تۇتقۇچىلارنىڭ نېنىدەك بولىدۇ؛ ئۇنى يېگەن ھەركىم «ناپاك» بولىدۇ؛ بۇ نان ھەرگىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ. |
پس وقتی شما را به اسارت به آشور ببرند، در روزهای مقدّس و عیدهای خداوند چه خواهید کرد؟ اموال جا ماندهٔ شما را چه کسی به ارث خواهد برد؟ مصریها آنها را تصرف نموده، مردگان شما را جمعآوری خواهند کرد و در شهر ممفیس به خاک خواهند سپرد، و خار و خس در میان ویرانههایتان خواهد رویید. | 5 |
ئەمدى «جامائەتلەرنىڭ [ئىبادەت] سورۇنلىرى» كۈنىدە، «پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى» بولغان كۈنىدە قانداق قىلارسىلەر؟ |
6 |
چۈنكى مانا، ئۇلار ھەتتا ھالاكەتتىن قاچقان بولسىمۇ، مىسىر ئۇلارنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن مېمفىس شەھىرى ئۇلارنى كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قەدىرلىك كۈمۈش بۇيۇملىرىنى بولسا، چاققاقلار ئىگىلىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى يانتاق-تىكەنلەر باسىدۇ. |
زمان مجازات اسرائیل فرا رسیده و روز مکافات او نزدیک است. اسرائیل بهزودی این را خواهد فهمید. مردم اسرائیل دربارهٔ من میگویند: «این نبی احمق است.» آنها فاسد و گناهکارند و با بغض و کینه دربارهٔ کسانی که از روح خدا الهام میگیرند سخن میگویند و ایشان را دیوانه میخوانند. | 7 |
ئەمدى ھېسابلىشىش كۈنلىرى كەلدى، يامانلىق قايتۇرىدىغان كۈنلەر كەلدى؛ ئىسرائىل بۇنى بىلىپ يەتسۇن! سېنىڭ قەبىھلىكىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، زور نەپرىتىڭ بولغىنى تۈپەيلىدىن، پەيغەمبەر «ئەخمەق»، روھقا تەۋە بولغۇچى «ساراڭ» دەپ ھېسابلىنىدۇ. |
خدا مرا فرستاده است تا نگهبان قوم او باشم، ولی مردم اسرائیل در تمام راههایم دام میگذارند و در خانهٔ خداوند آشکارا نفرت خود را نسبت به من نشان میدهند. | 8 |
پەيغەمبەر بولسا ئەفرائىم ئۈستىگە خۇدايىم بىلەن بىللە تۇرغان كۆزەتچىدۇر؛ بىراق ئۇنىڭغا بارلىق يوللىرىدا قىلتاقلار قويۇلغان، خۇداسىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەپرەت ئۇنى كۈتمەكتە. |
این قوم مانند زمانی که در جِبعه بودند، در فساد غرق شدهاند. خدا این را فراموش نمیکند و بدون شک ایشان را به سزای اعمالشان خواهد رسانید. | 9 |
گىبېئاھنىڭ كۈنلىرىدىكىدەك ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭقۇر بۇلغىغان، ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. |
خداوند میگوید: «ای اسرائیل، در آن زمان، یافتن تو برای من مانند یافتن انگور در بیابان و دیدن نوبر انجیر در ابتدای موسمش، لذتبخش بود. ولی پس از آن تو مرا در شهر فغور به خاطر خدای بعل ترک کردی و خود را به خدایان دیگر سپردی؛ طولی نکشید که تو هم مثل آنها پلید و کثیف شدی. | 10 |
ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى. |
شکوه و جلال اسرائیل همچون پرندهای پرواز میکند و دور میشود، زیرا فرزندان او به هنگام تولد میمیرند یا سقط میشوند، و یا هرگز در رحم شکل نمیگیرند. | 11 |
ئەفرائىمنىڭ بولسا، شان-شەرىپى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ ــ خۇددى تۇغۇلۇش بولۇپ باقمىغاندەك، ھامىلە بولۇپ باقمىغاندەك، بويىدا ئاپىرىدە بولۇش بولۇپ باقمىغاندەك! |
اگر فرزندانش بزرگ هم بشوند، آنها را از او میگیرم. همهٔ قوم اسرائیل محکوم به فنا هستند. آری، روزی که از اسرائیل برگردم و او را تنها بگذارم روز غمانگیزی خواهد بود.» | 12 |
ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! |
اسرائیل را دیدم که مانند صور در چمنزاری زیبا غرس شده بود؛ اما اکنون فرزندانش را به کشتارگاه بیرون میبرد. | 13 |
مەن كۆرگىنىمدە، ئەفرائىمنىڭ ئەھۋالى چىمەنزاردا تىكلەنگەن بىر «تۇر شەھىرى»دەك ئىدى؛ بىراق ئەفرائىم بالىلىرىنى قەتل قىلغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدۇ. |
ای خداوند، برای قوم تو چه آرزویی بکنم؟ آرزوی رحمهایی را میکنم که نزایند و سینههایی که خشک شوند و نتوانند شیر بدهند. | 14 |
ئۇلارغا بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار ــ زادى نېمە بەرگىنىڭ تۈزۈك؟ ــ ئۇلارغا بالا چۈشۈپ كېتىدىغان بالىياتقۇ، قۇرۇق ئەمچەكلەرنى بەرگىن! |
خداوند میفرماید: «تمامی شرارت ایشان از جلجال شروع شد. در آنجا بود که از ایشان نفرت پیدا کردم. آنها را از سرزمین خودم به سبب بتپرستی بیرون میکنم. دیگر آنها را دوست نخواهم داشت، چون تمام رهبرانشان یاغی هستند. | 15 |
ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى گىلگالدىن تاپقىلى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇ يەردە ئۇلاردىن نەپرەتلەندىم؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى ئۆيۈمدىن ھەيدىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يەنە سۆيمەيمەن؛ ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسى تەرسالىق قىلىدۇ. |
اسرائیل محکوم به فناست. ریشهٔ اسرائیل خشکیده و دیگر ثمری نخواهد داد؛ اگر هم ثمری بدهد و فرزندانی بزاید، آنها را خواهم کشت.» | 16 |
ئەفرائىم ئەمدى ئۇرۇۋېتىلدى؛ ئۇلارنىڭ يىلتىزى قاغجىراپ كەتتى، ئۇلار ھېچ مېۋە بەرمەيدۇ؛ ھەتتا ئۇلار مېۋە بەرسىمۇ، بالىياتقۇسىنىڭ سۆيۈملۈك مېۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. |
خدای من قوم اسرائیل را ترک خواهد گفت، زیرا آنها گوش نمیدهند و اطاعت نمیکنند. ایشان در میان قومها آواره خواهند شد. | 17 |
مېنىڭ خۇدايىم ئۇلارنى چەتكە قاقتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا سەرسان بولىدۇ. |