< پیدایش 6 >

وقتی تعداد انسانها روی زمین زیاد می‌شد، و دختران برای ایشان متولد می‌شدند، 1
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا،
پسران خدا دیدند که دختران انسانها زیبا هستند، پس هر کدام را که پسندیدند، برای خود به زنی گرفتند. 2
خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى.
آنگاه خداوند فرمود: «روح من همیشه در انسان باقی نخواهد ماند، زیرا او موجودی است فانی و نفسانی. پس صد و بیست سال به او فرصت می‌دهم تا خود را اصلاح کند.» 3
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.
در آن روزها و نیز پس از آن، وقتی پسران خدا و دختران انسانها با هم وصلت نمودند، مردانی غول‌آسا از آنان به وجود آمدند. اینان دلاوران معروف دوران قدیم هستند. 4
شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى.
خداوند دید که شرارت انسان بر زمین چقدر زیاد شده است، و نیتهای دل او دائماً به بدی تمایل دارد. 5
پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.
پس خداوند از آفرینش انسان متأسف شد و در دل محزون گشت. 6
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى.
پس خداوند فرمود: «من نسل بشر را که آفریده‌ام از روی زمین محو می‌کنم. حتی چارپایان و خزندگان و پرندگان را نیز از بین می‌برم، زیرا از آفریدن آنها متأسف شدم.» 7
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى.
اما در این میان نوح مورد لطف خداوند قرار گرفت. 8
لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى.
این است تاریخچۀ نوح و خاندانش: نوح در میان مردمان زمان خویش مردی صالح بود و با خدا راه می‌رفت. 9
نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى.
نوح سه پسر داشت به نامهای سام، حام و یافث. 10
نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى.
در این زمان، گناه و ظلم بسیار زیاد شده بود و از نظر خدا به اوج خود رسیده بود. 11
پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى.
خدا شرارت بشر بر روی زمین را مشاهده کرد، زیرا همۀ مردم دنیا فاسد شده بودند. 12
خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى.
پس خدا به نوح فرمود: «تصمیم گرفته‌ام تمام این مردم را هلاک کنم، زیرا زمین را از شرارت پُر ساخته‌اند. من آنها را همراه زمین از بین می‌برم. 13
شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن.
«اما تو، ای نوح، با چوب درخت سرو یک کشتی بساز و در آن اتاقهایی درست کن، و درون و بیرونش را با قیر بپوشان. 14
ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا.
آن را طوری بساز که طولش ۳۰۰ ذراع، عرضش ۵۰ ذراع و ارتفاع آن ۳۰ ذراع باشد. 15
سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن.
یک ذراع پایینتر از سقف، پنجره‌ای برای روشنایی کشتی بساز. در داخل آن سه طبقه بنا کن و درِ ورودی کشتی را در پهلوی آن بگذار. 16
كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا.
«به‌زودی من سراسر زمین را با آب خواهم پوشانید تا هر موجود زنده‌ای که در آن هست، هلاک گردد. 17
چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ.
اما عهد خود را با تو استوار خواهم ساخت، و تو وارد کشتی خواهی شد؛ تو و پسرانت و زنت و زنان پسرانت، همراه تو. 18
لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار.
از تمام حیوانات، یک جفت نر و ماده با خود به داخل کشتی ببر، تا از خطر این طوفان در امان باشند. 19
ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛
جفتی از هر نوع پرنده، از هر نوع چارپا و از هر نوع خزنده نزد تو خواهند آمد تا آنها را زنده نگاه داری. 20
تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ.
همچنین خوراک کافی برای خود و برای تمام موجودات در کشتی ذخیره کن.» 21
ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.
نوح تمام اوامر خدا را انجام داد. 22
نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى.

< پیدایش 6 >

The World is Destroyed by Water
The World is Destroyed by Water