آنگاه یوسف خود را روی جسد پدرش انداخته، گریست و او را بوسید. | 1 |
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. |
سپس دستور داد تا جسد وی را مومیایی کنند. | 2 |
ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى. |
کار مومیایی کردن مرده چهل روز طول میکشید. پس از مومیایی کردن جسد یعقوب، مردمِ مصر مدت هفتاد روز برای او عزاداری کردند. | 3 |
بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. |
بعد از اتمام ایام عزاداری، یوسف نزد درباریان فرعون رفته، از ایشان خواست که از طرف وی به فرعون بگویند: | 4 |
ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇش كۈنلىرى ئۆتۈپ بولغاندا، يۈسۈپ پىرەۋننىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە: ــ مەن نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپقان بولسام، پىرەۋننىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىڭلاركى: ــ ئاتام ماڭا قەسەم قىلدۇرۇپ: «مانا مەن ئۆلىمەن؛ سەن مېنى مەن قانائان زېمىنىدا ئۆزۈم ئۈچۈن كولاپ قويغان گۆرگە دەپنە قىلغىن» دېگەنىدى. ئەمدى پىرەۋن ماڭا ئىجازەت بەرگەي، مەن بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ بولۇپ يېنىپ كەلسەم، ــ دېدى. |
«پدرم مرا قسم داده است که پس از مرگش جسد وی را به کنعان برده، در قبری که برای خود آماده کرده است دفن کنم. درخواست میکنم به من اجازه دهید بروم و پدرم را دفن کنم. پس از دفن پدرم مراجعت خواهم کرد.» | 5 |
فرعون موافقت کرد و به یوسف گفت: «برو و همانطوری که قول دادهای پدرت را دفن کن.» | 6 |
پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى. |
پس یوسف روانه شد تا پدرش را دفن کند. تمام مشاوران فرعون، بزرگان خاندان فرعون، و همۀ بزرگان سرزمین مصر همراه وی رفتند. | 7 |
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. |
یوسف همچنین همۀ اهل خانۀ خود و برادرانش و اهل خانۀ پدرش را نیز با خود برد. اما بچهها و گلهها و رمههایشان در جوشن ماندند. | 8 |
يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى. |
ارابهها و سواران نیز آنها را همراهی میکردند. به این ترتیب گروه عظیمی راهی کنعان شد. | 9 |
ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى. |
وقتی که به خرمنگاه اطاد در آن طرف رود اردن رسیدند، با صدای بلند گریستند و به نوحهگری پرداختند و یوسف برای پدرش هفت روز ماتم گرفت. | 10 |
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. |
کنعانیهای ساکن اطاد چون این سوگواری را دیدند آن محل را آبِل مِصرایِم نامیدند و گفتند: «اینجا مکانی است که مصریها ماتمی عظیم گرفتند.» | 11 |
شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر. |
بدین ترتیب، پسران یعقوب همانطور که او به ایشان وصیت کرده بود، عمل کردند: | 12 |
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ |
بدن او را به سرزمین کنعان برده، در غاری دفن کردند که در زمین مکفیله در نزدیکی ممری بود و ابراهیم آن را با مزرعهاش از عفرون حیتّی خریده بود تا مقبرۀ خانوادگیاش باشد. | 13 |
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. |
یوسف پس از دفن پدرش، با برادران و همهٔ کسانی که همراه او رفته بودند به مصر بازگشت. | 14 |
يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى. |
وقتی برادران یوسف دیدند که پدرشان مرده است، به یکدیگر گفتند: «حالا یوسف انتقام همهٔ بدیهایی را که به او روا داشتیم از ما خواهد گرفت.» | 15 |
لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى. |
پس این پیغام را برای یوسف فرستادند: «پدرت قبل از این که بمیرد چنین وصیت کرد: | 16 |
ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ |
”به یوسف بگویید: از تو تمنا دارم از سر تقصیر برادرانت بگذری و گناهشان را ببخشی، زیرا که به تو بدی کردهاند.“حال ما، بندگان خدای پدرت، التماس میکنیم که ما را ببخشی.» وقتی که یوسف این پیغام را شنید گریست. | 17 |
«سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى. |
آنگاه برادرانش آمده، به پای او افتادند و گفتند: «ما غلامان تو هستیم.» | 18 |
ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى. |
اما یوسف به ایشان گفت: «از من نترسید. مگر من خدا هستم؟ | 19 |
لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟ |
هر چند شما به من بدی کردید، اما خدا عمل بد شما را برای من به نیکی مبدل نمود و چنانکه میبینید مرا به این مقام رسانیده است تا افراد بیشماری را از مرگِ ناشی از گرسنگی نجات دهم. | 20 |
سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى. |
پس نترسید. من از شما و خانوادههای شما مواظبت خواهم کرد.» او با آنها به مهربانی سخن گفت و خیال آنها آسوده شد. | 21 |
شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى. |
یوسف و برادرانش و خانوادههای آنها مثل سابق به زندگی خود در مصر ادامه دادند. یوسف صد و ده سال زندگی کرد. | 22 |
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. |
او توانست سومین نسل فرزندانِ افرایم را ببیند، و نیز شاهد تولد فرزندان ماخیر، پسر منسی که فرزندان یوسف محسوب میشدند، باشد. | 23 |
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى. |
یوسف به برادران خود گفت: «من بهزودی میمیرم، ولی بدون شک خدا شما را از مصر به کنعان، سرزمینی که وعدهٔ آن را به نسل ابراهیم و اسحاق و یعقوب داده است، خواهد برد.» | 24 |
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. |
سپس یوسف برادرانش را قسم داده، گفت: «هنگامی که خدا شما را به کنعان میبرد، استخوانهای مرا نیز با خود ببرید.» | 25 |
ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى. |
یوسف در سن صد و ده سالگی در مصر درگذشت و جسد او را مومیایی کرده در تابوتی قرار دادند. | 26 |
يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى. |