دو سال بعد از این واقعه، شبی فرعون خواب دید که کنار رود نیل ایستاده است. | 1 |
توپتوغرا ئىككى يىل ئۆتۈپ، پىرەۋن بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ [نىل] دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرغۇدەك. |
ناگاه هفت گاو چاق و فربه از رودخانه بیرون آمده، شروع به چریدن کردند. | 2 |
ھەم چىرايلىق ھەم سېمىز يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپ، قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇدەك. |
سپس هفت گاو دیگر از رودخانه بیرون آمدند و کنار آن هفت گاو ایستادند، ولی اینها بسیار لاغر و استخوانی بودند. | 3 |
ئاندىن يەنە يەتتە تۇياق ئىنەك دەريادىن چىقىپتۇ؛ ئۇلار سەت ھەم ئورۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىنەكلەرنىڭ يېنىدا، دەريانىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. |
سپس گاوهای لاغر، گاوهای چاق را بلعیدند. آنگاه فرعون از خواب پرید. | 4 |
بۇ سەت ھەم ئورۇق ئىنەكلەر ئۇ يەتتە چىرايلىق ھەم سېمىز ئىنەكلەرنى يەۋېتىپتۇ. شۇ ۋاقىتتا پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. |
او باز خوابش برد و خوابی دیگر دید. این بار دید که هفت خوشهٔ گندم روی یک ساقه قرار دارند که همگی پُر از دانههای گندم رسیده هستند. | 5 |
ئۇ يەنە ئۇخلاپ، ئىككىنچى قېتىم چۈش كۆردى: ــ مانا، بىر تۈپ بۇغداي شېخىدىن توق ۋە چىرايلىق يەتتە باشاق چىقىپتۇ. |
سپس هفت خوشهٔ نازک دیگر که باد شرقی آنها را خشکانیده بود، ظاهر شدند. | 6 |
ئۇلاردىن كېيىن يەنە يەتتە باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار ھەم ئورۇق ۋە پۇچەك بولۇپ، شەرق شامىلىدا سولىشىپ قالغانىدى. |
خوشههای نازک و خشکیده، خوشههای پُر و رسیده را بلعیدند. آنگاه فرعون از خواب بیدار شد و فهمید که همه را در خواب دیده است. | 7 |
بۇ ئورۇق باشاقلار ئۇ يەتتە سېمىز، توق باشاقنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن پىرەۋن ئويغىنىپ كېتىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. |
صبح روز بعد، فرعون که فکرش مغشوش بود، تمام جادوگران و دانشمندان مصر را احضار نمود و خوابهایش را برای ایشان تعریف کرد، ولی کسی قادر به تعبیر خوابهای او نبود. | 8 |
ئەتىسى ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ، مىسىردىكى ھەممە پالچى-جادۇگەرلەر بىلەن بارلىق دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. پىرەۋن ئۆز چۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى؛ لېكىن ھېچكىم پىرەۋنگە چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى دەپ بېرەلمىدى. |
آنگاه رئیس ساقیان پیش آمده، به فرعون گفت: «الان یادم آمد که چه خطای بزرگی مرتکب شدهام. | 9 |
ئۇ چاغدا باش ساقىي پىرەۋنگە: ــ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى. |
مدتی پیش، وقتی که بر غلامان خود غضب نمودی و مرا با رئیس نانوایان به زندانِ رئیس نگهبانانِ دربار انداختی، | 10 |
بۇرۇن پىرەۋن جانابلىرى قۇللىرىغا، يەنى پېقىر ۋە باش ناۋايغا ئاچچىقلىنىپ، بىزنى پاسىبان بېشىنىڭ سارىيىدا سولاققا تاشلىغانىدىلا؛ |
هر دو ما در یک شب خواب دیدیم و خواب هر یک از ما تعبیر خاص خود داشت. | 11 |
شۇ چاغلاردا ھەربىرىمىز بىر كېچىدە بىردىن چۈش كۆردۇق؛ ھەر قايسىمىز كۆرگەن چۈشنىڭ تەبىرى باشقا-باشقا ئىدى. |
ما خوابهایمان را برای جوانی عبرانی که غلامِ رئیس نگهبانان دربار و با ما همزندان بود، تعریف کردیم و او خوابهایمان را برای ما تعبیر کرد؛ | 12 |
شۇ يەردە بىز بىلەن بىللە پاسىبان بېشىنىڭ قۇلى بولغان بىر ئىبرانىي يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭغا چۈشلىرىمىزنى ئېيتىۋىدۇق، ئۇ بىزگە چۈشلىرىمىزنىڭ تەبىرىنى بايان قىلدى؛ ئۇ ھەربىرىمىزنىڭ كۆرگەن چۈشىگە قاراپ تەبىر بەرگەنىدى. |
و هر آنچه که گفته بود اتفاق افتاد. من به خدمت خود برگشتم و رئیس نانوایان به دار آویخته شد.» | 13 |
شۇنداق بولدىكى، ئىشلار دەل ئۇنىڭ بەرگەن تەبىرىدە دېيىلگەندەك يۈز بەردى؛ جانابلىرى پېقىرنى ئۆز مەنسىپىمگە قايتىدىن تەيىنلىدىلە، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا، ــ دېدى. |
آنگاه فرعون فرستاد تا یوسف را بیاورند، پس با عجله وی را از زندان بیرون آوردند. او سر و صورتش را اصلاح نمود و لباسهایش را عوض کرد و به حضور فرعون رفت. | 14 |
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ، يۈسۈپنى چاقىردى؛ ئۇلار دەرھال ئۇنى زىنداندىن چىقاردى. يۈسۈپ بۇرۇت-ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىردى. |
فرعون به او گفت: «من دیشب خوابی دیدم و کسی نمیتواند آن را برای من تعبیر کند. شنیدهام که تو میتوانی خوابها را تعبیر کنی.» | 15 |
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مەن بىر چۈش كۆردۈم، ئەمما ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمىدى. ئاڭلىسام، سەن چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، ــ دېدى. |
یوسف گفت: «من خودم قادر نیستم خوابها را تعبیر کنم، اما خدا معنی خوابت را به تو خواهد گفت.» | 16 |
يۈسۈپ پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ تەبىر بېرىش ئۆزۈمدىن ئەمەس؛ لېكىن خۇدا پىرەۋنگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىر جاۋاب بېرىدۇ، ــ دېدى. |
پس فرعون خوابش را برای یوسف اینطور تعریف کرد: «در خواب دیدم کنار رود نیل ایستادهام. | 17 |
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ چۈشۈمدە مەن دەريانىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپتىمەن. |
ناگهان هفت گاو چاق و فربه از رودخانه بیرون آمده، مشغول چریدن شدند. | 18 |
قارىسام، دەريادىن ھەم سېمىز ھەم چىرايلىق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپ قۇمۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. |
سپس هفت گاو دیگر را دیدم که از رودخانه بیرون آمدند، ولی این هفت گاو بسیار لاغر و زشت و استخوانی بودند. هرگز در تمام سرزمین مصر، گاوهایی به این زشتی ندیده بودم. | 19 |
ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن ئاجىز، تولىمۇ سەت ھەم ئورۇق يەتتە تۇياق ئىنەك چىقىپتۇ. مەن مىسىر زېمىنىدا شۇنداق سەت ئىنەكلەرنى كۆرگەن ئەمەسمەن. |
این گاوهای لاغر آن هفت گاو چاقی را که اول بیرون آمده بودند، بلعیدند. | 20 |
بۇ ئورۇق، ئەسكى ئىنەكلەر بولسا ئاۋۋالقى يەتتە سېمىز ئىنەكنى يەۋېتىپتۇ. |
پس از بلعیدن، هنوز هم گاوها لاغر و استخوانی بودند. در این موقع از خواب بیدار شدم. | 21 |
ئۇلارنى يەۋەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىغا بىر نېمىنىڭ كىرگەنلىكى ھېچ ئايان بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەلكى بۇرۇنقىدەك سەت ئىمىش. ئاندىن مەن ئويغىنىپ كەتتىم. |
کمی بعد باز به خواب رفتم. این بار در خواب هفت خوشهٔ گندم روی یک ساقه دیدم که همگی پر از دانههای رسیده بودند. | 22 |
ئاندىن يەنە بىر چۈش كۆردۇم، مانا بىر شاختىن يەتتە ھەم توق ھەم چىرايلىق باشاق چىقىپتۇ. |
اندکی بعد، هفت خوشه که باد شرقی آنها را خشکانیده بود، نمایان شدند. | 23 |
ئاندىن يەنە يەتتە پۇچەك، ئورۇق باشاق چىقىپتۇ؛ ئۇلار شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. |
ناگهان خوشههای نازک خوشههای پُر و رسیده را خوردند. همهٔ اینها را برای جادوگران خود تعریف کردم، ولی هیچکدام از آنها نتوانستند تعبیر آنها را برای من بگویند.» | 24 |
بۇ ئورۇق باشاقلار يەتتە چىرايلىق باشاقنى يەپ كېتىپتۇ. مەن بۇ ئىشنى پالچى-جادۇگەرلەرگە دەپ بەرسەم، ماڭا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان ھېچ كىشى چىقمىدى، دېدى. |
یوسف به فرعون گفت: «معنی هر دو خواب یکی است. خدا تو را از آنچه که در سرزمین مصر انجام خواهد داد، آگاه ساخته است. | 25 |
يۈسۈپ پىرەۋنگە: ــ [جانابلىرى] پىرەۋننىڭ چۈشلىرى بىر مەنىدىدۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى پىرەۋنگە ئالدىن بىلدۈردى. |
هفت گاو چاق و فربه و هفت خوشهٔ پُر و رسیده که اول ظاهر شدند، نشانهٔ هفت سالِ فراوانی است. | 26 |
بۇ يەتتە ياخشى ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ يەتتە ياخشى باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشلەر ئوخشاش بىر چۈشتۇر. |
هفت گاو لاغر و استخوانی و هفت خوشهٔ نازک و پژمرده، نشانهٔ هفت سال قحطی شدید است که به دنبال هفت سال فراوانی خواهد آمد. | 27 |
ئۇلاردىن كېيىن چىققان يەتتە ئورۇق، يامان سەت ئىنەك يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرق شامىلى بىلەن سولىشىپ قالغان يەتتە قۇرۇق باشاقمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاچارچىلىق بولىدىغان يەتتە يىلدۇر. |
همانطور که به فرعون گفتم، خدا آنچه را که میخواهد بهزودی در این سرزمین انجام دهد، به فرعون آشکار ساخته است. | 28 |
مەن پىرەۋنگە دەيدىغان سۆزۈم شۇكى، خۇدا يېقىندا قىلماقچى بولغان ئىشنى پىرەۋنگە ئايان قىلدى. |
طی هفت سال آینده در سراسر سرزمین مصر محصول، بسیار فراوان خواهد بود. | 29 |
مانا، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا يەتتە يىلغىچە مەمۇرچىلىق بولىدۇ؛ |
اما پس از آن، هفت سال قحطی پدید خواهد آمد، و همۀ آن فراوانی در سرزمین مصر فراموش خواهد شد و قحطی این سرزمین را تباه خواهد کرد. | 30 |
ئاندىن يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا پۈتكۈل مەمۇرچىلىقنى ئۇنۇتقۇزىدىغان ئاچارچىلىق زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ. |
این قحطی چنان سخت خواهد بود که سالهای فراوانی از خاطرهها محو خواهد شد. | 31 |
كېلىدىغان ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبىدىن زېمىندا بولغان مەمۇرچىلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئاچارچىلىق تولىمۇ ئېغىر بولىدۇ. |
خوابهای دوگانه تو نشانهٔ این است که آنچه برایت شرح دادم، بهزودی به وقوع خواهد پیوست، زیرا از جانب خدا مقرر شده است. | 32 |
لېكىن چۈشنىڭ ياندۇرۇلۇپ، پىرەۋنگە ئىككى قېتىم كۆرۈنگىنىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ ئىش خۇدا تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، خۇدا ئۇنى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. |
من پیشنهاد میکنم که فرعون مردی دانا و حکیم بیابد و او را بر ادارهٔ امور کشاورزی این سرزمین بگمارد. | 33 |
ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن. |
سپس فرعون باید مأمورانی مقرر کند تا در هفت سال فراوانی، یک پنجم محصولات مصر را ذخیره کنند. | 34 |
پىرەۋن شۇنداق قىلسۇنكى، مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىلدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنىڭ بەشتىن بىرىنى توپلاڭلار دەپ زېمىنغا نازارەتچىلەرنى تەيىنلىسۇن. |
و همۀ آذوقۀ این سالهای خوب را که در پیش است، جمع کرده، به انبارهای سلطنتی ببرند. | 35 |
بۇلار شۇ كېلىدىغان توقچىلىق يىللىرىدا بارلىق ئاشلىقنى توپلاپ، شەھەر-شەھەرلەردە يېمەكلىك بولسۇن دەپ بۇغداي-قوناقلارنى پىرەۋننىڭ قول ئاستىغا جەم قىلىپ ساقلىتىپ قويسۇن. |
بدین ترتیب، در هفت سال قحطی بعد از آن، با کمبود خوراک مواجه نخواهید شد. در غیر این صورت، سرزمین شما در اثر قحطی از بین خواهد رفت.» | 36 |
[يىغىلغان] شۇ ئاشلىقلار مىسىر زېمىنىدا بولىدىغان يەتتە يىللىق ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساقلانسۇن؛ شۇ تەرىقىدە زېمىن ئاچارچىلىقتىن ھالاك بولمايدۇ، ــ دېدى. |
فرعون و همۀ افرادش پیشنهاد یوسف را پسندیدند. | 37 |
بۇ سۆز پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ نەزىرىگە تازا ياقتى. |
سپس فرعون گفت: «چه کسی بهتر از یوسف میتواند از عهده این کار برآید، مردی که روح خدا در اوست.» | 38 |
شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. |
سپس فرعون رو به یوسف نموده، گفت: «چون خدا تعبیر خوابها را به تو آشکار کرده است، پس داناترین و حکیمترین شخص تو هستی. | 39 |
پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ خۇدا ساڭا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلغانىكەن، سەندەك پەملىك ھەم دانا ھېچكىم چىقمايدۇ. |
هم اکنون تو را بر کاخ خود میگمارم، و تمامی قوم من مطیع فرمان تو خواهند بود. فقط بر تخت سلطنت از تو بالاتر خواهم بود.» | 40 |
سەن ئەمدى مېنىڭ ئۆيۈمنى باشقۇرۇشقا بېكىتىلدىڭ، بارلىق خەلقىم سېنىڭ ئاغزىڭغا قاراپ ئۆزلىرىنى تەرتىپكە تىزسۇن. پەقەت تەختتىلا مەن سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن، ــ دېدى. |
سپس فرعون به یوسف گفت: «تو را بر سراسر سرزمین مصر میگمارم.» | 41 |
ئاخىرىدا پىرەۋن يۈسۈپكە: ــ مانا، مەن سېنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە تەيىنلىدىم، ــ دېدى. |
آنگاه فرعون انگشتری سلطنتی خود را از دستش بیرون آورده، آن را به انگشت یوسف کرد و لباس فاخری بر او پوشانیده، زنجیر طلا به گردنش آویخت، | 42 |
بۇنىڭ بىلەن، پىرەۋن ئۆز قولىدىن مۆھۈر ئۈزۈكىنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى؛ ئۇنىڭغا نەپىس كاناپ رەختتىن تىكىلگەن لىباسنى كىيگۈزۈپ، بوينىغا بىر ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. |
و او را سوار دومین ارابهٔ سلطنتی خود کرد. او هر جا میرفت جلوی او جار میزدند: «زانو بزنید!» بدین ترتیب یوسف بر تمامی امور مصر گماشته شد. | 43 |
ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. |
فرعون به یوسف گفت: «من فرعون هستم، ولی بدون اجازۀ تو هیچکس در سراسر سرزمین مصر حق ندارد حتی دست یا پای خود را دراز کند.» | 44 |
ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى. |
فرعون به یوسف، نام مصری صَفِنات فَعنیح را داد و اَسِنات دختر فوطی فارع، کاهن اون را به عقد وی درآورد. و یوسف در سراسر کشور مصر مشهور گردید. | 45 |
پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. |
یوسف سی ساله بود که فرعون او را به خدمت گماشت. او دربار فرعون را ترک گفت تا به امور سراسر کشور رسیدگی کند. | 46 |
طی هفت سالِ فراوانی محصول، غله در همه جا بسیار فراوان بود. | 47 |
مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئىچىدە زېمىننىڭ ھوسۇلى دۆۋە-دۆۋە بولدى. |
در این سالها یوسف محصولات مزارع را در شهرهای اطراف ذخیره نمود. | 48 |
يەتتە يىلدا ئۇ مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئاشلىقنى يىغىپ، شەھەر-شەھەرگە توپلىدى؛ ھەرقايسى شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقنىڭ ئاشلىقىنى ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە جۇغلاپ قويدى. |
یوسف غلۀ بسیار زیاد همچون ریگ دریا، ذخیره کرد، به طوری که حساب از دستش در رفت، زیرا که دیگر نمیشد آنها را حساب کرد. | 49 |
شۇ تەرىقىدە يۈسۈپ دېڭىزدىكى قۇمدەك ناھايىتى كۆپ ئاشلىق توپلىدى؛ ئاشلىق ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇلار ھېسابلاشنى توختاتتى. |
قبل از پدید آمدن قحطی، یوسف از همسرش اسنات، دختر فوطی فارع، کاهن اون صاحب دو پسر شد. | 50 |
ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. |
یوسف پسر بزرگ خود را منسی نامید و گفت: «با تولد این پسر خدا به من کمک کرد تا تمامی خاطرهٔ تلخ جوانی و دوری از خانهٔ پدر را فراموش کنم.» | 51 |
يۈسۈپ: «خۇدا پۈتۈن جاپا-مۇشەققىتىم ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ تۇنجى ئوغلىغا ماناسسەھ دەپ ئات قويدى؛ |
او دومین پسر خود را اِفرایم نامید و گفت: «خدا مرا در سرزمینِ سختیهایم، پرثمر گردانیده است.» | 52 |
ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. |
سرانجام هفت سالِ فراوانی به پایان رسید | 53 |
مىسىر زېمىنىدا مەمۇرچىلىق بولغان يەتتە يىل ئاياغلاشتى. |
و همانطور که یوسف گفته بود، هفت سالِ قحطی شروع شد. در کشورهای همسایهٔ مصر قحطی بود، اما در انبارهای مصر غلهٔ فراوان یافت میشد. | 54 |
ئاندىن يۈسۈپنىڭ ئېيتقىنىدەك ئاچارچىلىقنىڭ يەتتە يىلى باشلاندى. ئۇ چاغلاردا باشقا بارلىق يۇرتلاردىمۇ ئاچارچىلىق بولدى؛ لېكىن مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەرلەردە نان بار ئىدى. |
گرسنگی بر اثر کمبود غذا آغاز شد و مردمِ مصر برای طلب کمک نزد فرعون رفتند و فرعون نیز آنها را نزد یوسف فرستاده، گفت: «بروید و آنچه یوسف به شما میگوید انجام دهید.» | 55 |
ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر زېمىننى باسقاندا، خەلق ئاشلىق سوراپ پىرەۋنگە پەرياد قىلدى. پىرەۋن مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسىگە: ــ يۈسۈپنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ سىلەرگە نېمە دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى. |
پس در حالی که قحطی همه جا را فرا گرفته بود، یوسف انبارها را گشوده، غلهٔ مورد نیاز را به مصریها میفروخت، زیرا قحطی در سرزمین مصر بسیار سخت بود. | 56 |
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى بېسىپ كەتتى. يۈسۈپ ھەر يەردىكى ئامبارلارنى ئېچىپ، مىسىرلىقلارغا ئاشلىق ساتاتتى؛ ئاچارچىلىق مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغىلى تۇردى. |
همچنین مردم از جاهای مختلف برای خرید غله نزد یوسف به مصر میآمدند، زیرا قحطی در سراسر زمین بسیار سخت بود. | 57 |
ئاچارچىلىق پۈتكۈل يەر يۈزىنى باسقان بولغاچقا، بارلىق يۇرتلاردىكى خەلقمۇ ئاشلىق ئالغىلى مىسىرغا يۈسۈپنىڭ قېشىغا كېلەتتى. |