این است تاریخچۀ نسل عیسو که همان ادوم است. | 1 |
تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ |
عیسو از دختران کنعان دو زن گرفت: عاده دختر ایلون حیتّی، و اهولیبامه دختر عنا، نوه صبعون حّوی. | 2 |
ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ |
او همچنین بسمه دختر اسماعیل، خواهر نبایوت را نیز به زنی گرفت. | 3 |
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى. |
عاده، الیفاز را برای عیسو زایید و بسمه رعوئیل را. | 4 |
ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. |
اهولیبامه، یعوش و یعلام و قورح را زایید. همهٔ پسران عیسو در سرزمین کنعان متولد شدند. | 5 |
ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى. |
عیسو، زنان و پسران و دختران و همهٔ اهل بیت و همۀ چارپایان و دارایی خود را که در سرزمین کنعان به دست آورده بود، برداشت و به سرزمینی دیگر دور از برادرش یعقوب رفت. | 6 |
ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى. |
زمین به اندازۀ کافی برای هر دوی آنها نبود، زیرا اموال و گلههای زیادی به دست آورده بودند. | 7 |
چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى. |
پس عیسو (که همان ادوم است) در کوهستان سعیر ساکن شد. | 8 |
بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى. |
این است تاریخچۀ نسل عیسو، پدر ادومیان، که در کوهستان سعیر زندگی میکرد. | 9 |
تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ |
این است نامهای پسران عیسو: الیفاز پسر عاده همسر عیسو؛ رعوئیل پسر بسمه همسر عیسو. | 10 |
ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
پسران الیفاز: تیمان، اومار، صفوا، جعتام و قناز بودند. | 11 |
الیفاز، پسر عیسو، مُتعهای به نام تمناع داشت که عمالیق را برای الیفاز به دنیا آورد. اینها هستند نوههای عاده، همسر عیسو. | 12 |
پسران رعوئیل نحت، زارح، شمه و مزه بودند. اینها هستند نوههای بسمه همسر عیسو. | 13 |
عیسو از اهولیبامه، دختر عنا و نوهٔ صبعون نیز پسران داشت به نامهای یعوش، یعلام و قورح. | 14 |
ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى. |
اینها هستند سران طایفههای نسل عیسو: نسل الیفاز پسر ارشد عیسو که از سران طایفهها بودند: تیمان، اومار، صفوا، قناز، | 15 |
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، |
قورح، جعتام و عمالیق. قبایل نامبرده فرزندان الیفاز پسر ارشد عیسو و همسرش عاده بودند. | 16 |
ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
سران این طایفهها فرزندان رعوئیل پسر عیسو از همسرش بسمه بودند: نحت، زارح، شمه و مزه. | 17 |
ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
اینها هستند پسران اهولیبامه همسر عیسو که از سران طایفهها بودند: یعوش، یعلام و قورح. اینها سران طایفههای اهولیبامه همسر عیسو بودند که دختر عَنا بود. | 18 |
ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى. |
19 |
بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، [ئېدومىيلارنىڭ] ئەمىرلىرى ئىدى. |
این است نامهای طایفههایی که از نسل سعیر حوری بودند. آنها در سرزمین ادوم زندگی میکردند: لوطان، شوبال، صبعون، عنه، | 20 |
ھورىيلاردىن بولغان سېئىرنىڭ [ئېدوم] زېمىنىدا ئولتۇرغان ئەۋلادلىرى: ــ لوتان، شوبال، زىبېئون، ئاناھ، دىشون، ئېزەر ۋە دىشان ئىدى. بۇلار سېئىرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئېدوم زېمىنىدا ھورىيلارنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. |
دیشون، ایصر، دیشان. اینها هستند نسل سعیر که از سران طایفههای حوری در سرزمین ادوم بودند. | 21 |
حوری و هومام از نسل لوطان بودند. لوطان خواهری داشت به نام تمناع. | 22 |
لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى. |
اینها پسران شوبال بودند: علوان، مناحت، عیبال، شفو و اونام. | 23 |
شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. |
پسران صبعون ایّه و عنا بودند. (عنا همان پسری بود که موقع چرانیدن الاغهای پدرش چشمههای آب گرم را در صحرا یافت.) | 24 |
زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى. |
فرزندان عنا دیشون و اهولیبامه بودند. | 25 |
ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى. |
پسران دیشون حمدان، اشبان، یتران و کران بودند. | 26 |
دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى. |
پسران ایصر بلهان، زعوان و عقان بودند. | 27 |
ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى. |
پسران دیشان عوص و اران بودند. | 28 |
دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى. |
پس اینها بودند سران طایفههای حوری: لوطان، شوبال، صبعون، عنا، | 29 |
ھورىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمىرلىرى: ئەمىر لوتان، ئەمىر شوبال، ئەمىر زىبېئون، ئەمىر ئاناھ، ئەمىر دىشون، ئەمىر ئېزەر ۋە ئەمىر دىشان ئىدى. بۇلار بولسا ھورىيلارنىڭ سېئىر زېمىنىدا ئۆز ناملىرى بويىچە ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئىدى. |
دیشون، ایصر و دیشان. طایفههای حوری برحسب سران طایفههایشان که در سرزمین سعیر زندگی میکردند نامیده شدند. | 30 |
اینها هستند پادشاهانی که در سرزمین ادوم سلطنت میکردند، قبل از آنکه پادشاهی بر بنیاسرائیل سلطنت کند: | 31 |
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ |
بالع، پسر بعور اهل دینهابه که در ادوم سلطنت میکرد. | 32 |
بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى. |
پس از مرگ بالع، یوباب، پسر زارح از شهر بصره به جای او پادشاه شد. | 33 |
بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. |
پس از مرگ یوباب، حوشام، از سرزمین تیمانیها به جای او پادشاه شد. | 34 |
يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. |
پس از مرگ حوشام، هَدَد، پسر بِداد از شهر عَویت به جای او پادشاه شد. او همان بود که لشکر مدیانیها را در سرزمین موآب شکست داد. | 35 |
ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. |
پس از مرگ هدد، سمله از شهر مسریقه به جای او پادشاه شد. | 36 |
ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. |
پس از مرگ سمله، شائول از شهر رحوبوت که در کنار رودخانهای واقع بود، به جای او پادشاه شد. | 37 |
ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. |
پس از مرگ شائول، بعل حانان، پسر عکبور به جای او پادشاه شد. | 38 |
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. |
پس از مرگ بعل حانان، هدد از شهر فاعو به جای او پادشاه شد. همسر هدد مهیطبئیل دختر مطرد و نوهٔ میذهب بود. | 39 |
ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى. |
اینها هستند سران طایفههای نسل عیسو که در جاهایی زندگی میکردند که به نام خودشان بود: تمناع، علوه، یتیت، | 40 |
ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. |
اهولیبامه، ایله، فینون، | 41 |
قناز، تیمان، مبصار، | 42 |
مجدیئیل و عیرام. همهٔ اینها ادومی و از نسل عیسو بودند و هر یک نام خود را بر ناحیهای که در آن ساکن بودند نهادند. | 43 |