مدتی گذشت و خدا خواست ایمان ابراهیم را امتحان کند. پس او را ندا داد: «ای ابراهیم!» ابراهیم جواب داد: «بله، خداوندا!» | 1 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
خدا فرمود: «یگانه پسرت یعنی اسحاق را که بسیار دوستش میداری برداشته، به سرزمین موریا برو و در آنجا وی را بر یکی از کوههایی که به تو نشان خواهم داد به عنوان هدیهٔ سوختنی، قربانی کن!» | 2 |
ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى. |
ابراهیم صبح زود برخاست و مقداری هیزم جهت آتش قربانی تهیه نمود، الاغ خود را پالان کرد و پسرش اسحاق و دو نفر از نوکرانش را برداشته، به سوی مکانی که خدا به او فرموده بود، روانه شد. | 3 |
ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. |
پس از سه روز راه، ابراهیم آن مکان را از دور دید. | 4 |
ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى. |
پس به نوکران خود گفت: «شما در اینجا پیش الاغ بمانید تا من و پسرم به آن مکان رفته، عبادت کنیم و نزد شما برگردیم.» | 5 |
ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى. |
ابراهیم هیزمی را که برای قربانی سوختنی آورده بود، بر دوش اسحاق گذاشت و خودش کارد و وسیلهای را که با آن آتش روشن میکردند برداشت و با هم روانه شدند. | 6 |
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. |
اسحاق پرسید: «پدر، ما هیزم و آتش با خود داریم، اما برهٔ قربانی کجاست؟» | 7 |
ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، |
ابراهیم در جواب گفت: «پسرم، خدا برهٔ قربانی را مهیا خواهد ساخت.» و هر دو به راه خود ادامه دادند. | 8 |
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى. |
وقتی به مکانی که خدا به ابراهیم فرموده بود رسیدند، ابراهیم مذبحی بنا کرده، هیزم را بر آن نهاد و اسحاق را بسته او را بر هیزم گذاشت. | 9 |
ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى. |
سپس او کارد را بالا برد تا اسحاق را قربانی کند. | 10 |
ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى. |
در همان لحظه، فرشتهٔ خداوند از آسمان ابراهیم را صدا زده گفت: «ابراهیم! ابراهیم!» او جواب داد: «بله خداوندا!» | 11 |
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى. |
فرشته گفت: «کارد را بر زمین بگذار و به پسرت آسیبی نرسان. اکنون دانستم که تو بسیار خداترس هستی، زیرا یگانه پسرت را از او دریغ نداشتی.» | 12 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى. |
آنگاه ابراهیم قوچی را دید که شاخهایش در بوتهای گیر کرده است. پس رفته قوچ را گرفت و آن را در عوض پسر خود به عنوان هدیهٔ سوختنی قربانی کرد. | 13 |
ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. |
ابراهیم آن مکان را «یهوه یری» (یعنی «خداوند تدارک میبیند») نامید که تا به امروز به همین نام معروف است. | 14 |
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. |
بار دیگر فرشتهٔ خداوند از آسمان ابراهیم را ندا داده، به او گفت: | 15 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ |
«خداوند میفرماید به ذات خود قسم خوردهام که چون مرا اطاعت کردی و حتی یگانه پسرت را از من دریغ نداشتی، | 16 |
سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، |
بهیقین تو را برکت خواهم داد و نسل تو را مانند ستارگان آسمان و شنهای دریا کثیر خواهم ساخت. آنها بر دشمنان خود پیروز شده، | 17 |
ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ. |
موجب برکت همهٔ قومهای جهان خواهند گشت، زیرا تو مرا اطاعت کردهای.» | 18 |
سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى. |
پس ایشان نزد نوکران باز آمده، به سوی منزل خود در بئرشِبَع حرکت کردند. | 19 |
ئاندىن ئىبراھىم يىگىتلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ باردى. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بەئەر-شېباغا يول ئالدى. ئىبراھىم بەئەر-شېبادا تۇرۇپ قالدى. |
بعد از این واقعه، به ابراهیم خبر رسید که مِلْکَه همسر ناحور برادر ابراهیم، هشت پسر به دنیا آورده است. | 20 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا مىلكاھمۇ ئىنىڭ ناھورغا بىرقانچە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ»، دېگەن خەۋەر يەتتى. |
اسامی آنها از این قرار بود: پسر ارشدش عوص، و بعد بوز، قموئیل (جد ارامیان)، | 21 |
ئۇلار بولسا تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇز ۋە ئارامنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئەل، |
کاسد، حزو، فلداش، یدلاف و بتوئیل. | 22 |
ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى. |
(بتوئیل پدر ربکا بود). علاوه بر این هشت پسر که از مِلکه به دنیا آمده بودند، | 23 |
(بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى. |
ناحور همچنین از کنیز خود به اسم رئومه، چهار فرزند دیگر داشت به نامهای طابح، جاحم، تاحش و معکه. | 24 |
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېنىزىكى رەئۇماھمۇ تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ دېگەنلەرنى تۇغۇپ بەردى. |