خداوند به ابرام فرمود: «ولایت، خانه پدری و خویشاوندان خود را رها کن و به سرزمینی که من تو را بدانجا هدایت خواهم نمود برو. | 1 |
پەرۋەردىگار [ئەسلىدە] ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن. |
من تو را پدر امت بزرگی میگردانم. تو را برکت میدهم و نامت را بزرگ میسازم و تو مایه برکت خواهی بود. | 2 |
شۇنداق قىلساڭ مەن سېنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن؛ |
آنانی را که تو را برکت دهند، برکت خواهم داد، و آنانی را که تو را لعنت کنند، لعنت خواهم کرد. همه مردم دنیا از تو برکت خواهند یافت.» | 3 |
كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى. |
پس ابرام طبق دستور خداوند، روانه شد و لوط نیز همراه او رفت. ابرام هفتاد و پنج ساله بود که حران را ترک گفت. | 4 |
ئابرام پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقىنى بويىچە [ھاراندىن] ئايرىلدى؛ لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئابرام ھاراندىن چىققىنىدا يەتمىش بەش ياشتا ئىدى. |
او همسرش سارای و برادرزادهاش لوط، غلامان و تمامی دارایی خود را که در حران به دست آورده بود، برداشت و به کنعان کوچ کرد. | 5 |
ئابرام ئايالى ساراي بىلەن ئىنىسىنىڭ ئوغلى لۇتنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يىغقان بارلىق مال-مۈلۈكىنى قوشۇپ، ھاراندا ئىگىدارچىلىق قىلغان ئادەملەرنى بىللە قېتىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار قانائان زېمىنىغا يېتىپ كەلدى. |
وقتی به کنعان رسیدند، در کنار بلوطِ موره واقع در شکیم خیمه زدند. در آن زمان کنعانیها در آن سرزمین ساکن بودند، | 6 |
ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى). |
آنگاه خداوند بر ابرام ظاهر شده، فرمود: «من این سرزمین را به نسل تو خواهم بخشید.» پس ابرام در آنجا مذبحی برای خداوند که بر او ظاهر شده بود، بنا کرد. | 7 |
پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى. |
سپس از آنجا کوچ کرده، به سرزمین کوهستانی که از طرف غرب به بیتئیل و از طرف شرق به عای ختم میشد، رفت. ابرام در آن محل خیمه زد و مذبحی برای خداوند بنا کرده، او را پرستش نمود. | 8 |
ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. |
بدین ترتیب ابرام با توقفهای پیدرپی به سمت نِگب کوچ کرد. | 9 |
ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى. |
ولی در آن سرزمین قحطی شد، پس ابرام به مصر رفت تا در آنجا زندگی کند. | 10 |
زېمىندا ئاچارچىلىق بولغانىدى؛ ئابرام مىسىرغا چۈشتى؛ ئۇ شۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولغانىدى، چۈنكى زېمىندا ئاچارچىلىق بەك ئېغىر ئىدى. |
وقتی به مرز سرزمین مصر نزدیک شدند، ابرام به همسرش گفت: «تو زن زیبایی هستی. | 11 |
ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن. |
وقتی مصریها تو را ببینند، خواهند گفت:”این زن اوست. او را بکشیم و زنش را تصاحب کنیم!“ | 12 |
شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، «بۇ ئۇنىڭ ئايالى ئىكەن» دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، سېنى تىرىك قالدۇرىدۇ. |
پس به آنها بگو تو خواهر منی، تا به خاطر تو مرا نکشند و با من به مهربانی رفتار کنند.» | 13 |
شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى. |
وقتی وارد مصر شدند، مردم آنجا دیدند که سارای زن زیبایی است. | 14 |
ئابرام مىسىرغا كىرگەندە شۇنداق بولدىكى، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئايالنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردى. |
عدهای از درباریانِ فرعون، سارای را دیدند و در حضور فرعون از زیبایی او بسیار تعریف کردند. فرعون دستور داد تا او را به قصرش ببرند. | 15 |
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرىمۇ ئۇنى كۆرۈپ، پىرەۋنگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايال پىرەۋننىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىلدى. |
آنگاه فرعون به خاطر سارای، هدایای فراوانی از قبیل گوسفند و گاو و شتر و الاغ و غلامان و کنیزان به ابرام بخشید. | 16 |
پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى. |
اما خداوند، فرعون و تمام افراد قصر او را به بلای سختی مبتلا کرد، زیرا سارای، زن ابرام را به قصر خود برده بود. | 17 |
ئەمما پەرۋەردىگار پىرەۋن ۋە ئۆيىدىكىلىرىنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينىڭ سەۋەبىدىن تولىمۇ ئېغىر ۋابالارغا مۇپتىلا قىلدى. |
فرعونْ ابرام را به نزد خود فرا خواند و به او گفت: «این چه کاری بود که با من کردی؟ چرا به من نگفتی که سارای زن توست؟ | 18 |
شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ |
چرا او را خواهر خود معرفی کردی تا او را به زنی بگیرم؟ حال او را بردار و از اینجا برو.» | 19 |
نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى. |
آنگاه فرعون به مأموران خود دستور داد تا ابرام و همسرش را با نوکران و کنیزان و هر آنچه داشتند روانه کنند. | 20 |
پىرەۋن ئۆز ئادەملىرىگە ئابرام توغرىسىدا ئەمر قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى، ئايالىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ يولغا سېلىۋەتتى. |