< عِزرا 6 >

آنگاه داریوش پادشاه فرمان داد که در کتابخانهٔ بابِل، که اسناد در آنجا نگهداری می‌شد، به تحقیق بپردازند. 1
ئاندىن پادىشاھ دارىئۇس بابىلدىكى دۆلەت-بايلىقلار ساقلانغان «ئارخىپلار ئۆيى»نى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يارلىقلارنى چۈشۈردى.
سرانجام در کاخ اکباتان که در سرزمین مادهاست طوماری پیدا کردند که روی آن چنین نوشته شده بود: 2
مېدىئا ئۆلكىسىدىكى ئاخمېتا قەلئەسىدىن بىر ئورام قەغەز تېپىلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر خاتىرە پۈتۈلگەن:
«در سال اول سلطنت کوروش پادشاه، در مورد خانۀ خدا در اورشلیم، این فرمان از طرف پادشاه صادر شد: خانهٔ خدا که محل تقدیم قربانیهاست، دوباره ساخته شود. عرض و بلندی خانه، هر یک شصت ذراع باشد. 3
«پادىشاھ قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پادىشاھ قورەش يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە دائىر مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرىدۇ: ــ «قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان ئورۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆي يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن؛ ئۇلى پۇختا سېلىنسۇن، ئۆينىڭ ئىگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئاتمىش گەز بولسۇن.
دیوار آن از سه ردیف سنگ بزرگ و یک ردیف چوب روی آن، ساخته شود. تمام هزینه آن از خزانهٔ پادشاه پرداخت شود. 4
ئۈچ قەۋەت يوغان تاش، بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ بىلەن سېلىنسۇن، بارلىق خىراجەت پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنسۇن.
ظروف طلا و نقره‌ای که نِبوکَدنِصَّر از خانهٔ خدا گرفته و به بابِل آورده بود، دوباره به اورشلیم بازگردانیده و مثل سابق، در خانۀ خدا گذاشته شود. 5
ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!».
پس داریوش پادشاه این فرمان را صادر کرد: «پس اکنون ای تَتِنایی استاندار، شِتَربوزِنای و سایر مقامات غرب رود فرات که همدستان ایشانید، از آنجا دور شوید. 6
[دارىئۇستىن يارلىق چۈشۈرۈلۈپ]: «ــ شۇڭا، ئى دەريانىڭ شۇ تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي ۋە شېتار-بوزناي ھەم سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار، ئەمدى سىلەر ئۇ يەردىن نېرى كېتىڭلار!
بگذارید خانهٔ خدا دوباره در جای سابقش ساخته شود و مزاحم فرماندار یهودا و سران قوم یهود که دست اندر کار ساختن خانهٔ خدا هستند، نشوید. 7
خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن؛ يەھۇدىيلارنىڭ باش ۋالىيسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىشىغا يول قويۇڭلار.
بلکه برای پیشرفت کار بی‌درنگ تمام مخارج ساختمانی را از خزانهٔ سلطنتی، از مالیاتی که در طرف غرب رود فرات جمع‌آوری می‌شود، بپردازید. 8
شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن.
هر روز، طبق درخواست کاهنانی که در اورشلیم هستند به ایشان گندم، شراب، نمک، روغن زیتون و نیز گاو و قوچ و بره بدهید تا قربانیهایی که مورد پسند خدای آسمانی است، تقدیم نمایند و برای سلامتی پادشاه و پسرانش دعا کنند. 9
ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا، جۈملىدىن ئاسماندىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا، مەيلى ئەركەك تورپاق بولسۇن، قوچقار ياكى قوزىلار بولسىمۇ، شۇلار بېرىلسۇن؛ يەنە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلارنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە بۇغداي، تۇز، شاراب ياكى زەيتۇن مايلار بولسۇن شۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم قىلىنماي، ھەر كۈنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇلسۇن.
10
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماندىكى خۇداغا خۇشبۇي قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىسۇن.
هر که این فرمان مرا تغییر دهد، چوبه داری از تیرهای سقف خانه‌اش درست شود و بر آن به دار کشیده شود و خانه‌اش به زباله‌دان تبدیل گردد. 11
مەن يەنە بۇيرۇيمەنكى، كىمكى بۇ يارلىقنى ئۆزگەرتسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال لىمى سۇغۇرۇۋېلىنىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، شۇ كىشى ئۇنىڭغا ئېسىپ مىخلاپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلسۇن!
هر پادشاه و هر قومی که این فرمان را تغییر دهد و خانهٔ خدا را خراب کند، آن خدایی که شهر اورشلیم را برای محل خانهٔ خود انتخاب کرده است، او را از بین ببرد. من، داریوش پادشاه، این فرمان را صادر کردم، پس بدون تأخیر اجرا شود. 12
ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى.
تَتِنایی استاندار، شِتَربوزِنای و همدستانش فوری فرمان پادشاه را اجرا کردند.» 13
ئاندىن دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي، شېتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى پادىشاھ دارىئۇسنىڭ ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ ئىشنى بەجا كەلتۈردى.
پس سران قوم یهود به بازسازی خانهٔ خدا مشغول شدند و در اثر پیامهای تشویق‌آمیز حَجَّی و زکریای نبی کار را پیش بردند و سرانجام خانهٔ خدا مطابق دستور خدای اسرائیل و فرمان کوروش و داریوش و اردشیر، پادشاهان پارس، ساخته شد. 14
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ بېشارەت بېرىشلىرى بىلەن شۇ ئىشتا روناق تاپتى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە، شۇنداقلا قورەش، دارىئۇس ۋە ئارتاخشاشتا قاتارلىق پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆينى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى پۈتتۈردى.
به این ترتیب کار بازسازی خانهٔ خدا در روز سوم ماه اَدار از سال ششم سلطنت داریوش پادشاه، تکمیل گردید. 15
بۇ ئۆي دارىئۇس پادىشاھى سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئادار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى پۈتكۈزۈلدى.
در این هنگام کاهنان، لاویان و تمام کسانی که از اسیری بازگشته بودند با شادی خانهٔ خدا را تبرک نمودند. 16
ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى.
برای تبرک خانهٔ خدا، صد گاو، دویست قوچ، و چهارصد بره قربانی شد. دوازده بز نر نیز برای کفارهٔ گناهان دوازده قبیلهٔ اسرائیل قربانی گردید. 17
ئۆينى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز تورپاق، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزا سۇندى ھەم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بارلىق ئىسرائىل ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكىنى سۇندى.
سپس کاهنان و لاویان را سر خدمت خود در خانهٔ خدا در اورشلیم قرار دادند تا طبق دستورهای شریعت موسی به کار مشغول شوند. 18
ئۇلار يەنە يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەت-خىزمىتىنى ئۆتەشكە، مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، كاھىنلارنى ئۆز نۆۋىتى بويىچە، لاۋىيلارنى گۇرۇپپىلىرى بويىچە تۇرغۇزدى.
یهودیانی که از اسارت بازگشته بودند، در روز چهاردهم ماه اول سال، عید پِسَح را جشن گرفتند. 19
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى.
تمام کاهنان و لاویان خود را برای این عید تطهیر کردند و لاویان بره‌های عید پِسَح را برای تمام قوم، کاهنان و خودشان ذبح کردند. 20
چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان [قوزىلىرىنى] سويدى.
پس یهودیانی که از اسارت بازگشته بودند همراه با کسانی که از اعمال قبیح قومهای بت‌پرست دست کشیده بودند تا خداوند، خدای اسرائیل را عبادت کنند، قربانی عید پِسَح را خوردند. 21
سۈرگۈنلۈكتىن [يېڭىلا] قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى زېمىندىكى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن ئايرىپ چىققان بارلىق كىشىلەر قوزا گۆشلىرىنى بىرلىكتە يېيىشتى.
آنها عید نان فطیر را هفت روز با شادی جشن گرفتند، زیرا خداوند، پادشاه آشور را بر آن داشت تا در ساختن خانهٔ خدای حقیقی که خدای اسرائیل باشد، به ایشان کمک کند. 22
ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى.

< عِزرا 6 >