آنگاه دو نبی به اسامی حَجَّی و زکریا (پسر عِدّو) شروع کردند به دادن پیغام خدای اسرائیل به یهودیان اورشلیم و یهودا. | 1 |
بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى. |
وقتی زروبابِل و یهوشع پیغام آنها را شنیدند، به بازسازی خانهٔ خدا در اورشلیم مشغول شدند و این دو نبی نیز به آنان کمک کردند. | 2 |
شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى. |
ولی در این هنگام تَتِنایی، استاندار غرب رود فرات و شِتَربوزِنای و همدستان آنها به اورشلیم آمدند و گفتند: «چه کسی به شما اجازه داده است خانهٔ خدا را بسازید و ساختمانش را تکمیل کنید؟» | 3 |
شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى. |
سپس از آنها خواستند نام تمام کسانی را که مشغول ساختن خانۀ خدا بودند، به ایشان بدهند. | 4 |
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى. |
ولی از آنجا که خدا مراقب سرپرستان یهودی بود، آنها نتوانستند از کار ایشان جلوگیری کنند. پس تَتِنایی، شِتَربوزِنای و همدستان ایشان که مقامات غرب رود فرات بودند جریان را طی نامهای به اطلاع داریوش پادشاه رسانیدند و منتظر جواب ماندند. | 5 |
لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى. |
6 |
دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك: |
متن نامه چنین بود: «درود بر داریوش پادشاه! | 7 |
ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي! |
به آگاهی میرساند که ما به محل ساختمان خانهٔ خدای بزرگ یهودیان رفتیم و دیدیم این خانه را با سنگهای بزرگ میسازند و تیرهای چوبی در دیوار آن کار میگذارند. کار به تندی و با موفقیت پیش میرود. | 8 |
پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. |
ما از سرپرستان ایشان پرسیدیم که چه کسی به آنها اجازهٔ این کار را داده است. | 9 |
ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق. |
سپس نامهای آنها را پرسیدیم تا به آگاهی شما برسانیم که سرپرستان ایشان چه کسانی هستند. | 10 |
ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق. |
جوابشان این بود:”ما خدمتگزاران خدای آسمان و زمین هستیم و اکنون خانۀ خدا را که قرنها پیش بهوسیلۀ پادشاه بزرگ اسرائیل بنا شد، دوباره میسازیم. | 11 |
ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى. |
اجداد ما خدای آسمان را به خشم آوردند، پس خدا ایشان را به دست نِبوکَدنِصَّر، پادشاه بابِل تسلیم کرد و او این خانه را خراب نمود و قوم اسرائیل را اسیر کرده، به بابِل برد. | 12 |
لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن. |
اما کوروش پادشاه، فاتح بابِل، در سال اول سلطنتش فرمانی صادر کرد که خانۀ خدا از نو ساخته شود. | 13 |
لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن. |
همچنین او تمام ظروف طلا و نقرهای را که نِبوکَدنِصَّر از خانۀ خدا از اورشلیم گرفته و در بتخانهٔ بابِل گذاشته بود، دوباره به خانهٔ خدا بازگرداند. کوروش این ظروف را به شِیشبَصَّر که خودش او را به سمت فرمانداری یهودا تعیین کرده بود، سپرد | 14 |
ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. |
و به او دستور داد که ظروف را به محل خانهٔ خدا در اورشلیم بازگرداند و خانهٔ خدا را در آن محل دوباره بنا کند. | 15 |
ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان |
پس شِیشبَصَّر به اورشلیم آمد و پایههای خانهٔ خدا را گذاشت؛ و از آن وقت تا به حال ما مشغول بنای آن هستیم، ولی کار هنوز تمام نشده است.“ | 16 |
ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى. |
حال اگر پادشاه صلاح میدانند امر فرمایند تا در کتابخانهٔ سلطنتی بابِل تحقیق کنند و ببینند که آیا به درستی کوروش پادشاه چنین فرمانی داده است یا نه؟ سپس پادشاه خواست خود را به ما ابلاغ فرمایند.» | 17 |
ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز». |